ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
دۆلەت سودا- سانائەت ئىدارىسى - ماركا ئىدارىسىنىڭ بىرقىسىم ماركا ۋاكەلەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىغا چىقارغان ئومۇمى ئۇقتۇرۇشى
دۆلەت سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ماركا ئىدارىسى ئالاقىدار ئەرزلەرنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، بىرقىسىم ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇردى، ھەمدە « تاۋار ماركىسى قانۇنى» ، « ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى» ، « ئېلان قانۇنى» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلدى.دۆلەت ماركا ئىدارىسى دېلوغا چېتىشلىق قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا ۋاقتىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغدىدى. ماركا ئىدارىسى سەككىز تۈرلۈك ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى يەنىمۇ رەتلەپ ۋە يىغىنچاقلاپ، ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جامائەتنىڭ ئالدىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتتى.
1. سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى – ماركا ئىدارىسىنى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساختا تەشۋىق قىلىش
ۋاكالەت ئاپپاراتى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تەستىقى بىلەن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلاشقانلىقىنى، ئىچكى يولى بارلىقىنى، سودا-سانائەت باش ئىدارىسى بىلەن ھەممىباب ئادۋوكاتى بارلىقىنى تەشۋىق قىلىش.
2. ساختا شان-شەرەپ ئويدۇرۇپ چىقىش
ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالاقىدار شەرەپلىك نام بېرىلگەنلىكىنى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكا ئېسىش، كۆرسەتمە بېرىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش.
3. ساختا ۋەدە بېرىش
ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ماركا ئىلتىماسىنى تەستىقلىتىش نىسبىتى %100 ، تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز دەپ ۋەدە- قەسەم بېرىش.
4. ماركا ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى ساختا تەشۋىق قىلىش
ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلسا تېز سۈرئەتتە قوبۇل قىلغىلى، تەكشۈرگىلى، رويخەتنامىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى جاكارلاش.
5. ئالاقىدار ھۆججەت، ئۇچۇرلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش
ۋاكالەت ئاپپاراتى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپى ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئازدۇرۇش. تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتى، تامغىسى قاتارلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ساختا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش، بۆلۈپ ئىلتىماس قىلىش، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە دائىر ساختا ماتىرىياللارنى تەمىنلەش .
6. باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ئىش ئېلىش
ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتى باشقا ۋاكالەتچى ئاپپاراتلارغا قارا چاپلاپ، ئۆزىنىڭ ماركىغا قايتا قاراپ چىقىشنى رەت قىلىشتا ئۇتۇپ چىقىش نىسبىتىنى كۆپتۈرۈپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئالداپ ۋاكالەتچىلىكنى ئۆزگەرتىپ قايتا قاراپ چىقىرىش ياكى دەۋا قىلدۇرۇش. يالغاندىن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسى باشقا تۈردىكى رويخەتكە ئېلىندى، دەپ يالغان ئېيتىپ، تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا باشقا تۈردىكى تاۋار ماركىسىنى كۆپەيتىپ ئىلتىماس قىلغۇزۇش. غەيرىي نورمال ۋاستىلەر ئارقىلىق ئاۋۋال ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقى توسالغۇسىنى بىر تەرەپ قىلالايمىز دەپ چۈشەندۈرۈش. تېخى ئاشكارىلانمىغان تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئالدىن ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى جاكارلاش. تاۋار ماركىسى رەت قىلىندى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ، قايتۇرىۋىتىلدى ، دەپ ماركا ئىگىلىرىنى ئالداش.
7. ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى نامىدىن پايدىلىنىپ، تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش ھەققىدىن باشقا« رويخەتكە ئېلىش ھەققى» ، « تاۋار ماركىسىنى ئالدىن قوغداش ھەققى» ، « رويخەتنامە ھەققى» ، « تاۋار ماركىسى دائىرە نامىنى قوغداش ھەققى» ، « تاۋار ماركىسىنىڭ نەشر ھوقۇقىنى قوغداش ھەققى» ، « توردا تىجارەت قىلىش ھەققى» ، « رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى تىزىملاش ھەققى» ، « رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش ھەققى» ، « توردا تاۋار ماركىسىنى كۆرگەزمە قىلىش ھەققى» ، « 15-مارت بەلگە ھەققى» ، « تاۋار ماركىسىنى يىللىق قوغداش ھەققى» قاتارلىقلارنى ئېلىپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئالداش.
8. شايكا ئالدامچىلىقى
ئالاقىدار تاۋار ماركىسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، باشقىلارنى يۇقىرىقى تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش، باشقىچە پىكىر بېرىش، كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش قاتارلىق تۈرلەرگە يامان غەرەزدە ئىلتىماس قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئالداپ يۇقىرى سوممىلىق ھەق تۆلىگەندىن كېيىن، ئالاقىدار ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋېلىشقا بۇيرۇش.
ئالاقىدار جامائەت تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ يۇقىرىقى قىلمىشلارنى بايقىسا، ئالاقىدار يىپ ئۇچى، دەلىل-ئىسپاتلارنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەرز قىلسا ۋە پاش قىلسا بولىدۇ. قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ماقالە مەنبەسى – جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمەت تورى
بۇ يەرنى بېسىپ ئەسلى ماقالىنى كۆرۈڭ.

http://www.gov.cn/xinwen/2018-02/28/content_5269384.htm
شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ .

ھەمبەھىرلەش