مونىكا ماركىسىنى باشقىلار تىزىملىتىۋالدى، بۇنىڭغا ماركا ئىدارىسى نىمە دەيدۇ؟

تۆۋەندىكىسى يېقىندا جىياڭشىلىق بىر تورت دۇكىنى خۇجايىنىنىڭ دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا يازغان ئەرز خېتى-
خەت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
  ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر ياخشىمۇسىلەر، مەن جياڭشىنىڭ يىڭتەن شەھىرىدىن كەلگەن دېھقان، ھازىر بىر تورت دۇكىنىنىڭ تىجارەتچىسى، دۇكان ئىسمى مونىكا، ھەر قايسى رەھبەرلەرگە تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلماقچى: بىز يىڭتەنلىكلەر سىرتتا تورت دۇكىنى ئاچىمىز،ھەممىسىنىڭ ۋىۋىسكىدىكى ئىسمى  ئوخشاشلا مونىكا،بىز بۇ ئىسىمدا تىجارەت كىنىشكىسىنى 2008-يىلىلا سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئورنىدا تىزىمغا ئالدۇرغان، ھازىرغىچە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر قايسى جايلاردا نەچچە يۈزدىن  كۆپرەك دۇكان تىجارەت قىلىۋاتىدۇ. ھازىر فۇجيەنلىك خۇاڭ ۋۇپىڭ ئىسىملىك بىر ئادەم بارلىق كىشىلەرنى سوتقا ئەرز قىلدى. بۇكىشى  2012-يىلى فۇجيەندە بىزنىڭ تاۋار ماركىمىز بولغان«مونىكا» نى رويخەتكە ئالدۇرىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا بىر ئەمەلىي دۇكىنى يوق، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ماركىمىزنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. ھازىر سوت تەرەپ پۈتۈن مونىكا تورت دۇكىنىدىكى سودىگەرلەر ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بىۋاستە چاقىرىق قەغىزى تارقىتىپ، بىزدىن بۇ فۇجىيەنلىككە 200 مىڭ يۈەندىن 800 مىڭ يۈەنگىچە تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش تۆلىمى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. مەن پەقەت بىر كىچىك ئىگىلىك تىكلىگۈچى، تىجارەت قىلغىلى بىر يىل بولمايلا، چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. مەن قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم، فۇجيەن مونىكا ماركا تىجارىتىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا ئامالىم بولمىدى ،ھەم  كىمنى ئىزدەشنىمۇ بىلمىدىم، مەندەك بىر نامرات ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، 200 مىڭ ھەقىقەتەن ئاسترونومىيىلىك سان، نەچچە ئون يىل ئىشلىگەندىلا ئاندىن تاپقىلى بولىدۇ، مېنىڭ قالدۇرغان سۆزۈمنى دۆلەت كۆرەلەمدۇ؟ ئەگەر پۇقرالارغا ياردەم قىلالىساق، مېنىڭ تېلېفون نومۇرۇم 183*******.
 بۇكىشىنىڭ ئەرزىگە دۆلەت ماركا ئىدارىسى خادىمىنىڭ بەرگەن جاۋابى:
ئەدلىيە ئورۇنلىرىدىن مەسلىھەت سوراپ بېقىڭ.

ئەرزنىڭ ئەسلى نۇسقىسى بۇيەردە:
مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى

شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 

ھەمبەھىرلەش