ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇش، بۇ يىل بىز مۇشۇنداق قىلىمىز!

  يېقىندا، « تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ 2022 ـ يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى» رەسمىي بېسىپ تارقىتىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇشنى نىشان قىلىش، تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇش قىلمىشىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى سىجىل ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەل لەشتۈرۈشنى يېتەكچى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تاۋار ماركىسى ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تاۋار ماركىسى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى. 
  پارتىيە قۇرۇلۇشىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، « ئەمەلىيلەشتۈرۈش يىلى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، « ئىستىل قۇرۇلۇشى يىلى» پائالىيىتىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، قەتئىي بوشاشماي« تۆت خاھىش» نى تۈزىتىپ، يېڭى ئىستىل تىكلەپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش ـ تەربىيە نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيەتكە ئىنتىلىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئىشلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەتئىي، ئۈزۈل ـ كېسىل تۇتۇش خىزمەت ئىستىلىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. 
  تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. تاۋار ماركىسىنى قەستەن رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، دۆلەت مەنپەئىتى، كۆپچىلىك مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان تاۋار ماركىسىنى قەستەن رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىشنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا ياخشى ئىشلەش كېرەك. تاۋار ماركىسى بېسىمدارلىق قىلمىشىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ۋە تاۋار ماركىسى مەخسۇس ھوقۇقى، گۆرۈ ھوقۇقىنى تىزىملاپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاۋار ماركىسىنى بېسىمدارلىق قىلىش، ئۆتۈنۈپ بېرىش، پايدا ئېلىش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش كېرەك. 
  تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇددىتىنى داۋاملىق يەتتە ئاي، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئوتتۇرىچە تەكشۈرۈش مۇددىتىنى تۆت ئاي قىلىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، سوت قىلىش مۇددىتىنى قىسقارتىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، تەكشۈرۈش سۈپىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تېز تەكشۈرۈش چارىسىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت مەنپەئىتى، كۆپچىلىك مەنپەئىتى ياكى زور رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە چېتىلىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى قانۇن بويىچە تېز تەكشۈرۈش كېرەك. سەييارە باھالاش كوللىگىيىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاغزاكى قاراپ چىقىش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردۇق. 
  تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەل لەشتۈرۈش كېرەك. ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشنىڭ ئىلمىي، ئۈنۈملۈك تۈزۈلمىسىنى ئورنىتىپ، ئەمگەك توختامى تۈزۈمىدىكى خادىملارنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، جايلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئىش ئورنى دەرىجە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. تاۋار ماركىسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە جۇغراپىيەلىك بەلگىگە دائىر قانۇن چىقىرىش تەكلىپى قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، تۈزىتىش تەكلىپى بېرىشكە ماسلىشىش كېرەك. تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى شەكىللەندۈردى. 
  تاۋار ماركىسى كۆپچىلىك مۇلازىمىتى ئىقتىدارى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يەرلىك تاۋار ماركىسى كەسپىنى قوبۇل قىلىش كۆزنىكىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، كۆزنەك خىزمەتچىلىرىنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۈتۈن تەرتىپنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش زالىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ تاۋار ماركىسىدىن تېلېفوندا مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ « ياخشى، ناچار باھالاش» خىزمەت مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەل لەشتۈرۈپ، ئامما باھالاشنى خالايدىغان، دادىل باھالايدىغان، ئەسقاتىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 
 دەسلەپكى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، ئىشتا نەتىجە قازىنىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن تاۋار ماركىسىنى ياخشى تەكشۈرۈش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى قۇرۇشنى نىشان قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كەم ـ كوتسىز چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ۋە ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالدى. 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش