كوللىكتىپ ۋە ئىسپات تاۋار ماركىسى ھەققىدە سوئال-جاۋاپلار

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، بازار تىجارەت ـ سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى 2018 ـ يىلى « جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا 15 سوئال» نى تۈزگەندىن كېيىن، يېقىندا كەلگەن ئالاقە، تېلېفوندا ئىنكاس قىلىنغان جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسىدىن باشقا كوللېكتىپ ئىسپات تاۋار ماركىسىدىكى ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە جاۋابلارغا قارىتا، « كوللېكتىپ ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش توغرىسىدا 15 سوئال» نى تۈزۈپ، ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى.

1. بىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان گۇرۇھ شىركەت، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلساق بولامدۇ؟

ياق، بولمايدۇ.

« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 3-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى كوللېكتىپ، جەمئىيەت ياكى باشقا تەشكىلات نامىدا رويخەتكە ئېلىنغان، شۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى سودا پائالىيىتىدە ئىشلىتىدىغان، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شۇ تەشكىلاتتىكى ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ. كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش سۇبيېكتى كوللېكتىپ، جەمئىيەت قاتارلىق كوللېكتىپ خاراكتېرلىك تەشكىلاتلار بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، جۇڭگو شىنخۇا كىتابخانىسى جەمئىيىتى؛ فوشەن شەھىرى خۇنەن ئۆلكىسى يۆياڭ شەھەرلىك سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى؛ بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونى پاڭگېجۇاڭ تاۋۇز ئىشلەپچىقىرىش-سېتىش بىرلەشمىسى قاتارلىقلار.

يەككە كارخانا ياكى يەككە تىجارەتچى كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى بولسا بولمايدۇ. مەسىلەن: مەلۇم شەھەر يېزا ئىگىلىك مۇلازىمەت مەركىزى؛ مەلۇم ناھىيە XX ئاشلىق سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى. گۇرۇھ شىركەت كوللېكتىپ تەشكىلات ئەمەس، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تەلىپىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، « دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى قانۇنى» غا ئاساسەن، دېھقانلار كەسپىي كوپىراتىپى يېزا ئائىلە ھۆددىگەرلىكى ئاساسىدا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى قىلغۇچىلار ياكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت مۇلازىمىتى قىلغۇچىلار، پايدىلانغۇچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بىرلەشكەن، دېموكراتىك باشقۇرىدىغان، ئۆزئارا ھەمكارلىشىدىغان ئىقتىسادىي تەشكىلاتنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 3-ماددا 2-تارمىقىدا كۆرسىتىلگەن« باشقا تەشكىلات» بولۇپ، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى (جۇغراپىيەلىك بەلگىسى بۇنىڭ سىرتىدا) نى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش سۇبيېكتى قىلىنسا بولىدۇ.

2. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز بىر كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلماقچى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە باشقۇرۇش قائىدىسى ئۈلگىسىنى چۈشۈردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەشىنچى ماددىدا شۇ كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىدىغان تاۋارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ئېنىق يېزىلىشى كېرەك، بۇنى قانداق بايان قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: « كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ 10-ماددىسىنىڭ (2) تارماقچىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسى شۇ كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشتە كۆرسىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىدا بېكىتىلگەن تاۋار (ياكى مۇلازىمەت) نىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۈنۈملۈك دۆلەت ئۆلچىمى (ياكى ساھە ئۆلچىمى / يەرلىك ئۆلچەم) بولسىمۇ بولىدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى تەسۋىرلىسىمۇ بولىدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى،ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەت ئۆلچىمى / ساھە ئۆلچىمى / يەرلىك ئۆلچەمنى قوللانغان بولسا، بۇ ئۆلچەمنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ياكى قالدۇرۇلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك. مەسىلەن: ئىلتىماس قىلغۇچى مەلۇم كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا« گۈرۈچ» دەپ بەلگىلەنگەن بولسا، ھازىر كۈچكە ئىگە بولغان GB/T1354-2018« گۈرۈچ» نىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى قوللانسا بولىدۇ، ئەمەلدىن قالغان GB/T1354-2009« گۈرۈچ» نىڭ دۆلەت ئۆلچىمىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

ئىلتىماس قىلغۇچى تەمىنلىگەن ئۆلچەم شۇ كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىدا كۆرسىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپەت تەلىپىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشى، شۇ كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىدا كۆرسىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپىتىگە مۇناسىۋەتسىز ئۆلچەم بىلەن تەمىن ئەتمەسلىكى كېرەك. مەسىلەن، ئىلتىماس قىلغۇچى مەلۇم كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىدا بېكىتىلگەن تاۋارنى« كۆممىقوناق» دەپ رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، GB1353-2018« كۆممىقوناق» ئۆلچىمىنى قوللانسا بولىدۇ، GB/T35835-2018« كۆممىقوناق شېخى دانىچىسى» ئۆلچىمىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ.

ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچى بۇ كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىدا كۆرسىتىلگەن تاۋارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى ئۆز ئالدىغا تەسۋىرلىسە، ئۇنداقتا بۇ ئۆلچەم ئېنىق، كونكرېت بولۇشى كېرەك، مۈجمەل گەپ قىلىشقا بولمايدۇ.

3. بىز جۇڭگو XX جەمئىيىتى، بىر ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلماقچى، « كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» ، ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسىگە ئاساسەن، بۇ ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىدىغان تاۋار (ياكى مۇلازىمەت) نىڭ ئالاھىدە سۈپىتىنى ئېنىق يېزىش تەلەپ قىلىنىدۇ، بۇنى قانداق بايان قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: « تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 3-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىسپات تاۋار ماركىسى مەلۇم تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە تەشكىلات تىزگىنلەيدىغان، شۇ تەشكىلاتتىن باشقا ئورۇن ياكى شەخس ئۆزىنىڭ تاۋىرى ياكى مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىپ، شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئەسلىي جايى، خام ئەشياسى، ياساش ئۇسۇلى، سۈپىتى ياكى باشقا مۇئەييەن سۈپىتىنى ئىسپاتلايدىغان بەلگىنى كۆرسىتىدۇ.

دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئۆلچىمى ئىسپات تاۋار ماركىسى ئىسپات دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، ئىسپات تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋار (ياكى مۇلازىمەت) نىڭ سۈپىتى دۆلەتنىڭ مەجبۇرلاش خاراكتېرىدىكى ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. ئىلتىماس قىلغۇچى خام ئەشيا، ياساش ئۇسۇلى، سۈپىتى ياكى باشقا ئالاھىدە سۈپەتنىڭ كونكرېت ئۆلچىمىنى تەپسىلىي بايان قىلىپ، شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ باشقۇرۇش قائىدىسى ئارقىلىق شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەن تاۋار (ياكى مۇلازىمەت) نىڭ ئوخشاش تۈردىكى تاۋار (ياكى مۇلازىمەت) غا ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە ئەلا تەرەپلىرىنى بىلىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

جۇڭگو قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئىلتىماس قىلغان« CWIA + شەكىل» تاۋار ماركىسى، بەلگىلەنگەن تاۋار« قېرىنداش» نىڭ سۈپەت ئۆلچىمى« قېرىنداش» (ئىمتىھاندا ئىشلىتىلىدىغان ۋە كارتا سۈركەشتە ئىشلىتىدىغان قېرىنداش قەلەم GB/T26698-2011 ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك) 1، ئىمتىھاندا ئىشلىتىدىغان قېرىنداش« 2B» دېگەن خەتنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ؛ كەسمە يۈزى تەكشى، قوغۇشۇن ئۆزىكى ئوتتۇرىدا؛ دەستىسىنىڭ دىئامېتىرى ۋە ئۇزۇن-قىسقىلىقى بىردەك بولىدۇ؛ سىر يۈزى پارقىراق، رەڭگى تەكشى بولىدۇ؛ يۆگەلگەن چاغدا قوغۇشۇن ئۆزىكى ئاسان سۇنۇپ كەتمەيدۇ قوغۇشۇن ئۆزەكنىڭ ئىقتىدارى قېرىنداش قەلەمنىڭ ئۆلچىمىگە يېتىدۇ ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ، يەنى ئۆزەك ئۇچى كۈچ تەسىرىگە ئۇچراش / N9.31؛ سىيرىلىش دەرىجىسى) سۈركىلىش كوئېففىتسېنتى (0.175؛ 2 ھەرىكەت شەكلىدىكى قىسقۇچ قەلەم بىلەن 2007-QB/T1023 نىڭ 4-بابىدىكى قوغۇشۇن ئۆزىكىنىڭ دىيامېتىرىmm1.0 بولغان ھەرىكەت شەكلىدىكى قېرىنداش قەلەم تەلىپى.

      

4. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى تەمىنلىگەن كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسىنىڭ ئۈلگىسى، 7-، 8-ماددىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسىنىڭ 14-، 15-ماددىسى كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىلگۈچىنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىگە چېتىلىدۇ، ئۇنىڭدىكى« باشقا ھوقۇق» ، « باشقا مەجبۇرىيەتلەر» نى قانداق ئىپادىلەش كېرەك؟

جاۋاب: تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتى تەمىنلىگەن كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسىنىڭ پايدىلىنىش ئەۋرىشكىسى، « باشقا ھوقۇق» ، « باشقا مەجبۇرىيەتلەر» دېگەن خەتلەر كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ باشقۇرۇش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىجازەتلىك ئىشلەتكۈچى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلەرنى بېكىتسە بولىدۇ. ئەگەر بار بولسا، ھوقۇق مەجبۇرىيەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك؛ يوق بولسا، « باشقا ھوقۇق» ، « باشقا مەجبۇرىيەت» دېگەن خەتلەرنى ئۆچۈرۈۋېتىش كېرەك.

5. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز بىر كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلماقچى، كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكى قايسى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك؟

جاۋاب: كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى شۇ كوللېكتىپ تەشكىلاتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئورتاق ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى كوللېكتىپ تەشكىلات، ئىشلەتكۈچى ئۇنىڭ ئەزاسى، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى كوللېكتىپ بولمىغان ئەزالارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشكە بولمايدۇ. كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىگە شۇ كوللېكتىپ تەشكىلاتنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئىسمى (ئىسىم-فامىلىسى) ۋە ئادرېسى تەپسىلىي يېزىلىشى كېرەك.

6. كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى چوقۇم تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇشى كىرەكمۇ؟

جاۋاب: « كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ 10-ماددىسىدا كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ شۇ كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن. كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاۋار (ياكى مۇلازىمەت) نىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى، كوللېكتىپ ئەزالىرى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ تاۋار (ياكى مۇلازىمەت) سۈپىتىنى قەرەلسىز تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. لېكىن كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىنى تاپشۇرغاندا، تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىسپات ماتېرىيالىنى (جۇغراپىيىلىك بەلگىنى كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

« كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ 5-، 11-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار سۇبيېكتلىق سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتىنى قوشۇپ ئەۋەتىشى ھەمدە ئۇ ئىگە بولغان ياكى ئۇ ھاۋالە قىلغان ئاپپارات ئىگە بولغان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، كەسپىي تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ بۇ ئىسپات تاۋار ماركىسىدا ئىسپاتلانغان ئالاھىدە تاۋارنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ بۇ ئىسپات تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋارنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزى تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسا، ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش ساپانامىسى، تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى تىزىملىكى بىلەن تەمىنلىسە، شۇ ئىسپات تاۋار ماركىسى ئىسپاتلىغان ئالاھىدە تاۋارنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.

تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچى باشقىلارنىڭ تەكشۈرۈشىنى ھاۋالە قىلغاندا، ھاۋالە بويىچە تەكشۈرۈش كېلىشىمى، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ تەكشۈرۈش ساپانامىسى، تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى تىزىملىكىنى تەمىنلەشكە توغرا كەلسە، ئىلتىماس قىلغۇچىنى شۇ ئىسپات تاۋار ماركىسى ئىسپاتلىغان ئالاھىدە تاۋارنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.

7. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز« خۇاگوشەن» كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلماقچى، لېكىن بىز شۇنى بايقىدۇقكى، باشقىلار مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاۋارلارغا« خۇاگوشەن» تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان بولسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ تاۋار ماركىمىزنى يەنە تەستىقلاپ رويخەتكە ئالغىلى بولامدۇ؟

جاۋاب: تەستىقلاپ رويخەتكە ئېلىشقا بولمايدۇ.

گەرچە كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى بىلەن ئادەتتىكى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش شەكلى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بىلەن ئىشلەتكۈچىنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى تاۋار ماركىسىنىڭ بىر خىل تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنىلا تاۋار ۋە مۇلازىمەت مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدىغان سودا بەلگىسىگە تەۋە بولۇپ، « تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 30-، 31-ماددىلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىش كېرەك، ئاۋۋال ھوقۇق ئىزدىگەندە، ئاۋۋال رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى (ئادەتتىكى تاۋار ماركىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىلەن تەقرىبىي سېلىشتۇرۇش كېرەك.

شۇڭا، ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارلاردا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئادەتتىكى تاۋار ماركىسى بىلەن كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى تەڭ مەۋجۇت بولمايدۇ.

8. مەن جۇڭگو تاۋار ماركىسىنى توردا تەكشۈرۈپ، باشقىلارنىڭ 28-تۈردىكى تاۋارغا ئىلتىماس قىلغان« بىخەتەر ئويۇنچۇق» ئىسپات تاۋار ماركىسىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى بايقىدىم، سوراپ باقسام نېمە ئۈچۈن رەت قىلىنىدۇ؟

جاۋاب: ئىسپات تاۋار ماركىسى تەسىس قىلىشتىكى مەقسەت بازارغا كىرگۈزۈلگەن ئۈچىنچى تەرەپ باھالاش سىستېمىسى ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى ئاممىغا مەلۇم بىر تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئەسلىي ئىشلەپچىقىرىلغان جايى، خام ئەشياسى، ياساش ئۇسۇلى، سۈپىتى ياكى باشقا مۇئەييەن سۈپىتىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت. ئىسپات تاۋار ماركىسى تاۋار ماركىسىنىڭ بىر تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، « تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 11-ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. شۇڭا، ئىسپات تاۋار ماركىسىمۇ روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى كېرەك.

« بىخەتەر ئويۇنچۇق» خەتەر ۋە يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت بولمىغان ئويۇنچۇقنى كۆرسىتىدۇ. « مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان سانائەت مەھسۇلاتلىرى چوقۇم كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىقى ۋە جىسمانىي، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش ئالاقىدار ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلار چوقۇم يەتمەكچى بولغان ئاساسىي سۈپەت تەلىپى. « بىخەتەر ئويۇنچۇق» نىڭ ئىسپات تاۋار ماركىسى قىلىنىشى پەقەت« ئويۇنچۇق» تاۋارنىڭ سۈپىتىنىڭ ئالاقىدار دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، روشەن ئالاھىدىلىكىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. « تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 3-ماددىسى، 11-ماددا 1-تارمىقىنىڭ (2) تۈرى، 30-ماددىسى، « كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن رەت قىلىش كېرەك.

 

9. جەمئىيىتىمىز ئىلگىرى 31-تۈرگە يېڭى مېۋىگە« سامسۇڭ يېڭى شاپتۇلى» نىڭ ئادەتتىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان، ھازىر يەنە ئوخشاش تاۋارغا ئۇنى كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ، يولغا قويۇشقا بولامدۇ؟

جاۋاپ: بولمايدۇ.

ئادەتتىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلات بولسا بولىدۇ، تاۋار ماركىسى ھوقۇقى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىغا تەۋە بولىدۇ، رويخەتكە ئالدۇرغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئۆزى ئىشلەتسىمۇ، باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسىمۇ بولىدۇ.

كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى بىلەن ئادەتتىكى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بىلەن ئىشلەتكۈچىنىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە پەرق بار. مەسىلەن، ئادەتتىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئارزۇسى بويىچە باشقا ھەر قانداق سۇبيېكتنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە بولىدۇ، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچى پەقەت شۇ كوللېكتىپ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى بولۇشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاۋار ياكى مۇلازىمىتى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسىدە بېكىتىلگەن سۈپەت ئۆلچىمىگە يېتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى تاۋار ماركىسىنىڭ بىر خىل تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، « تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 30-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىش كېرەك. شۇڭا، ئوخشاش بىر ئىلتىماس قىلغۇچى بولغان تەقدىردىمۇ، ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋارغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىككى خىل تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ.

ئەگەر ئادەتتىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ بولغان بولسا، يەنە بۇ بەلگىنى كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولسا، چوقۇم ئىلگىرى رويخەتكە ئالدۇرغان ئادەتتىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش كېرەك.

10. بىز« ليۇشاخې چوڭ راكى» (تىرىك تەن چوڭ راكى) جۇغراپىيەلىك بەلگە كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنىڭ ئىگىسى، ھازىر كەسىپ زەنجىرىنى كېڭەيتىپ، ئۇنى يېمەك-ئىچمەك تۈرىگە كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرساق بولامدۇ؟

جاۋاب: جۇغراپىيەلىك بەلگە كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى بىلەن باشقا كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنىڭ ھەممىسى تاۋار ماركىسىنىڭ بىر خىل تۈرى، لېكىن ئىشلىتىش ئۇسۇلى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بىلەن ئىشلەتكۈچىنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە ئوخشىمايدۇ. مەسىلەن، جۇغراپىيەلىك بەلگە كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىدا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن تاۋارنىڭ بەلگىلەنگەن ئىشلەپچىقىرىش رايونى دائىرىسى بولىدۇ، باشقا كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىدا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە ئىشلەپچىقىرىلغان جاينىڭ تەلىپى بولمايدۇ، جۇغراپىيەلىك بەلگىنى باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە رويخەتكە ئالدۇرۇپ كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى قىلىش ئاسانلا تاۋارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە سۈپىتىنى خاتا تونۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە مەسىلەن، جۇغراپىيىلىك بەلگە ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بازار سۇبيېكتىغا ئورتاق بولغان ھوقۇقتۇر. شۇڭا، « تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 4-ماددىسى ۋە« كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ 18-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدا جۇغراپىيىلىك بەلگىدىكى يەر نامىنى يوللۇق ئىشلىتىش تاۋار جۇغراپىيىلىك بەلگە، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇبيېكتلار بۇ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن رويخەتكە ئالدۇرغۇچى« رۇخسەت قىلىشى كېرەك». تاۋار جۇغراپىيىلىك بەلگە، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش شەرتىنىڭ سۇبيېكتىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئەزاسى بولۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئەزاسى بولۇشنى تەلەپ قىلمىغانلىرىنى ئورۇنلۇق ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ« چەكلەش ھوقۇقى يوق» . كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكۈچى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئەزالىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئەزالاردىن باشقا سۇبيېكتلارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى نەزەردىن ساقىت قىلسا بولىدۇ. « ليۇشاخې چوڭ راكى» نىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى« تىرىك تەن چوڭ راكى» دىن باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇلسا، ئىشلەپچىقارغان يېرىدە ئالاقىدار ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا زىيان يېتىشى مۇمكىن، ئەمما رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ قىسمەن ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتى بولالمايدۇ.

11. ناھىيەمىز يېزا ئىگىلىك چوڭ ناھىيەسى، ناھىيەمىز نىڭ نامىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى رايونى ماركىسىنى يارىتىۋاتىدۇ، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ، لېكىن مەلۇم شەرتكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 10-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ يەر نامى كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىنسا بولىدۇ. لېكىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايون ناملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسى ئىلتىماسى بىرلا خىل ماددىدىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولسىلا رويخەتكە ئالدۇرۇلمايدۇ، يەنە روشەنلىك قاتارلىق« تاۋار ماركىسى قانۇنى» ، « تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» ، « كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» دىكى قانۇن-نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ھۆكۈمەتلەر تاۋار ماركىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى يېتەكچىلىك رولىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، رايون ماركىسىنى تۇتقا قىلىپ، كەسىپلەرنى بىرىكتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەگەر بۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ رايون ماركىسى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ نامى ۋە باشقا روشەن يېزىق ئامىللىرىدىن تەركىب تاپقان بولسا، ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىشلىتىش ئارقىلىق تاۋار ماركىسى ھاسىل قىلىشنىڭ روشەنلىكى، بەلگىلىك تونۇلۇش دەرىجىسىگە ئىگە بولۇشى، يەنە شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ھوقۇق بېرىشى كېرەك. ئەگەر بۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى رايون ماركىسى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەمۇرىي رايونلارنىڭ يەر نامى ۋە تاۋار (مۇلازىمەت) نىڭ ئورتاق نامىدىن تەركىب تاپقان بولسا، ئۇزاق مۇددەت زور مىقداردا ئىشلىتىش ئارقىلىق تاۋار ماركىسى پەيدا بولۇشنىڭ روشەنلىكى بولۇپ، بەلگىلىك تونۇلۇش دەرىجىسىگە ئىگە بولىدۇ، شۇ جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ھوقۇق بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاۋار (مۇلازىمەت) نى ئىشلىتىش تاۋار ماركىسى تەركىبىدىكى تاۋار (مۇلازىمەت) نىڭ ئورتاق نامى بىلەن بىردەك ياكى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ھەمدە خاتا ھالدا جۇغراپىيەلىك بەلگە دەپ قارالمايدۇ.

 

12. مەن چەت ئەللىك ئىلتىماس قىلغۇچى، جۇڭگودا كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلماقچى، سۇبيېكتلىق سالاھىيەت ئىسپاتى، تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئىسپاتى قاتارلىق ماتېرىياللارغا ئىسپات بېرىش كېرەكمۇ-يوق؟

جاۋاب: گۇۋاھلىق بېرىش بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، كونسۇل ئورگانلىرىنىڭ ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ھۆججىتىگە ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى ئورگىنىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىمزاسى ياكى تامغىسىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلايدىغان رەسمىيەتنى كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو ھازىر« چەت ئەلنىڭ ھۆججەت-ئالاقىلىرىگە ئىسپات بېرىش تەلىپىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھدىنامىسى» غا قاتناشمىدى.

 « تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 5-ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: چەت ئەللىكلەر ياكى چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىك ھاۋالىنامىسى ۋە ئالاقىدار ئىسپات ھۆججەتلىرىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش، ئىسپات بېرىش رەسمىيىتى باراۋەر بولۇش پرىنسىپى بويىچە بېجىرىلىدۇ.

شۇڭا، چەت ئەللىك ئىلتىماس قىلغۇچىلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسى ئىلتىماسى سۇنغاندا، چەت ئەلدە شەكىللەنگەن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار (ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سۇبيېكتلىق سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتى، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئىسپات ماتېرىيالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئىسپات بېرىش رەسمىيىتى بېجىرگەندىن كېيىن قايتا تاپشۇرۇشى كېرەك.

 

13. كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بۇ كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بۇ كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، لېكىن ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بۇ ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ.

« كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ 17-ماددىسىدا: كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ كوللېكتىپ ئەزالىرى بۇ كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن رەسمىيەتلەرنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، بۇ كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى كوللېكتىپ بولمىغان ئەزالارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بېرىشكە بولمايدۇ. كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى كوللېكتىپ تەشكىلاتقا ۋاكالىتەن رويخەتكە ئالدۇرىدۇ. شۇڭا، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بۇ كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

« كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ 20-ماددىسىدا: « ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋار (ياكى مۇلازىمەت) تا بۇ ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بۇ ئىسپات تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەن تاۋار (ياكى مۇلازىمەت) نىڭ سۈپىتىنى ئارىچىلىق ئارقىلىق نازارەت قىلىپ، ئۇنىڭ تاۋار (ياكى مۇلازىمەت) نىڭ سۈپەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇڭا، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىدىن باشقا ئورۇن ياكى شەخسلا ئىشلەتسە بولىدۇ، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئۆزى تەمىنلىگەن تاۋارغا بۇ ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتسە بولمايدۇ.

 

14. بىزنىڭ جەمئىيىتىمىز ئىلگىرى بىر كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغان، ھازىر ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات ئۆلچىمىدە ئۆزگىرىش بولدى، قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب: « كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» نىڭ 10-، 11-، 13-ماددىلىرىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: رويخەتكە ئېلىنغان كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىدا ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋار (ياكى مۇلازىمەت) نىڭ سۈپەت ئۆلچىمىدە ئۆزگىرىش بولغاندا، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسىنى ئۆزگەرتىش، ئىشلىتىش بېكىتىلگەن ھەر بىر تاۋار / مۇلازىمەتنىڭ سۈپەت ئۆلچىمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

مەھسۇلات ئۆلچىمىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقتىن، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك: (1) تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىش ئىلتىماسى؛ (2) سۇبيېكتلىق سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتى؛ (3) ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسى.

[3] بېجىرىش يولى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ« تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قوللانمىسى» دىكى« تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلغۇچى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى، كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى ئىسپات تاۋار ماركىسىنى باشقۇرۇش قائىدىسى، كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئۆزگەرتىش، تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىسى ھۆججىتىنى قوبۇل قىلغۇچى» دېگەن سەھىپىگە قاراڭ.

 

15. كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولامدۇ؟

جاۋاپ: ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولىدۇ.

كوللېكتىپ تاۋار ماركىسى، ئىسپات تاۋار ماركىسى تاۋار ماركىسىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۆتۈنۈپ بېرىشتە تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە دائىر ئادەتتىكى بەلگىلىمىنى قاندۇرۇش كېرەك.

كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشتا، تۆۋەندىكى ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇش كېرەك: (1) تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسى؛ (2) ئۆتۈنۈلگۈچىنىڭ سۇبيېكتلىق سالاھىيەت ئىسپات ھۆججىتى؛ (3) تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامى؛ (4) ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كېيىنكى كوللېكتىپ / ئىسپات تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قائىدىسى. كوللېكتىپ تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچىنىڭ كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى تاپشۇرۇش كېرەك. تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، يەنە قوبۇل قىلغۇچىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ئىسپات ماتېرىيالىنى تاپشۇرۇش كېرەك.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش