« تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كۆرسەتمىسى» . خىزمەت خۇلاسىسى ۋە يولغا قويۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

11-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، « تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كۆرسەتمىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ« كۆرسەتمە» دېيىلىدۇ) نى تۈزۈش خىزمىتىنى خۇلاسىلەش ۋە يولغا قويۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى جۇڭگو تاۋار ماركىسى بىناسىدا ئېچىلدى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خې جىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. يىغىندا«كۆرسەتمە» نى تۈزۈشتىكى خىزمەت تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، تۈزۈش خىزمىتىدە بارلىققا كەلگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە شەخسلەر تەقدىرلەندى ھەمدە كېيىنكى قەدەمدە« كۆرسەتمە» نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى تەكشۈرۈشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىلدى. 
خې جىمىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: « كۆرسەتمە» 1983-يىلى« تاۋار ماركىسى قانۇنى» يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تاۋار ماركىسى كەسپىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى قاپلىغان تۇنجى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئۆلچىمى بولۇپ، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ قېلىپلاشقان ھۆججەت ئېلانى سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. « كۆرسەتمە» پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە مىڭ تەكشۈرگۈچى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە ئورتاق رىئايە قىلىدىغان قائىدە، شۇنداقلا تاۋار ماركىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىشلىرىنىڭ ئاساسى تەيشەن تېغىدەك مۇستەھكەم. « تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىش كۆرسەتمىسى» نى تۈزۈش خىزمىتىدىكى تەجرىبىلەرنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، « كۆرسەتمە» نى يولغا قويۇشنى پۇختا، تەرتىپلىك چىڭ تۇتۇپ، « كۆرسەتمە» دىكى بارلىق خادىملارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ، «كۆرسەتمە» نى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «كۆرسەتمە» نى ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، « كۆرسەتمە» نى نەشر قىلىپ تارقىتىشنى پائال ئورۇنلاشتۇرۇپ، «كۆرسەتمە» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ دائىملىق مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. 
خې جىمىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى بېكىتىپ، « 14 ـ بەش يىل» لىق تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش، تەكشۈرۈشنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قائىدىنى يېڭىلاشنى ئاساس قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن ئۈنۈمى بىلەن ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تىرىشىش كېرەك؛ خىزمەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ۋاسىتە قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش سۈپىتى، ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك؛ تېخنىكا يېڭىلاشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. 
  قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: « كۆرسەتمە» نى يولغا قويغاندىن كېيىن دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلە ۋە تىپىك دېلو مىساللىرىنى توپلاپ ۋە رەتلەپ، « كۆرسەتمە» گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى مۇكەممەل لەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئۈزلۈكسىز تېپىپ چىقىمىز. «كۆرسەتمە» نىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشىپ ماڭىدىغان، ھاياتىي كۈچكە ئىگە ھەقىقىي قانۇن قېلىپىغا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. 
يولداش سۈي شۇدۇڭ مۇنداق دېدى: ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، «كۆرسەتمە» نى يولغا قويۇشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت ۋە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، كەسىپنى كۆزلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەلا خىزمەت نەتىجىلىرى بىلەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىمىز. 
قانۇن-نىزام مەھكىمىسى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، يەرلىك تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش-ھەمكارلىشىش مەركىزىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى. 

مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى توربېكىتى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 
ھەمبەھىرلەش