شۈ فامىلىلىكنىڭ« ئالپىس» رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسى

 2018- يىلى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى، جياڭشى ئۆلكىسى نەنچاڭ شەھىرى شىنجيەن رايونى بازىرى ۋە سۈپەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى خاۋدى فەنمېل قەنت-گېزەك (جۇڭگو) چەكلىك شىركىتىنىڭ پاش قىلىشىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، شۈ فامىلىلىكنىڭ« ئالپىس» ماركىسى ساختا قەنت-گېزەكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشقا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. پاش قىلىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، مەزكۇر ئىدارە نەنچاڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شىنجيەن شۆبە ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ شۈ فامىلىلىكنى قانۇن بويىچە تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2017 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، دەۋالاشقۇچى شۈ XX يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ۋە تىجارەت كىنىشكىسى ئالمىغان ۋە خاۋدى فەنمېل قەنت ـ گېزەك(جۇڭگو )چەكلىك شىركىتى ئىجازەت بەرمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن« ئالپىس» ماركىلىق يۈرۈشلۈك قەنت ـ گېزەكلەرنى ئىشلەپچىقارغان. قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار شۈ فامىلىلىكنىڭ دۇكىنىدا ساختا ئالپىس ماركىلىق تەييار كەمپۈت 628 ساندۇق ۋە يېرىم تەييار خام ماتېرىيال 506 ساندۇقنى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن، دېلو يۈز بەرگەنگە قەدەر 52 يەشىك سېتىلغان. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار« مەمۇرىي مەجبۇرلاش قانۇنى» دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ۋە تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 62-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىنىڭ (4) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرۈلگەن« ئالپىس» ماركىلىق 628 يەشىك تەييار كەمپۈت، تېخى ئىشلىتىلمىگەن 506 يەشىك يېرىم تەييار يالىڭاچ كەمپۈت ۋە ئوراش خالتىسى، ئوراش قەغىزىنى قانۇن بويىچە تۇتۇپ قالدى ھەمدە نەق مەيداندا بۇ دۇكاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى پېچەتلىدى. ھېسابلاش ئارقىلىق، بۇ دېلونىڭ دېلو قىممىتى 1597 مىليون 380 مىڭ يۈەن بولغان. 2018- يىلى 2- ئاينىڭ 8- كۈنى، دېلو بېجىرىش ئورگىنى بۇ دېلونى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. 2018 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى ۋە 12 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى، خەلق سوت مەھكىمىسى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا جىنايى ئىشلار ھۆكۈمى ۋە جىنايى ئىشلار كېسىمى چىقىرىپ، دەۋالاشقۇچىلارغا يەتتە ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى ھەم 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇپ، « ئالپىس» كەمپۈتى، ئوراش ـ قاچىلاش ماشىنىسى، ئوراش خالتىسى، قاچىلاش ساندۇقى قاتارلىق دېلوغا چېتىشلىق بۇيۇملارنى مۇسادىرە قىلدى.
 
[قۇشۇمچە] يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بىر قىسىم ئۇنسۇرلار ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ساختا تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش« بازىسى» نى يېزا بازارلىرىغا يۆتكىدى، نۇرغۇن ساختا تاۋار ياساش ئۇۋىلىرى چەت يېزىلارغا يوشۇرۇنغان بولۇپ، بايقاش ۋە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ. بۇ دېلو يېڭى يىل، چاغاندىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق تاۋار قەنت-گېزەك، بازارغا ئېقىپ كىرىش خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ. دېلو بېجىرىش جەريانىدا، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى بىلەن ج خ ئورگانلىرى بىرلەشمە ھەرىكەتنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇن بويىچە ئۆتكۈزۈپ بەردى، ساختا تاۋار ياسىغۇچىلار ئەڭ ئاخىرىدا قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىدى، تاۋار ماركىسى ئىگىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى قوغدالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە پائال كاپالەتلىك قىلىندى.


مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى

شىنجاڭ قۇياش خەلقىئارا سودا شىركىتى  – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ . 

ھەمبەھىرلەش