380 مىليون يۈەن بىلەن ipad تاۋار ماركىسىنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئالما يەنە 8 مىليون دوللارغا تاۋار ماركىسى سېتىۋالدى!

;تاۋار ماركىسى ئۆز كارخانىسىنىڭ تاۋىرى ياكى مۇلازىمىتىنى باشقا كارخانىلارنىڭ تاۋار ياكى مۇلازىمىتىدىن پەرقلەندۈرىدىغان بەلگە. تاۋار ماركىسى بىر كارخانىنىڭ بەلگىسى، ئۇنى بىر كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى دېيىشكىمۇ بولىدۇ، ئۇ بىر كارخانىنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر ماركا جەھەتتە يېتەرلىك تەييارلىق بولمىسا، موللاق ئېتىپ چۈشۈشى مۇمكىن. ھەتتا ئالمىغا ئوخشاش كەسىپ ماگناتىمۇ تاۋار ماركىسى سەۋەبىدىن كۆپ زىيان تارتقان. ئالما 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا تاۋار ماركىسى سېتىۋالدى. 2018- يىلى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى، خەنۋاڭ پەن- تېخنىكا شىركىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالما شىركىتى (APPLE INC. ) بىلەن چەت ئەلدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە رويخەتكە ئالدۇرۇلمىغان تاۋار ماركىسى ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توغرىسىدىكى« كېلىشىم» ھۆججىتى ئىمزالىدى، دېدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، بىر تۈرلۈك رويخەتكە ئالدۇرۇلمىغان تاۋار ماركىسى ئىشلىرىدا ئالما بىلەن دوستانە ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن، خەنۋاڭ پەن تېخنىكا شىركىتى چەتئەلدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇلمىغان تاۋار ماركىسىغا ئالاقىدار ھوقۇق مەنپەئەتىنى ئالما شىركىتىگە ئۆتۈنۈپ بەردى. ئالما شىركىتى ئالتە قارارغا بۆلۈپ ئومۇمىي باھاسى 8 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپ يىللاردىن بۇيان خەنۋاڭ پەن-تېخنىكىسى بىلەن ئالما ئوتتۇرىسىدىكى« i-phone» تاۋار ماركىسى تالاش-تارتىشى ئۈزۈلمىگەن. ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، 2004-يىلى، خەنۋاڭ جۇڭگو تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە« i-phone» تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغان، ئەينى چاغدا ئالما شىركىتى تېخى كېيىن پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان iPhone يانفونىنى بازارغا سالمىغان، خەنۋاڭ ئەينى چاغدا بۇ تاۋار ماركىسىنى ئۆز قارمىقىدىكى بىر قاتار يانفون مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىشكە ئىشلىتىشنى ئويلىغان. 2009-يىلى 6-ئايدا، « i-phone ماركىسى يەنىلا خەنۋاڭنىڭ قولىدا» دېگەن خەۋەر ئاشكارىلاندى، ئەينى ۋاقىتتا ئالما iPhone مۇ ئىزچىل جۇڭگو بازىرىغا كىرىش پۇرسىتى ئىزدەپ كەلگەن. خەلقئارادا ئورتاق قوللىنىلىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، بىر توپ گۇرۇپپىدىكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى رەت قىلىنىدۇ. ئەگەر ئالمىنىڭ iPhone جۇڭگو بازىرىغا يۈرۈش قىلماقچى بولسا، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. كېيىن، خەنۋاڭ پەن-تېخنىكا پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش كېلىشىمنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلى 7-ئايدا، خەنۋاڭ ئالما شىركىتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، « i-phone» تاۋار ماركىسىنى ئالما شىركىتىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن، كېلىشىم سوممىسى تەخمىنەن 25 مىليون خەلق پۇلى بولغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىرىم خەنۋاڭ پەن-تېخنىكىسىنىڭ 2009-يىللىق ساپ پايدىسىنىڭ تەخمىنەن% 30نى ئىگىلىگەن. نۆۋەتتە، « i-phone» ئىلتىماس قىلغۇچى خەنۋاڭ پەن-تېخنىكىسىدىن ئالما شىركىتىگە ئۆزگەرتىلگەن ھەمدە بۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئالما شىركىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، iPhone نىڭ جۇڭگو بازىرىغا يۈرۈش قىلىشىدىكى قانۇن توسالغۇسىنى تۈگەتتى. ئالما شىركىتى 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا iPad تاۋار ماركىسىنى سېتىۋالدى. 2000-يىلى ئالما شىركىتى ئايپەد تاختا كومپيۇتېرىنى بازارغا سالمىغان، ۋېيگۈەن تەيبېي شىركىتى كۆپلىگەن دۆلەت ۋە رايونلاردا ئايپەد ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان. 2001- يىلى، ۋېيگۇەن خەلقئارا بايرىقى ئاستىدىكى شېنجېن ۋېيگۇەن پەن-تېخنىكا شىركىتى يەنە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە iPad تاۋار ماركىسىنىڭ ئىككى خىل تۈرىنى رويخەتكە ئالدۇردى. 2009-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، ۋېيگۈەن خەلقئارا CEO 10 تاۋار ماركىسىنىڭ بارلىق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئەنگىلىيە IP ئىلتىماس تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە ئۆتۈنۈپ بەرگەن، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگو ئىچكى ئۆلكىلىرىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمى بار. كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە IP شىركىتى ۋېيگۈەن تەيبېي شىركىتىگە 35 مىڭ فوندستېرلىڭ تۆلەپ بارلىق iPad تاۋار ماركىسىنى سېتىۋالغان، كېيىن ئەنگلىيە IP شىركىتى 100 مىڭ فوندستېرلىڭ باھادا يۇقىرىقى 10 iPad تاۋار ماركىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى« ئالما» غا ئۆتۈنۈپ بەرگەن. 2010-يىلى، ئالما سوت مەھكىمىسىدىن« iPad» تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگىدارلىق قىلىش ھوقۇقى توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە شېنجېندىن مۇناسىۋەتلىك خىراجەتنى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ دېلو ئۈچ قېتىم سوت ئېچىپ قاراپ چىقىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالما شىركىتىنىڭ بارلىق دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىش ھۆكۈمى چىقىرىلغان. 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى، خۇيجۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى شۇ جايدىكى ئالما سودىگەرلىرىگە ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ ھۆكۈم چىقىرىپ، ئالما iPadكە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى چەكلىدى. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالما تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىشنى تۇنجى قېتىم بېكىتىشى. 2014 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالما شىركىتىنىڭ 60 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلىپ، IPAD تاۋار ماركىسى ماجىراسىنى ھەل قىلغانلىقىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇ ئالما شىركىتى بىلەن شېنجېن ۋېيگۇەن شىركىتىنىڭ تۆت يىل داۋاملاشقان iPad تاۋار ماركىسى ھوقۇق تەۋەلىكى ماجىراسىنىڭ تولۇق ھەل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. تاۋار ماركىسى مانا شۇنداق مۇھىم 1. ئۈنۈملۈك ئالاقە قورالى داڭلىق ماركا تىجارىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاۋار ماركىسىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى، شىركەت، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەمدە شەكىلسىز ۋە ھېسسىي ئۇچۇرلارنى ئىستېمالچىلارغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. مەيلى سىز جۇڭگو، ئىسپانىيە ياكى رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن بولۇڭ، بۇ ماركىنى ئاسانلا پەرق ئېتەلەيسىز. 2. ئىستېمالچىلار سىزنى تېخىمۇ ئاسان تاپالايدۇ. رىقابەت بازىرى ناھايىتى قىستا-قىستاڭ، نۇرغۇن رىقابەتچىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ئىستېمالچىلارنى سىزنى تاپالماس قىلىپ قويىدۇ. بۇ چاغدا، تاۋار ماركىسى / داڭلىق ماركا ئەڭ ياخشى قورال ھېسابلىنىدۇ. ئىستېمالچىلار تاۋار ماركىسىنى پەرق ئېتىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئىستېمال قىلماقچى بولغان ئوبىكتىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ماركىڭىز بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە بولسا، ئىستېمالچىلار مۇقەررەر ھالدا باشقا تاللاش ئېلىپ بارمايدۇ. 3. تيەنماۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق سۇپىلارغا كىرسە بولىدۇ. ئېلېكتىرونلۇق سودا كەلگۈسىدە نۇرغۇن كارخانا كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، ھازىر تيەنماۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى تاۋار ماركىسىنى ھازىرلىغاندىلا ئاندىن ماكانلىشالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋار ماركىسىنىڭ ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىدا تارقىلىش ئۈنۈمى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ. 4. تاۋار ماركىسى قىممىتى بار مۈلۈك. سىزنىڭ كەسپىڭىزنىڭ ئىناۋىتى بارغانسېرى چوڭ بولغاندا، سىزنىڭ ماركىڭىزنىڭ قىممىتىمۇ بارغانسېرى يۇقىرى بولىدۇ. تاۋار ماركىسى بىر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق مال-مۈلۈك بولۇپ، شەكىللىك مال-مۈلۈككە ئوخشاش ئۇنى ئېلىپ-سېتىشقا، ھوقۇق بېرىشكە، ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ ياكى كېپىللىك ھوقۇق-مەنپەئەتى (Security interestt) سۈپىتىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. 5. كارخانىلارنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. تاۋار ماركىسى كارخانىلارنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش ئېھتىياجىغا ئىگە قىلىدۇ ھەمدە ئىزدەش موتورى (مەسىلەن بەيدۇ) ياكى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى (مەسىلەن مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار) دىن پايدىلىنىپ سۈرۈشتۈرگەندە، شەك-شۈبھىسىزكى، تاۋار ماركىسى / ماركا ئەڭ مۇھىم تەسىر بولۇپ قالىدۇ. 6. تاۋار ماركىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ. پەقەت سىز ئۇنى داۋاملىق ئىشلەتسىڭىزلا ھەمدە ئۇزارتىش ئېلىپ بارسىڭىزلا، سىزنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىڭىزنىڭ ۋاقتى توشمايدۇ. ماركا قىممىتى چەكسىز ئۇزارتىلىدۇ! شۇڭا، كارخانا كۈندىلىك تىجارەت جەريانىدا، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئېڭىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە باشقۇرۇشنى مۇددەتتىن بۇرۇن تولۇق ياخشى ئىشلەپ، كەسپىي بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچى ئاپپاراتىدىن پائال مەسلىھەت سوراپ، سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش ماجىراسى قاينىمىغا كىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كارخانىنىڭ ئىستىقبالى ۋە كەلگۈسىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش