ماركا ئىدارىسى يۇقۇمغا مۇناسىۋەتلىك تاۋار ماركىسىنى يامان غەرەزلىك رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ

  يۇقۇم ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك  تاۋار ماركىسىنى يامان غەرەزلىك رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش قىلمىشىغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش ئۈچۈن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى يۇقۇم ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك، ناچار تەسىر پەيدا قىلىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ، « يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشقا ئالاقىدار تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش يېتەكچى پىكرى» نى تۈزۈپ، يۇقۇمغا ئالاقىدار خادىملارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، يۇقۇم ۋىرۇسى نامى، كېسەللىك نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەلگە، يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار دورا بەلگىسى، مۇداپىئە مەھسۇلاتىنىڭ ئالاقىدار بەلگىسى، باشقا يۇقۇم ئەھۋالىغا ئالاقىدار بەلگە قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈش، يېتەكچىلىك قىلىش پىكرىنى ئېنىق بېكىتىدۇ. خوشېنشەن دوختۇرخانىسى، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسى ۋۇخەن يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالدىنقى سەپ دوختۇرخانىسىنىڭ نامى، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەزگىلىدە پۈتكۈل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشىدىكى مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. خوشېنشەن دوختۇرخانىسى، لېيشېنشەن دوختۇرخانىسىدىن باشقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار مەزكۇر تاۋار ماركىلىرىنى رويخەتكە ئالدۇرسا ئاسانلا زور ئىجتىمائىي ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا« خوشېنشەن» ، « لېيشېنشەن» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى قانۇن بويىچە رەت قىلىش كېرەك. لى ۋېنلياڭ ۋۇخەن شەھەرلىك مەركىزى دوختۇرخانا كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرى، يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ بەختكە قارشى قازا قىلدى. ئىسىم-فامىلىسىنى تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە ئىشلەتكەندە ياكى رويخەتكە ئالدۇرغاندا، ئاسانلا زور ئىجتىمائىي ناچار تەسىر پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا« لى ۋېنلياڭ» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى قانۇن بويىچە رەت قىلىش كېرەك. ھازىرغا قەدەر، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى« خوشېنشەن تېغى» ، « لېي شېن تېغى» قاتارلىق 1000 غا يېقىن يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى رەسمى ئىجرا قىلدى. كېيىنكى قەدەمدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى« تاۋار ماركىسى قانۇنى» ، « تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قانچە بەلگىلىمە» نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى بىنۇرمال رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى قوغداپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا ئورتاق تاقابىل تۇرىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىدۇ.

ماقالە مەنبەسى : دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى
بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئورگان توربېكىتىدىن
 تەرجىمە قىلغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 
ھەمبەھىرلەش