ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ئوخشاش بىر تاۋار ماركىسىنى بىر كۈندە رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ توردا چەك تارتىش ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى رەسمىي يولغا قۇيۇلدى!
-7 ئاينىڭ 20- كۈنى، ئوخشاش بىر تاۋار ماركىسىنى بىر كۈندە رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ توردا چەك تارتىش ۋە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسى رەسمىي يولغا قۇيۇلدى! تۇنجى كۈنىدىكى چەك تارتىش مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، چەك تارتىشقا قاتنىشىشقا تېگىشلىك گۇرۇپپا 130 گۇرۇپپا بولۇپ، 270 دىن ئارتۇق تاۋار ماركىسىغا چېتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە سالاھىيەت تەكشۈرۈش ئارقىلىق 133 تاۋار ماركىسى ماقۇللىنىپ، 108 تاۋار ماركىسى ئىمزا قويۇلدى، 108 تاۋار ماركىسى چەك تارتىشقا قاتناشتۇرۇلدى.
تاۋار ماركىسى قانۇنى ۋە تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىدا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بىر كۈندە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ھەر قايسى ئىلتىماس قىلغۇچىلار دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى (تۆۋەندە تاۋار ماركىسى ئىدارىسى دېيىلىدۇ) غا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى شۇ تاۋار ماركىسىنى ئاۋۋال ئىشلەتكەنلىك دەلىل-ئىسپاتىنى تاپشۇرۇشى كېرەك. ئەگەر ئاۋال ئىشلەتكەنلىك ئىسپاتىنى تەمىنلىيەلمىسە، ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئۆزلىرى كېڭەشسە ھەمدە يازما كېلىشىمنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە يوللىسا بولىدۇ ،كېڭىشىشنى خالىمىسا ياكى كېلىشەلمىسە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماس قىلغۇچىلارغا چەك تارتىش ئۇسۇلى بىلەن بىر ئىلتىماس قىلغۇچىنى بېكىتىپ، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى رەت قىلىشنى ئۇقتۇرىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: " بۇنىڭدىن ئىلگىرى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىزچىل تۈردە نەق مەيداندا چەك تارتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ماتېرىياللارنى ئالدىن تەييارلاپ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە يىغىلىپ نەق مەيداندا چەك تارتىشقا قاتنىشاتتى."
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش نەق مەيداندا چەك تارتىش خىزمىتىنى ئىلتىماس قىلىشنى نورمال قانات يايدۇرالماي، ئالاقىدار تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ يىل تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئوتتۇرىچە تەكشۈرۈش مۇددىتىنى تۆت ئاي ئىچىگە قىسقارتىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ۋاقتىدا يېڭى تەدبىر قوللىنىپ، توردا چەك تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ بالدۇرراق ھوقۇق تەۋەلىكىنى بېكىتىپ، كارخانا تەننەرخى ۋە مەمۇرىي تەننەرخنى ئۈنۈملۈك تېجەشكە كاپالەتلىك قىلدى.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: " توردا چەك تارتىش ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ مۇددىتىنى قىسقارتتى، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى بىر كۈندە ئىلتىماس قىلىش بويىچە توردا چەك تارتىش سىستېمىسىنى قەرەلىدە تورغا چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى مەخسۇس سىنىپ قۇرۇپ، ۋاقىت قىس بولۇش، ۋەزىپە ئېغىر بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى پائال يېڭىپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىلا قانۇن دەلىلى، يۇمشاق دېتال لايىھەسى، سىستېما سىنىقى ۋە مۇلازىمەت ئۈسكۈنىسى بېسىمىنى سىناپ، توردا چەك تارتىش ئىقتىدارىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇردى.ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى بىر كۈندە رويخەتكە ئالدۇرۇش نەق مەيداندا چەك تارتىشتىن توردا چەك تارتىشقا ئۆزگەرتىلىپ، سانلىق مەلۇماتنى كۆپرەك تەكشۈرۈش، ئاممىنى ئاز يول ماڭدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ" ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى"نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان يۇقۇمىغا پائال تاقابىل تۇرۇشتىكى يەنە بىر يېڭى تەدبىرى.
مۇخبىر زىيارەت قىلىش ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ بۇ قېتىمقى توردا چەك تارتىش پائالىيىتىنىڭ ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىگىلىدى.ئۇلار:" توردا چەك تارتىش بىزنىڭ ۋاقتىمىز ۋە ئىقتىسادىي تەننەرخىمىزنى زور دەرىجىدە تېجەپ بەردى، شۇنداقلا ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا تېخىمۇ كاپالەتلىك قىلدى، بۇ ئىنتايىن ياخشى ئىسلاھات تەدبىرى" دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 23-كۈنىگىچە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى 4 مەيدان ئوخشاش تاۋار ماركىسىنى بىركۈندەرويخەتكە ئالدۇرغانلارنى توردا چەك تارتىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، جەمئىي 617 گۇرۇپپا (1341 دانە تاۋار ماركىسى) قاتناشقان. 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت نۆلگىچە، جەمئىي 560 تىن ئارتۇق تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئىسچوتنى رويخەتكە ئالدۇردى ھەم سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى، بۇ 664 تاۋار ماركىسىغا چېتىلىدۇ.
دۆلەت ماركا ئىدارىسى

2020-يىلى 7- ئاينىڭ 23- كۈنى
شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ .
ھەمبەھىرلەش