تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە (دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ 17-نومۇرلۇق پەرمانى)

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە بەلگىلىمە (دۆلەت بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ 17-نومۇرلۇق پەرمانى)
 
1-ماددا بۇ بەلگىلىمە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يامان غەرەزدە تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى باشقۇرۇش تەرتىپىنى قوغداش، جامائەت مەنپەئىتىنى قوغداش مەقسىتىدە، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى» (تۆۋەندە تاۋار ماركىسى قانۇنى دېيىلىدۇ) ۋە« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» (تۆۋەندە تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى دېيىلىدۇ) غا ئاساسەن چىقىرىلدى.
2-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە تارماق قائىدىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىش، تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئىگە بولۇش كېرەك.
3-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلىشقا بولمايدۇ :
 (1) تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلىتىش مەقسەت قىلىنمىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى يامان نىيەتتە ئىلتىماس قىلىش؛
(2) تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 13-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، باشقىلارنىڭ مەشھۇر تاۋار ماركىسىنى كۆپەيتكەن، تەقلىد قىلغان ياكى تەرجىمە قىلغان بولسا؛
(3) تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 15-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە تەۋە بولۇپ، ۋاكالەتچى، ۋەكىل ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ياكى ۋەكىللىك قىلىنغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا؛ توختام، كەسپىي ئالاقە مۇناسىۋىتى ياكى باشقىلارنىڭ ئاۋۋال ئىشلەتكەن تاۋار ماركىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپ، شۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا؛
4 تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 32-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە تەۋە بولۇپ، باشقىلارنىڭ ھازىرقى ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزسە ياكى باشقىلار ئىشلەتكەن ھەمدە مەلۇم تەسىرى بولغان تاۋار ماركىسىنى ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئاۋۋال رويخەتكە ئالدۇرسا ؛
(5) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئالدامچىلىق ياكى باشقا ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئىلتىماس قىلىش؛
(6) سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، جامائەت تەرتىپىگە، ياخشى ئادەتلەرگە خىلاپلىق قىلغان ياكى باشقا ناچار تەسىر پەيدا قىلغانلار.
4-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشىنىڭ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
(1) تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئىشلىتىش مەقسەت قىلىنمىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى يامان غەرەزدە ئىلتىماس قىلغانلار؛
(2) تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 15-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولسا؛
(3) تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 32-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بولسا؛
تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىلىك مۇلازىمىتىنى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندىن سىرت، باشقا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ، ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك بازىرى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرسا بولمايدۇ.
5-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىدا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش تارمىقى تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان، ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلمىغان يامان غەرەزلىك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى بايقىسا، قانۇن بويىچە رەت قىلىشى، ئېلان قىلماسلىقى كېرەك.
كونكرېت تەكشۈرۈش قائىدىسىنى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالغۇچى تارماق تاۋار ماركىسى قانۇنى ۋە تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىغا ئاساسەن ئايرىم تۈزىدۇ.
6-ماددا دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتىلگەن ئېلان قىلىنغان تاۋار ماركىسى ھەققىدە ئېلان مۆھلىتى ئىچىدە، مۇشۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش سەۋەبى بىلەن باشقىچە پىكىر بولسا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالغۇچى تارماق تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشقىچە پىكىر ئاساسى پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە رويخەتكە ئالماسلىق قارارى چىقىرىشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش تارمىقى قايتا تەكشۈرۈشنى رەت قىلىش ۋە رويخەتكە ئېلىپ قايتا تەكشۈرمەسلىك ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى قاراپ چىقىپ، بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە رەت قىلىش ياكى رويخەتكە ئالماسلىق قارارى چىقىرىشى كېرەك.
7-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ بولغاچقا، قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش توغرىسىدا ئىلتىماس قىلىنسا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالغۇچى تارماق سوت قىلىش ئارقىلىق كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ جاكارلاش سەۋەبى پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ دەپ قارىسا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ قانۇن بويىچە كېسىم چىقىرىشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش تارمىقى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بايقىسا، تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 44-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلىشى كېرەك.
8-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش تارمىقى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىلتىماسىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، تۆۋەندىكى ئامىللارنى ھەر تەرەپلىمە ئويلاشسا بولىدۇ:
1) ئىلتىماس قىلغۇچى ياكى ئۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بولغان تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە، باشقا تەشكىلاتلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنىڭ سانى، ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تۈرى، تاۋار ماركىسى سودا ئەھۋالى قاتارلىقلار؛
2) ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق كەسىپ، تىجارەت ئەھۋالى قاتارلىقلار؛
3) ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان مەمۇرىي قارارى ياكى كېسىمى، ئەدلىيە ھۆكۈمىدە تاۋار ماركىسىنى يامان غەرەزدە رويخەتكە ئېلىش قىلمىشى، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى بېكىتىش ئەھۋالى؛
(4) رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسى بىلەن باشقىلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە داڭقى بار تاۋار ماركىسى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال؛
(5) رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، كارخانا نامى، كارخانا نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى ياكى باشقا سودا بەلگىسى قاتارلىقلارغا ئوخشايدىغان ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئەھۋال؛
(6) تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش تارمىقى ئويلىنىشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان باشقا ئامىللار.
9-ماددا تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئەھۋالى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش تارمىقىنىڭ بۇ بەلگىلىمىنىڭ 3-ماددىسىغا خىلاپ ئەھۋاللارنى بېكىتىشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
10-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى يوللۇق سەۋەبى يوق تۇرۇپ ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمىسە، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش تارمىقىغا رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالغۇچى تارماق قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىغا ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ئىككى ئاي ئىچىدە شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشتىن ئىلگىرى ئىشلەتكەنلىك دەلىل-ئىسپات ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇشى ياكى ئىشلەتمەسلىكتىكى ئورۇنلۇق سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك، مۆھلەت توشقۇچە ئىشلەتمىگەن دەلىل-ئىسپات ماتېرىيالى ياكى دەلىل-ئىسپات ماتېرىيالى كۈچكە ئىگە بولمىسا ھەمدە ئورۇنلۇق سەۋەبى بولمىسا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالغۇچى تارماق رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىدۇ.
11-ماددا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالغۇچى ئورۇن بۇ بەلگىلىمىنىڭ 5-، 6-، 7-ماددىلىرىدا ئېيتىلغان قارار ياكى كېسىمنى چىقارغاندىن كېيىن ئېلان قىلىدۇ.
12-ماددا بۇ بەلگىلىمىنىڭ 3-ماددىسىغا خىلاپ ھالدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 68-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جاي ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قىلمىشىغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەمۇرىي جازا بېرىدۇ. قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بارلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن يۇقىرى، 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرىغا 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ.
13-ماددا بۇ بەلگىلىمىنىڭ 4-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىغا تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 68-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، قىلمىش سادىر قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش سادىر بولغان جايدىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلارغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. قىلمىشى ئېغىر بولسا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تارمىقى شۇ تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك كەسپىنى بېجىرىشنى توختىتىشنى قارار قىلىپ ئېلان قىلسا بولىدۇ.
14-ماددا مەمۇرىي جازا قارارى چىقارغان ھۆكۈمەت تارمىقى جازا ئۇچۇرىنى قانۇن بويىچە دۆلەت كارخانىسىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.
15-ماددا بۇ بەلگىلىمىنىڭ 4-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغان تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ مەسئۇللىرىنى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تارمىقى تۈزىتىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدۇ.
16-ماددا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تارمىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماس قىلغۇچىنى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى قانۇن بويىچە ئىلتىماس قىلىشقا، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىنى قانۇن بويىچە تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا پائال يېتەكلەپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىدە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش يوللىرىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش تەرتىپىنى ياخشىلاپ، تاۋار ماركىسى جامائەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى بىۋاسىتە ئىلتىماس قىلىشىنى قولايلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
17-ماددا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تارمىقى ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىنىڭ قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالىدىغان دۆلەت ئورگىنى خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ئىشلىرىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بېجىرىپ، ئالاقىدارلاردىن پۇل-مال ئېلىپ، نامۇۋاپىق پايدا ئېلىۋالغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
18-ماددا تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ساھە تەشكىلاتى ساھە تەلەپچانلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساھە تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ساھە تەلەپچانلىقى قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئەزالارنى جازالىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
19-ماددا بۇ بەلگىلىمە 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى

شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 

ھەمبەھىرلەش