ماركىنى ئايرىپ ئىلتىماس قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئاقىلانىلىك.

ماركا ئوخشاش تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بەلگە بولۇپ،يېزىق، شەكىل-بەلگىلەردىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ.بۇيەردىكى يېزىق دىگەندە، سىز شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئىشلىتىدىغان ماركا نامى بولۇپ، ئۇيغۇرچە،لاتىنچە، دۆلەت يېزىقى ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق يېزىقتا ئىلتىماس قىلساق بولىۋىرىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، كارخانىچىلار كۆپىنچە ھاللاردا ئۇيغۇرچە، لاتىنچە،دۆلەت يېزىقى ۋە ماس ھالدىكى شەكىل،بەلگىلەردىن تەركىپ تاپقان ماركىلارنى ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ. 
دۆلىتىمىزنىڭ ماركا قانۇنىدا ئىلتىماس قىلىنغان ماركىغا قايسى يېزىقنى ئىشلىتىش ياكى ئىشلەتمەسلىك توغرىسىدا ھېچقانداق چەكلىمە يوق.پەقەت ماركىنىڭ شەكلى، ماركىدىكى يېزىقلارنىڭ مەنىسى ماركا قانۇنىدا چەكلەنگەن دائىرىدە بولمىسىلا ئىلتىماس قىلساق بولىۋىرىدۇ. دىمەك،ماركىدا پەقەت ئۇيغۇرچە يېزىقلا بولسىمۇ،ياكى لاتىنچە،دۆلەت يېزىقى ئايرىم ياكى بىرلەشتۈرۈپ ئىلتىماس قىلىنسىمۇ بولىدۇ.يېزىققا بەلگە-شەكىللەرنى قوشساقمۇ ياكى يېزىق قوشماي بەلگە-شەكىللەرنىلا ئىلتىماس قىلساقمۇ بولىۋىرىدۇ.
ماركا قانۇنىدا ماركىنى قانداق ئىلتىماس قىلغان بولساق شۇ ھالەتتە ئىشلىتىش كىرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.ئادەتتە ماركىنى رەڭسىز ھالەتتە يوللايمىز، بۇنداق ئەھۋالدا رەڭنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسەك بولىۋىرىدۇ.ئەگەر رەڭلىك يوللىغان بولساق پەقەت شۇ رەڭدىلا ئىشلىتىش كىرەك.
ئەگەر سىز ماركا ئۈستىدىكى ھەرخىل يېزىق، بەلگىلەرنى ئوخمىشان ئورۇنلاردا ئايرىم ياكى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم ھەربىر يېزىق ۋە بەلگىنى  ماركا ئىدارىسىغا 
ئايرىم- ئايرىم 
رويخەتكە ئالدۇرىشىڭىز كىرەك. بۇنداق بولغاندا ، بۇ ماركىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ياكى ئايرىم ئىشلىتىشكە بولىدۇ.  بىرلەشتۈرۈپ ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز ئايرىۋىتىشكە بولمايدۇ، بۇنداق قىلغانلىق ماركا قانۇنىغا خىلاپ، شۇنداقلا ماركىنى توغرا ئىشلەتمىگەن بولىسىز، ماركا ھوقۇقىڭىزنى قوغداش رولى بولمايدۇ.
ماركىنىڭ ئۈستىدىكى ھەرخىل يېزىق-بەلگىلەرنى ئايرىم ئىلتىماس قىلسىڭىز ماركىنىڭ تەستىقلىنىشغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. ئەگەر ھەممە يېزىق ۋە بەلگىنى بىراقلا ئىلتىماس قىلسىڭىز شۇ يېزىق-بەلگىلەرنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىرى باشقىلارنىڭ ماركىسىغا ئوخشاش ياكى يېقىن بولۇپ قالسا ماركا ئىلتىماسىڭىز تولۇق قايتۇرۇلىدۇ ۋە پۇلمۇ قايتمايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن يېزىق-بەلگىلەرنى ئايرىپ ئىلتىماس قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ئازراق ئىقتىساتنى ئارتۇق خەجلەپ ماركىنى ئوڭۇشلۇق قولغا كەلتۈرىدىغان ياخشى ئامالدۇر.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر كارخانىچىلارنىڭ ماركىلىرىنىڭ تەستىقلىنىشىغا كۆپرەك تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىل ماركا ئۈستىدىكى لاتىنچە يېزىق بىلەن بەلگە-شەكىل بولۇپ، نۇرغۇن ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار شۇ سەۋەپتىن ماركىنى ئوڭۇشلۇق ئىلتىماس قىلالمايۋاتىدۇ.بۇ ئەھۋالدا ماركىنى ئايرىپ ئىلتىماس قىلىشنى ئويلىشىڭ.
ماركىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان كۆپ قىسىم ماركا ئىگىلىرىنىڭ نامىدا نەچچە ئون، ھەتتا نەچچە يۈز ماركا بار بولۇپ، ھەممىسى ماركىنى ئۈنۈملىك قوغداش ۋە ئەركىن ئىشلىتىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئىلتىماس قىلىدۇ. 

تۆۋەندە شىركىتىمىز ۋاكالەتچىلىكىدىكى بىرقىسىم ماركىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىنىش شەكىللىرى:








ئەگەر سىز ئۆز ماركىڭىزنى ھەقىقى ياخشى كۆرسىڭىز ، ئەركىن ئىشلەتمەكچى ۋە تولۇق قوغدىماقچى بولسىڭىز ماركىڭىزنىڭ ھەرخىل شەكىللىرىنى ئايرىم ئىلتىماس قىلىڭ ۋە مۇھىم تۈرلەرگە چوقۇم ئىلتىماس قىلىپ قوغداشقا ئېرىشىڭ!


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 
ھەمبەھىرلەش