ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
مەخسۇس تاماكا تىجارىتى بويىچە پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى بىجىرىش ھەققىدە ساۋاتلار
بېجىرىش ئاساسى:
(1) « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەخسۇس تاماكا تىجارىتى قانۇنى» نىڭ 3-ماددىسى: دۆلەت مەخسۇس تاماكا تىجارىتى بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىشنى، قانۇن بويىچە مەخسۇس تاماكا تىجارىتىنى باشقۇرىدۇ ،ھەمدە مەخسۇس تاماكا تىجارىتى ئىجازەتنامىسى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.
(2) « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەخسۇس تاماكا تىجارىتى قانۇنى» نىڭ 16-ماددىسى: تاماكا مەھسۇلاتىنى پارچە ساتىدىغان كارخانا ياكى شەخسلەرگە ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى بىر دەرىجە يۇقىرى تاماكا مەخسۇس تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، تاماكامەخسۇس تىجارىتى پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېرىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىك تاماكا مەخسۇس تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قۇرۇلغان جايلار تاماكامەخسۇستىجارىتى پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسىنى ناھىيە دەرىجىلىك تاماكامەخسۇس تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
(3) « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەخسۇس تاماكا تىجارىتى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 6-ماددىسى: مەخسۇس تاماكا تىجارىتى بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، توپ سېتىش، پارچە سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ھەمدە مەخسۇس تاماكا تىجارىتى بۇيۇملىرىنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ۋە چەت ئەلنىڭ تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش-سېتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار« مەخسۇس تاماكا تىجارىتى قانۇنى» ۋە مۇشۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەخسۇس تاماكا تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. تاماكامەخسۇس تىجارىتى ئىجازەتنامىسى: (1) تاماكامەخسۇس تىجارىتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى؛ (2) تاماكامەخسۇس تىجارىتى توپ سېتىش كارخانىسى ئىجازەتنامىسى؛ (3) تاماكامەخسۇستىجارىتى پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى.
(4) « مەخسۇس تاماكا تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» (سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ 37-نومۇرلۇق پەرمانى).
ئىلتىماس قىلىش شەرتى:
تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردا مەخسۇس تاماكا تىجارىتى بويىچە پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى بېرىلمەيدۇ:
(1) سودا-سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى ئالمىغانلار.
(2) قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى يوقلار.
(3) چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان سودا كارخانىلىرى (پارچە سېتىش كەسپى« كۆڭۈل ئېچىش مۇلازىمىتى تۈرى» گە تەۋە كارخانىلار ياكى« مەخسۇس تاماكا تىجارىتى ئىجازەتنامىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ 63-ماددىسىدىكى ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا)ياكى يەككە سودا-سانائەتچىلەر، شۇنىڭدەك ئۇلار ئالاھىدە ئىجازەت بېرىش، ئىتتىپاقداش ماگىزىنلارنى قوبۇل قىلىش ۋە باشقا قايتا مەبلەغ سېلىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەنمەخسۇستاماكا تىجارىتى كەسپى بىلەن شۇغۇللانغانلار.
4. مەخسۇس تاماكا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنغىنىغا ئۈچ يىل بولمىغانلار.
5. ئىلتىماس قىلغۇچى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يوشۇرغان ياكى ساختا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن بولسا ياكى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى يوشۇرغان ياكى ساختا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەنلىكتىن،مەخسۇستاماكا تىجارىتى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى قوبۇل قىلماسلىق ياكى كىنىشكا تارقاتماسلىق قارارى چىقارغاندىن كېيىن، بىر يىل ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلغان بولسا.
6. ئىلتىماس قىلغۇچى ئالدامچىلىق، پارىخورلۇق قىلىشتەك ناتوغرا ۋاسىتىلەر بىلەن ئېرىشكەن مەخسۇس تاماكا تىجارىتى ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۈچ يىل ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ئىلتىماس قىلغان بولسا.
7. مەخسۇس تاماكا تىجارىتى بويىچە پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى ئالماي تۇرۇپ، مەخسۇس تاماكا تىجارىتى بۇيۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە بىر يىل ئىچىدە قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگان تەرىپىدىن ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق جازالانغان، ئۈچ يىل ئىچىدە مەخسۇس تاماكا تىجارىتى بويىچە پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلار.
(8) تىجارەت سورۇنى بىخەتەرلىك ئامىلى ئاساسىدا تاماكا تىجارىتى قىلىشقا ماس كەلمىسە.
(8) تىجارەت سورۇنى بىخەتەرلىك ئامىلى ئاساسىدا تاماكا تىجارىتى قىلىشقا ماس كەلمىسە.
9. تىجارەت ئورنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ۋە ئەتراپىدا بولسا.
10. ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى (ئىشكاپى) دىن پايدىلىنىپ تاماكا بۇيۇملىرىنى ساتقان بولسا.
11. مەخسۇس تاماكا تىجارىتى بۇيۇملىرىنى ئۇچۇر تور يوللىرىدىن پايدىلىنىپ ساتقان بولسا.
12. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولسا.
13. بىر تىجارەت ئادرېسىدا مەخسۇس تاماكا تىجارىتى بويىچە پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسى ئالغان بولسا.
قوبۇل قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش:
ئىلتىماس قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدىكى ناھىيە (رايون) دەرىجىلىك مەخسۇس تاماكا تىجارىتى ئىدارىسى؛ ناھىيە (رايون) دەرىجىلىك مەخسۇس تاماكا تىجارىتى ئىدارىسى قۇرمىغان بولسا، ئۇنى ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىكمەخسۇستاماكا تىجارىتى ئىدارىسى قوبۇل قىلىدۇ، تەكشۈرىدۇ ۋە تەستىقلايدۇ.
تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەق ئېلىش ئاساسى ۋە ئۆلچىمى:ھەق ئېلىنمايدۇ.
تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقىت چېكى:
قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك:20 خىزمەت كۈنى، ئالاھىدە ئەھۋالدا تەستىقلىتىش ئارقىلىق 10 خىزمەت كۈنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ.
ۋەدە ۋاقىت چېكى:15 خىزمەت كۈنى، ئالاھىدە ئەھۋالدا تەستىقلىتىش ئارقىلىق 7 خىزمەت كۈنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ (ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ ۋەدە ۋاقىت چېكى دۆلەت ئىدارىسىنىڭ ۋەدە ۋاقىت چەكلىمىسىدىن ئاز بولسا، شۇ ئورۇننىڭ سىرتقا ۋەدە ۋاقىت چېكى تولدۇرۇلىدۇ).
نەتىجە يەتكۈزۈش:
مەمۇرىي ئىجازەت قارارى چىقىرىلغان كۈندىن باشلاپ 10 خىزمەت كۈنى ئىچىدە مەمۇرىي ئىجازەت قارارىنى يەتكۈزۈش ئىجازەت قارارى چىقىرىلسا،مەخسۇستاماكا تىجارىتى پارچە سېتىش ئىجازەتنامىسىنىمۇ قوشۇپ يەتكۈزۈش كېرەك.
يەتكۈزۈش ئۇسۇلى: بىۋاسىتە يەتكۈزۈش، پوچتىدىن ئەۋەتىش قاتارلىق يەتكۈزۈش ئۇسۇللىرى.
مەسلىھەت بېرىش، نازارەت قىلىش ۋە ئەرز قىلىش يوللىرى:شۇ جايدىكى تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى.
ئاشكارا سۈرۈشتۈرۈش:
ئىلتىماس قىلغۇچى مەمۇرىي مۇلازىمەت كۆزنىكىدە نەق مەيداندا مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ، تېلېفون ئارقىلىق مەسلىھەت سورىسىمۇ ياكى تور بېكىتىگە كىرىپ بېجىرىش سۈرئىتى ۋە نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسىمۇ بولىدۇ.
ئىلتىماس قىلغۇچى قوبۇل قىلغان كۈندىن باشلاپ 20 خىزمەت كۈنىدىن كېيىن، تېلېفون، تور بېكىتى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق تەستىقلاش ھالىتى ۋە نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.
لازىملىق ماتىرىياللار:
(1) سودا-سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى.
(2) يەككە سودا-سانائەتچى تىجارەتچىلەر، قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىل ياكى كارخانا مەسئۇلىنىڭ سالاھىيەت ئىسپاتى.
(3) بېجىرىشنى ھاۋالە قىلغان بولسا، ھاۋالە ئىسپات ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئىزاھات: ھوقۇق بېرىش ھاۋالىنامىسى ۋە ۋاكالەتچىنىڭ كىملىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى – ماركا تورى تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ .
شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى – ماركا تورى تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ .
ھەمبەھىرلەش