ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ئەسەرلەرنى ئىختىيارىي تىزىملاشنى يولغا قويۇش چارىسى-سىناق نۇسقىسى
(1994 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى [1994] 78 – نومۇرلۇق ھۆججەت ئېلان قىلىندى، 1995 – يىل 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ)
1-ماددا بۇ چارە ئاپتور ياكى باشقا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرى ۋە ئەسەر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، ئەسەر ھوقۇقى تەۋەلىكى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى ماجىراسىنى ھەل قىلىشنى دەسلەپكى دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەش مەقسىتىدە تۈزۈپ چىقىلدى.
2-ماددا ئەسەر ئىختىيارىي تىزىملىنىدۇ. ئەسەرنىڭ تىزىملانغان ياكى تىزىملانمىغانلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئاپتور ياكى باشقا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرى قانۇن بويىچە ئېرىشكەن ئەسەر ھوقۇقى تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.
3-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاپتورلار ياكى باشقا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. دۆلەت ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى چەت ئەل ۋە تەيۋەن، شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىدىكى يازغۇچىلار ياكى باشقا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تىزىملاش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.
4-ماددا ئەسەر تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغۇچى ئاپتور، ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان باشقا پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى غەيرىي قانۇنىي ئىگە ئورۇنلار، مەخسۇس ھوقۇقلۇق كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بولۇشى كېرەك.
5-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە تەۋە بولغان ئەسەرلەرنى ئەسەر تىزىملىغۇچى ئورگان تىزىملىمايدۇ :
(1) ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى تەرىپىدىن قوغدالمايدىغان ئەسەرلەر؛
(2) ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتكەن ئەسەرلەر؛
(3) نەشر قىلىش، تارقىتىش قانۇن بويىچە مەنئى قىلىنغان ئەسەرلەر.
6-ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئەسەر تىزىملىغۇچى ئورگان ئۇنىڭ تىزىمىنى بىكار قىلىشى كېرەك:
(1) تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن بۇ چارىنىڭ 5-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋال كۆرۈلسە.
(2) تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن پاكىتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى بايقالسا؛
(3) ئىلتىماس قىلغۇچى ئەسلىي ئەسەرنى تىزىملاشنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسا؛
(4) تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن تەكرار تىزىمغا ئېلىنغانلىقىنى بايقىغان بولسا.
7-ماددا ئاپتور ياكى ئەسەر ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان باشقا پۇقرالارنىڭ تەۋەلىكىدىكى رايونلاردا پرىنسىپ جەھەتتە كىملىكىدىكى ئادرېسى تۇرۇشلۇق جايدىكى قاراشلىق رايون ئۆلچەم قىلىنىدۇ. ھەمكارلاشقان ئاپتورلارنىڭ ۋە كۆپلىگەن ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئەھۋالى كۆرۈلسە، ھاۋالىنى قوبۇل قىلغۇچى قاراشلىق رايون ئۆلچەم قىلىنىدۇ. قانۇنىي ئىگە ياكى قانۇنىي ئىگە بولمىغان ئورۇنغا قاراشلىق رايوندا ئۆزىنىڭ تىجارەت سورۇنى تۇرۇشلۇق جايغا قاراشلىق رايون ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
8-ماددا ئاپتور ياكى باشقا ئەسەر ھوقۇقىغا ئىگىدارچىلىق قىلغۇچىلار ئەسەر تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، سالاھىيەت ئىسپاتىنى كۆرسىتىشى ۋە ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكىنى بىلدۈرىدىغان ئىسپاتنى كۆرسىتىشى كېرەك (مەسىلەن: مۇقاۋا ۋە نەشر ھوقۇقى بېتىنىڭ كۆپەيتىلمىسى، قىسمەن قوليازمىلىرىنىڭ كۆپەيتىلمىسى ۋە سۈرىتى، ئەۋرىشكىسى قاتارلىقلار) ، ئەسەرنى تىزىملاش جەدۋىلى تولدۇرۇشى ھەمدە تىزىملاش ھەققى تاپشۇرۇشى كېرەك. باشقا ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسى ئەسەرنى تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغاندا، يەنە ئەسەر ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلارنى كۆرسىتىشى كېرەك (ئەگەر ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق قىلغۇچىنىڭ كىملىكىنى كۆرسىتىشى كېرەك؛ ھاۋالە قىلىنغان ئەسەردىكى ھاۋالە قىلغۇچى ھاۋالە توختامىنى كۆرسىتىشى كېرەك). مەخسۇس ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشى ئۆزىنىڭ مەخسۇس ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان توختامنى كۆرسىتىشى كېرەك.
9-ماددا رويخەتكە ئېلىنغان ئەسەرلەرنى ئەسەر تىزىملىغۇچى ئورگان تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئەسەر تىزىملىغۇچى ئورگان ئەسەرنى تىزىملاش كىنىشكىسى بېرىدۇ. ئەسەر تىزىملاش كىنىشكىسى بۇ چارىگە قوشۇمچە قىلىنغان نۇسخىنى تىزىملىغۇچى ئورگان تەييارلايدۇ. تىزىملىغۇچى ئورگاننىڭ تەكشۈرۈش مۇددىتى بىر ئاي بولىدۇ، بۇ مۇددەت تىزىملىغۇچى ئورگان ئىلتىماس قىلغۇچى تاپشۇرغان تىزىملاشنى ئىلتىماس قىلغان بارلىق ماتېرىياللارنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
10-ماددا ئەسەر تىزىملاش جەدۋىلى ۋە ئەسەر تىزىملاش كىنىشكىسىگە ئەسەر تىزىملاش نومۇرى بېسىلىشى كېرەك. ئەسەرنىڭ تىزىملاش نومۇرى مۇنداق بولىدۇ: (رايون نومۇرى) - (يىل دەۋرى) - (ئەسەر تۈرگە ئايرىش نومۇرى) - (تەرتىپ نومۇرى). دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى تىزىملاشقا مەسئۇل بولغان ئەسەرلەرنى تىزىملاش نومۇرى رايون نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.
11-ماددا ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسى ھەر ئايدا ئۆز رايونىنىڭ ئەسەرلىرىنى تىزىملاش ئەھۋالىنى دۆلەت ئەسەر ھوقۇقى ئىدارىسىگە يوللايدۇ.
12-ماددا ئەسەر تىزىملاشتا، كومپيۇتېر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى باشقۇرۇش ھەمدە كۆپچىلىككە ئېچىۋېتىش كېرەك. ئەسەرنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشكە تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇش، تەكشۈرۈپ كۆرۈش ھەققى تاپشۇرۇش كېرەك.
13-ماددا ئالاقىدار ئەسەرلەرنى تىزىملاش ۋە كۆرۈش خىراجىتى ئۆلچىمى ئايرىم بېكىتىلىدۇ.
14-ماددا ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى تىزىملاش مۇشۇ چارىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىنىدۇ.
15-ماددا كومپيۇتېر يۇمشاق ماتېرىيالىنى تىزىملاشتا« كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى تىزىملاش چارىسى» ئىجرا قىلىنىدۇ.
16-ماددا مەزكۇر چارىنى چۈشەندۈرۈشكە دۆلەت نەشر ھوقۇقى ئىدارىسى مەسئۇل بولىدۇ.
17-ماددا بۇ چارە 1995-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
مەنبەسى: دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى ئورگان توربېكىتى
مەنبەسى: دۆلەت نەشىر ھوقۇقى ئىدارىسى ئورگان توربېكىتى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش