ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، بۇ يەتتە چوڭ مەسىلىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ!
1. تاۋار ماركىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن تېزدىن ئىشلىتىش كېرەك.
« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 49-ماددىسىدا: « رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ماركا ئىگىسى ئورۇنسىز سەۋەب بىلەن ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلەتمىسە، ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخس تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق» دەپ بەلگىلەنگەن.
شۇڭا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغاندىن كېيىن، كارخانا تېزدىن ئىشلىتىشى ھەمدە ئىشلەتكەن دەلىل-ئىسپات (ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش توختامى قاتارلىقلار) نى ساقلاپ قېلىشقا دىققەت قىلىپ، « ئۈچنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» نىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
2. تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەندە، خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 49-ماددىسىدا:« تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلاردىن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتكەنلىرىنى يەرلىك سودا سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت توشسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىكار قىلىدۇ. » دەپ بەلگىلەنگەن.
شۇڭا، بىز تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتكەندە، چوقۇم تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسى بىلەن ئەينى ۋاقىتتا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى تەستىقلىغان بەلگىنىڭ بىردەك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك، نىسبەت بويىچە كىچىكلىتىپ،چوڭايتىشقا بولىدۇ، لېكىن تاۋار ماركىسىنىڭ يېزىق، خەت شەكلىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
3. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۇچۇرىدا ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن، تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.
« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 41-ماددىسىدا: « رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىدا رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئالدۇرغان باشقا ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، كارخانا نامى ياكى ئادرېسىنى ئۆزگەرتكەن ھامان، دەرھال تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
4. تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىشتە چوقۇم ئەنگە ئالدۇرۇش كېرەك.
« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 43-ماددىسىنىڭ 3-تارمىقىدا« رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرگەنلەر تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازىتىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن.
تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە كىشى تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ئىجازەت توختامى تۈزۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆزى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشىگە ئىجازەت بەرسە بولىدۇ. باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت بېرىلگەن تەرەپ تاۋار ماركىسى ھوقۇق ئىگىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە بېرىپ تاۋار ماركىسى ئىجازىتىنى ئەنگە ئالدۇرۇش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
5. ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بايقىغاندا بالدۇرراق باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.
نۇرغۇن كارخانىلار تاۋار ماركىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسى بايقالغان ھامان، تاۋار ماركىسى ھوقۇق ئىگىسى ئۇنىڭغا قارىتا تېزدىن باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقىنى قوغدىشى كېرەك.
6. تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى كېڭەيگەندە قايتىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇش كېرەك.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، چوقۇم ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان تۈرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئىلتىماس قىلىش كېرەك. مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى باشقا تاۋار ياكى مۇلازىمەتنى تۈرگە ئايرىشتا ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، يەنە باشقا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك.
7. تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنى كېچىكتۈرمەسلىك كېرەك.
« تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 40-ماددىسىدا: « رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇپ، داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى مۆھلەت توشۇشتىن 12 ئاي بۇرۇن بەلگىلىمە بويىچە داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشى كېرەك؛ بۇ مۇددەت ئىچىدە بېجىرىپ بېرەلمىسە، ئالتە ئاي ئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. داۋاملىق ئىشلىتىلمىگەن تاۋار ماركىسى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلىنىدۇ.
تاۋار ماركىسى قانۇنى مەنىسىدىكى« تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش» تاۋار ماركىسىنىڭ تاۋار (مۇلازىمەت) مەنبەسىنى پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشىنى شەكىللەندۈرگەن-شەكىللەندۈرمىگەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.
ئەگەر كارخانا مۇۋاپىق ئىشلىتىپ، ئىشلىتىشكە ماھىر بولسا، ئۇنداقتا تاۋار ماركىسى كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ، ئەگەر كارخانا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش گۇۋاھنامىسى ئالغاندىن كېيىن، ئىشلىتىشكە خىلاپلىق قىلسا ياكى بىۋاسىتە ئىشلەتمىسە، ئۇ ھالدا بۇ تاۋار ماركىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئۆلچەملىك ئىشلەتكەندىن سىرت، يەنە ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى – ماركا تورى تەرجىمە قىلىپ تەييارلىدى . خالىغانچە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ .

ھەمبەھىرلەش