شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2007- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرۇلغان مەبلىغى 30 مىلىيۇن يۈەن . ئاساسلىقى يۈك-ترانسپورت، ئەقلىي مۈلۈك ۋەكالەتچىلىكى (ماركا ۋەكالەتچىلىكى )، ئۆي – مۈلۈك ۋاستىچىلىقى ، ئىنتىرنېت مۇلازىمىتى ( تور بەت لايىھىلەش) ،ئېلان لايىھەلەش، سودائۇچۇر ۋەكالەتچىلىكى قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .
شىركىتىمىز  دۆلەتلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ماركا ئىدارىسىغا رەسمى ئەنگە ئالدۇرۇپ ، بىۋاستە ماركا مۇلازىمەت كەسپىنى بىجىرىش ھوقۇقىغا ئىگە ماركا ۋەكالەتچىلىك ئورنىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ھازىرغا قەدەر شىنجاڭ ھەتتا مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركەت- كارخانىلار، سودىگەرلەر ئۈچۈن نەچچە يۈز ماركىنى رويىخەتكە ئالدۇرۇش كەسپىنى ۋەكالىتەن بىجىرىپ، نۇرغۇنلىغان خېرىدارلارنىڭ ياخشى باھاسى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى .
شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى ماركا تورى www.marka.cn  مەخسۇس ماركا ئۇچۇر- مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي توربېكەت بولۇپ، ماركىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن بىلىم-ساۋات ۋە خەۋەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ يوللاش ئارقىلىق ، ماركا ئىشلىرىنى بىجىرىش ئالدىدىكى خېرىدارلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا زور ياردەم بەردى
بۇنىڭدىن باشقا، شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى قۇياش تورى، ئۇلنىش تورى ، ئەلسودا تورى ، قۇياش سالونى ۋە خەزىنە سالونى ئۆزىگە خاس سەھىپە ۋە مەزمۇنلىرى بىلەن كەڭ تورداشلارنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە.
شىركىتىمىز يېقىندا رەسمى يولغا قويغان ئېلانچىلىق مۇلازىمىتى ( قۇياش ئېلانچىلىقى ) پۈتۈن شىنجاڭدىكى خېرىدارلارنىڭ تەكشىلىك ئېلان –ۋىۋىسكا ، ئورالما قاپ، ئىسىم كارتىسى ، تەشۋىقات ، مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلۈشى . . . قاتارلىق لايىھەلىرىنى يوقۇرى سۈپەت، ئەرزان باھادا لايىھىلەپ ۋە ئۆلچەملىك بېسىپ چىقىرىپ ، خەلقنىڭ كۈنسىرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەكشىلىك ئېلان مۇلازىمىتى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشەنچلىك ۋە سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىدۇ .
  2016 - يىلىنى ئۇزۇتۇپ، 2017 - يىلىغا قەدەم قۇيۇش ھارپىسىدا، شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئىنتايىن خوشاللىنارلىق بىر نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى. يەنى ، شىركىتىمىز نامىدىكى «قۇياش» ماركىسى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى بولۇپ باھالىنىپ ، ئالاھىدە گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلدى .
2017- يىلىنى كۈتىۋېلىش ھارپىسىدا، شىركىتىمىز ماركىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى بولۇپ باھالانغانلىقى، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار شىركىتىمىزنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئېلىپ بارغان خىزمىتىگە بەرگەن زور ئىلھام ۋە كاتتا مۇكاپاتتۇر.




ئۇنىڭدىن باشقا، شىركىتىمىز  بۇيىل 10- ئايدا ،ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن 2015-2016يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە «توختامغا رىئايە قىلىپ، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان» كارخانا دەپ بېكىتىلدى.
 
 بىز چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ، «قۇياش» ماركىسىنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتۈرۈپ، خەلقىمىزنى سەمىمىي ، ئىشەنچىلىك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيمىز!
شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ماركا ئىشلىرى 
ئىشخانىسىنىڭ ئادرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايۇنى 
يېڭئاۋات يولى ئۈچتاش باج پونكىتىنىڭ قارشى تەرىپىدە
(پەرۋاز رېستۇرانىغا يېقىن(
ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 7777755-0991، 8888549-0991