ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىلەن جۇڭگو سىياسىي ـ قانۇن داشۆسى بىرلىشىپ « بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ياشلار» تېمىسىدىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدا جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 22-قېتىملىق دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈنى ھارپىسىدا، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە« بۇلۇت» نى مۇجەسسەملەپ، « بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ياشلار» باش تېمىسىدىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇردى. دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سۈي شۇدوڭ، جۇڭگو سىياسى قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شى جيەنجۇڭ پروفېسسور پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
يولداش سۈي شوۋدۇڭ تەبرىك سۆزىدە 2021-يىللىق تاۋار ماركىسى ئىسلاھاتىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كۈچلۈك تەدبىر، ئىككى تەرەپنىڭ تاۋار ماركىسىنى پۈتۈن زەنجىرلىك قوغداشنى كۈچەيتىشنى ئورتاق تەتقىق قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئىدىيە، ئىلىم ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، ياشلار توپىنىڭ ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
پىروفېسسور شى جيەنجۇڭ تەبرىك سۆزى قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پائالىيەت جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە ئەمەلىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، يۇقىرى ساپالىق قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى سۈپەتلىك قانۇنشۇناسلىق مائارىپ بايلىقىغا ئىگە، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، سۇپىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، مۇھاكىمە قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ خىزمەت ۋە نەزەرىيە تەتقىقاتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىدە، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار كەسىپ باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تاۋار ماركىسىنى يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇشقا زەربە بېرىشنىڭ ئاساسلىق ئۈنۈمى قاتارلىقلارغا ئومۇميۈزلۈك ئىنچىكە جاۋاب بەردى ھەمدە 2021-يىللىق تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىر ۋە باھالاش دېلو مىسالىنى يېشىپ بەردى، ئاۋۋال ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش، تاۋار ماركىسى بەلگىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى، تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىنىڭ شەكىللىنىش شەرتى ھەمدە تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ئەمەلىيىتىدە 4-ماددىنى قانداق تەتبىقلاش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.
ۋەكىل جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى خوشۇت بوشېڭ نۆۋەتتىكى يۇقىرى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى، كۆپچىلىك مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە شەخسىي ھوقۇقنى قوغداش، يامان غەرەزدە تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش سۈپىتىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇناسىۋىتى قاتارلىق تاۋار ماركىسى ساھەسىدىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى توغرىسىدا قانۇنشۇناسلىق نەزەرىيەسى ۋە قانۇنشۇناسلىق لوگىكىسى قاتارلىق نۇقتىلاردىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى جۇڭگو سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن نەزەرىيە تەتقىقاتى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاۋار ماركىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداش خىزمەت ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى ئورتاق تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئورگان توربېكىتى
مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى ئورگان توربېكىتى
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش