دۇنياۋى بىرىنچى باي ماسىك قۇرغان 11 شىركەتنىڭ Logoسى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى

 
ماسك كۆپچىلىككە ناتونۇش ئەمەس، يەر شارىدا ناھايىتى زور تەسىر كۈچى بار، ماسك قىزىق نۇقتا شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئاۋىئاتسىيە - ئالەم قاتنىشى، ئالاقە تورى ئىجتىمائىي ئالاقىسى، تونېل قۇرۇلۇشى، يۇلتۇز زەنجىرى ئالاقىسى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەرگە كەڭ كۆلەمدە چېتىلىدۇ.
ئەمدى  بىز بىرلىكتە ماسىك قۇرغان ۋە قاتناشقان كارخانا logo لىرىنى كۆرۈپ باقايلى:

1995- يىلى ماسك ئىنىسى بىلەن ئىنتېرنېت تورى خەرىتە مۇلازىمەت شىركىتى Zip2 نى قۇرۇپ ، GPS سانلىق مەلۇماتىدىن پايدىلىنىپ ئىستېمالچىلارنىڭ يېقىن ئەتراپتىكى سودا پۇرسىتىنى تېپىشىغا ياردەم بەرگەن.  1999-يىلى، ئامېرىكا كومپيۇتېر ياساش شىركىتى كاڭبو شىركىتى 307 مىليون ئامېرىكا دوللىرى نەق پۇل ۋە 34 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پاي چېكى قەرەل ھوقۇقى بىلەن Zip2 نى سېتىۋالدى، ماسك 22 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالدى.


PayPal ماركىسى
تۇنجى پايدا پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ،ماسك 1999- يىلى توردا پۇل مۇئامىلە چىقىم قىلىش شىركىتى X.com نى قۇردى. 2000-يىلى X.com شىركىتى Confinity شىركىتى بىلەن بىرلەشتى .
2001-يىلى 6 - ئايدا  شىركەت نامىنى PayPal   غائۆزگەرتتى.2003- يىلى ئېلېكتىرونلۇق سودا تور بېكىتى  eBay بىر   مىليارد بەشيۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ چىقىرىپPayPal  نى سېتىۋالدى ،ماسك 180 مىليون ئامېرىكا دوللىرى پايدا ئالدى.


  xAIنىڭ قۇرۇلۇشىنىڭ نىشانى - «ئالەمنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش» بولۇپ،  بۇ ئۇنىڭ سۈنىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش يۆنىلىشىنىڭ ئالەم قانۇنىيىتى، فىزىكىلىق ھادىسە، مۇرەككەپ سىستېما قاتارلىق نۇرغۇن ساھەگە چېتىلىدىغان ئىزدىنىش بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.  ئىلغار ماشىنا ئارقىلىق ھېسابلاش ئۇسۇلى ۋە مودېلىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، زور مىقداردىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن ئالەم ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي قائىدىسى ۋە قانۇنىيىتىنى قېزىپ چىقىشقا ئۇرۇنغان.  تېخنىكا تەتقىق قىلىپ ئېچىش جەريانىدا xAI ئۆگىنىشنى كۈچەيتىش ،قارشىلىشىش تورى شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكا ساھەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشى مۇمكىن.  بۇ تېخنىكىلار سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىنىڭ مۇرەككەپ تەبىئەت ھادىسىلىرى ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئۆگىنىشى ۋە تەقلىد قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئالەمنىڭ ماھىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.


تۋىتتېر يەر شارى خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ سۇپىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئۇچۇر تارقىتىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. ئابونتلار ماقالە ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى، خەۋىرى، قىزىقارلىق ئىشلىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردىن بەھىرلەنسە بولىدۇ.  بۇ ماقالىلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ، كەڭ دائىرىدە دىققەت - ئېتىبارىنى ۋە مۇنازىرىنى قوزغايدۇ. ماسك تۋىتتېرنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، logo ۋە كۆرۈش سېزىمى قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. بۇ يېڭى ئوبراز لايىھەسىمۇ نۇرغۇن تورداشلارنىڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.



مېڭە - كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى ساھەسى Neuralink
Neuralink مېڭە - كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزى تېخنىكىسى ئاساسلىقى مىكرو ئېلېكترود قاتارى بولۇپ ،بۇ مىكرو ئېلېكترود چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىگە كۆچۈرۈلۈپ، نېۋروننىڭ ئېلېكتىر پائالىيىتىنى توغرا خاتىرىلەيدۇ. چوڭ مېڭە سىگنالىنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئۇنى سىرتقى ئۈسكۈنىلەرنى كونترول قىلالايدىغان بۇيرۇققا ئايلاندۇرىدۇ. ئادەم - كومپيۇتېر ئالماشتۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، Neuralink مېڭە - كومپيۇتېر ئۇلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق تېخىمۇ تەبىئىي ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئادەم - كومپيۇتېر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار .   كەلگۈسىدە كىشىلەر چوڭ مېڭە سىگنالى ئارقىلىق كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى بىۋاسىتە كونترول قىلىشى مۇمكىن، بۇنىڭغا ئەنەنىۋى كۇنۇپكا تاختىسى، مائۇس ياكى ئاۋازلىق بۇيرۇق ئىشلىتىش ھاجەتسىز.  
سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن مېڭە - كومپيۇتېر ئۇلاش ئېغىزىنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە، بۇ تېخنىكا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار سىستېمىسىنى تېخىمۇ ھەقىقىي بولغان ئىنسانلارنىڭ بىلىش ۋە ھەرىكەت سانلىق مەلۇماتى بىلەن تەمىنلەپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە مۇددىئاسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىپ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە تەدبىر بەلگىلەشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بۇ مەۋھۇم رېئاللىق، رېئاللىقنى كۈچەيتىش قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىدىمۇ مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
 

2004-يىلى يىلى ماسك مارتىن ئالبېرخارد قۇرغان تېسلا شىركىتىگە 6 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان ھەمدە بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.  تېسلا توكلۇق ئاپتوموبىلنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ ئېلېكتىرلەشكەن ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈردى.
 



يۇلتۇز زەنجىرى ( Starlink ) سۈنىي ھەمراھ
 يۇلتۇز زەنجىرى پىلانى نەچچە مىڭ تۆۋەن يەر شارى ئوربىتىسىدىكى سۈنىي ھەمراھتىن تەركىب تاپقان يەر شارى سۈنىي ھەمراھ ئالاقە تورى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.  بۇ سۈنئىي ھەمراھلار يۇقىرى سۈرئەتلىك،  تۆۋەن كېچىكىش ئېنتىرنېت تورى ئۇلىنىشى بىلەن تەمىنلەپ،  پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىنى، بولۇپمۇ چەت - ياقا رايونلار ۋە دېڭىز - ئوكيان قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئېنتىرنېت تورى بىلەن قاپلىنىش تەس بولغان رايونلارنى قاپلىيالايدۇ.  
تېخنىكا قاتلىمىدىن قارىغاندا ،  يۇلتۇز زەنجىرلىك سۈنئىي ھەمراھقا ئىلغار خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ۋە ئوربىتىنى كونترول قىلىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان.  سۈنئىي ھەمراھلار ئارىسىدا لازېر نۇرى زەنجىرى ئارقىلىق ئالاقە ئېلىپ بېرىلىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك سانلىق مەلۇمات يوللاش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىشەنچلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن  ، SpaceX سۈنىي ھەمراھنىڭ ئوربىتىسى ۋە ئورنىنى توغرا كونترول قىلىشى كېرەك ،بۇ مۇرەككەپ ئوربىتا مېخانىكىسى ۋە سۈنىي ھەمراھلار توپىنى باشقۇرۇش تېخنىكىسىغا چېتىلىدۇ.
  يۇلتۇز زەنجىرى تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يەر شارى ئالاقە ئەندىزىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يەر شارىدىكى ئابۇنىچىلارنى باراۋەر ئىنتېرنېت تورىغا كىرىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى ۋە ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يىراق مۇساپىلىق ئوقۇتۇش، يىراق مۇساپىلىق داۋالاش، جىددىي ئەھۋال خەۋەرلىشىشى قاتارلىق ساھەلەردە غايەت زور قوللىنىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە.


SpaceX
 2002 -يىلى 6 - ئايدا ماسك 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تېخنىكا شىركىتى SpaceX  نى  قۇرۇپ ،باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى قوشۇمچە باش تېخنىكا ئەمەلدارى بولغان.   SpaceX نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى ،مەسىلەن ،بۈركۈت ناملىق راكېتانى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىپ ،ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ سودىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.
 




SolarCity
  - 2006يىلى ماسك 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ يورۇقلۇق ۋولت توك تارقىتىش كارخانىسى قۇياش شەھىرى شىركىتىنى بىرلىشىپ قۇرغان، بۇ شىركەت ئاساسلىقى قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنى قۇراشتۇرۇش ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
SolarCity ئومۇميۈزلۈك قۇياش ئېنېرگىيەسى سىستېمىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ ،بۇ ئابۇنىچىلارنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى، ئۆي قۇرۇلمىسى ۋە جۇغراپىيەلىك ئورنى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن بېكىتىلگەن قۇياش ئېنېرگىيەسى توك چىقىرىش سىستېمىسىنى لايىھەلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ  قۇياش ئېنىرگىيىسى تاختىسىنىڭ تىپىنى تاللاش ،ئورۇنلاشتۇرۇش ئورنىنى بېكىتىشتىن تارتىپ پۈتكۈل سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئۇلاشقىچە كەسپىي ئەترەت مەشغۇلات ئېلىپ بارىدۇ.
قۇياش ئېنېرگىيەسى بىر خىل پاكىز ئېنېرگىيە بولۇش سۈپىتى بىلەنSolarCity ، كەسپى ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .  ئائىلە، كارخانا ۋە ئاممىۋى ئورگانلارنى قۇياش ئېنېرگىيەسى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېنېرگىيە تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىپ، ئېنېرگىيەنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەمىنلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ئومۇملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


يەر ئاستى تونېل قۇرۇلۇشى
  The Boring Company نىڭ ئىدىيەسى يەر ئاستى تونېل تورى قۇرۇش ئارقىلىق شەھەر قاتناش قىستاڭچىلىقىنى پەسەيتىدۇ.  ئۇنىڭدا ئىلغار تونېل قېزىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان. مەسىلەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تونېل قېزىش ماشىنىسى ئىشلىتىلسە، يەر ئاستى تونېلىنى تېز سۈرئەتتە قازغىلى بولىدۇ. ئەنئەنىۋى تونېل قۇرۇلۇشىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ شىركەت تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، يەر ئاستى تونېل قۇرۇلۇشىنى ئىقتىسادىي جەھەتتە تېخىمۇ مۇمكىنچىلىككە ئىگە قىلدى.
تونېل لايىھەلەش جەھەتتە، شەھەر قاتنىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپ قەۋەتلىك، كۆپ ئاپتوموبىل يولى بار تونېل قۇرۇلمىسى لايىھەلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاپتوموبىل سىغىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتناش ئېقىم مىقدارىنى كونترول قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش سىستېمىسىنى قوللىنىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ تونېل ئىچىدە يۈرۈشىنى توغرا باشقۇرۇش پىلانلاندى.

ماسك دۇنياغا داڭلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە،  قۇرغان شىركىتى دەسلەپكى ماركا logo دىن كېيىنكىlogo  غىچە بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش بولغان،  نۇرغۇن تورداشلار ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىسى «X» بەلگىسىگە يىغىنچاقلاندى،  ئۇ بۇ بەلگىگە ھەقىقەتەن ئامراقكەن دىيىشكەن.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 

 


 
ھەمبەھىرلەش