رويىخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى دىگەن نىمە؟

رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى« رويخەتكە ئېلىنمىغان تاۋار ماركىسى» نىڭ ئەكسى.  تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتى قانۇن بويىچە تەستىقلاپ رويخەتكە ئالغان تاۋار ماركىسىنى كۆرسىتىدۇ.  تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتلەرنى ۋە قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپلەرنى ھازىرلاش كېرەك.  تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش تۈزۈمىدىكى دۆلەت ئىچىدە، تاۋار ماركىسى رويخەتكە ئېلىنغان ھامان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش خاس ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ بىر خىل تاۋار ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئۇنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى مەنئى قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.  جۇڭگودا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان تاۋار ماركىسى تۈزۈمى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىپ ئىشلىتىش تۈزۈمى بولۇپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ ھوقۇق سۇبيېكتى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ ، ھەمدە باشقىلار ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارنى ئۆزى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئىشلىتىشنى چەكلەيدۇ.   
بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش خەلقئارا سودا شىركىتى
- ماركا تورى  تەرجىمە قىلغان ، كۆچۈرۈپ ئىشىلىتىشكە بولمايدۇ. 
ھەمبەھىرلەش