بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يولداش خې جىمىن تاۋار ماركىسى بىناسىنى زىيارەت قىلدى

  2 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 1 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىن ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنى، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خې جىمىن تاۋار ماركىسى بىناسىغا كېلىپ، كۆپچىلىكنى 2022 ـ يىللىق تاۋار ماركىسى خىزمىتى نىشان ـ ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى باشلىنىش، ياخشى قەدەم ئېلىشقا رىغبەتلەندۈردى. 
  يولداش خې جىمىن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىش زالى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئۇنىۋېرسال ۋە كەسپىي باشقارما، شۇنداقلا ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومپيۇتېر ئۆيىدىكى خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى. يولداش خې جىمىن ھەر بىر جايغا بارغاندا كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى بىر يىلدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى داۋاملىق يېتەكچى قىلىپ، « بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش پىروگراممىسى( 2021 ـ يىلىدىن 2035 ـ يىلىغىچە )« 14 ـ بەش يىللىق دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىشلىتىش يىرىك پىلانى »» نى چۆرىدەپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش نىشان ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنداپ، تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش ھەرىكىتىنى سىجىل قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنىڭ بېسىلىپ قېلىش قىلمىشىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تاۋار ماركىسى ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. 
  ئۇ كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، غەيرەتنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى. تاۋار ماركىسى ئىدارىسىدىكى كەڭ كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر بەس ـ بەستە غەيرەتكە كېلىپ، قەتئىي بوشاشماي، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقى بىلەن ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاۋار ماركىسى ئىشلىرىدا يەنە ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 
ھەمبەھىرلەش