تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىپلا « TM» نى قۇشۇپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

تاۋار ماركىسىنى  رويخەتكە ئىلتىماس قىلىپلا « TM» نى قۇشۇپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
دۆلىتىمىزنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنىدا«TM» بەلگىسىنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بارلىقى بەلگىلەنمىگەن،ياكى، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار تاۋار ماركىسىنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، «TM» دەپ ئەسكەرتىش بېرىلگەن ئەھۋالدا بۇ ئىلتىماستىكى تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتسە بولىدىغانلىقى ياكى بولمايدىغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.لىكىن، مەمۇرىي نىزاملاردا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش شەرت، دەپ بەلگىلەنگەن تاۋارغا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش شەرت، رويخەتكە ئالدۇرمىغانلارنىڭ بازاردا سېتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.دەپ بەلگىلەنگەن .ماركىنى  رويخەتكە ئىلتىماس قىلىپلا  ئىشلەتسە بولىدۇ،لىكىن،بۇ خىل ئەھۋالدا تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەندە، ئەگەر باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىنسا،  ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. 
بەيدۇ تورىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشىنىپ كەتمەڭ! بەيدۇدىكى بەزى بىلىم نۇقتىلىرى ئانچە توغرا ئەمەس!  
نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۆز قارىشى توغرا بولغاچقا ماركا رويخەت ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەمما كەسىپ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، كۆپ ھاللاردا «ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى قۇبۇل قىلغانلىق ئۇقتۇرۇشى»نى تاپشۇرۇۋېلىپلا تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە تەقەززا بولۇپ كېتىدۇ. 
ئەمما شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، «تاۋار ماركىسىنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» پەقەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ بۇ تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغانلىقى بولۇپ، تاۋار ماركىسىنىڭ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بىرقىسىم ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ھەتتا «تاۋار ماركىسىنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى»نى ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلانغانلىق ئىسپاتى دەپ،  ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى قايمۇقتۇرىدۇ.ئەمەلىيەتتە، ماركا رويخەت ئىلتىماس ماتىرىياللىرى ئۆلچەملىك تاپشۇرۇلسىلا ھەرقانداق ماركا ئىلتىماسىغا «تاۋار ماركىسىنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» چىقىۋىرىدۇ.« تاۋار ماركىسىنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» نىڭ ئاستىدا مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: « ئەسكەرتىش: بۇ ئۇقتۇرۇش پەقەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ،ھەرگىزمۇ ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ». بۇ ئەمەلىيەتتە كارخانىنىڭ« تاۋار ماركىسىنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» نىڭ خاراكتېرىنى ئەسكەرتىدۇ.
شۇڭا،  رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىغا«TM» نى باسسىلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، دېيىش توغرا ئەمەس. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىشلىتىشكە بولىدۇ، لېكىن ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسى رەت قىلىنىشى مۇمكىن، شۇڭا يەنىلا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش خەتىرى بار. 
 
قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى شۇنى ئەسكەرتىدۇ:ماركىنى رويخەتكە ئىلتىماس قىلىپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، لىكىن چوقۇم باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ماركىسىنى ئىشلىتىپ قېلىشتىن ساقلىنىشىڭىز،  مۇنتىزىم ماركا ۋاكالەتچى ئورۇنلىرىغا تەكشۈرتىشىڭىز،شۇنداقلا ماركا رويخەت كىنىشكىسى رەسمىي چىقىشتىن بۇرۇن بەك كەڭ كۈلەمدە تەشۋىق قىلىپ ياكى ئورالمىلارنى باستۇرۇپ ئىشلەتمەي، مۇۋاپىق چىقىش يولى قالدۇرۇپ قۇيۇشىڭىز كىرەك. چۈنكى، ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا ھېچكىم تولۇق كاپالەتلىك قىلالمايدۇ. 

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش