ماركا تاللاشتا ئۆزگەرتىش قىلىشنى ئويلىشىپ بېقىڭ

 ماركا دىگىنىمىز ئوخشاش تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرنى پەرقلەندۈرىدىغان بەلگە. تېخىمۇ مۇھىمى تاۋارلارنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاشتىكى ئاچقۇچ. بۇيەردە دىيىلىۋاتقان «تاۋار» تاۋار-دۇردۇن بولماستىن، ئەمەلى بۇيۇم، يەنى مەھسۇلاتنى كۆرسىتىدۇ. 
 ماركا ئىگىسى ئۆز ماركىسىدىكى مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى، ئىستىمالچىلارغا مەسئۇل بولۇشى كىرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ئىناۋىتى ۋە ئوبرازى تىكلەش بىلەن بىرگە ئۇنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم. 
 ماركىغا مەنىسى ئالاھىدە ياخشى، دەبدەبىلىك ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەندىن باشقا، كىشىلەر ئاسان چۈشىنەلەيدىغان،جەلىپ قىلارلىق، ئەستە ساقلىنىدىغان سۆز-بەلگىلەرنى ئىشلىتىش ماركىنىڭ تەشۋىقاتتىكى ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يوقۇرى كۆتۈرىدۇ.
مەسىلەن:مەن 2004-يىلى قەشقەر شەھىرىگە بارغان، بىركۈنى يولدا كىتىۋېتىپ بىر دۇكاننىڭ ۋىۋىسكىسىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ۋىۋىسكىغا« قايرىلىپ قايلاش» كىيىم-كىچەكلىرى دەپ يېزىلغانكەن. خېلى بىريەرگىچە قايرىلىپ قاراپ ئۈتۈپ كەتكەنتىم، ھازىرمۇ ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. 
 شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركا تاللىغاندا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىسىم-سۈپەتلەرنىلا تاللاپ ئىلتىماستا مەغلۇپ بولغاندىن،ئاز-تولا ئۆزگەرتىش قىلىپ باقساق ماركىنى ئوڭۇشلۇق ئىلتىماس قىلىش نىسبىتى تېخىمۇ يوقۇرى بولۇشى مۈمكىن. بولۇپمۇ ماركىدىكى سۆزنىڭ لاتىنچىسىنى بەك مۇھىم ئورۇنغا قويىۋالساق، ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا تەسىر قىلىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ماركىدىكى ھەرخىل يېزىق، شەكىللەرنى ئايرىپ ئىلتىماس قىلىپ بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشنى ئويلىشىپ باقسىڭىز ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش