ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئايرىم تاۋار ماركىسى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى
1. ئۆزلىرىنىڭ سودا-سانائەت باش ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئالاھىدە يېقىن كۆرسىتىپ، ئېلان تەشۋىقاتلىرىدا ئۆزلىرىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئالاھىدە تەستىقلىغان، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىلەن ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلاشقان، ئىچكى يولى بار، سودا-سانائەت باش ئىدارىسى بىلەن ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئادۋوكاتلىرى بار دىگەندەك ساختا سۆزلەرنى ئىشلىتىش.
2. ساختا شان-شەرەپنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش. ۋاكالەتچى ئاپپاراتلار تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەرىپىدىن مۇناسىۋەتلىك شەرەپلىك نام بېرىلگەنلىكىنى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ۋىۋىسكىسى، تاختىسى قاتارلىقلارنى ئويدۇرۇپ چىقىش.
3. يالغان ۋەدە بېرىش. ۋاكالەتچى ئاپپارات ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىش نىسبىتى 100% ياكى ھۆددە توختامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىش.
4. ماركا رويخەتكە ئېلىش تەرتىۋى، ۋاقتى قاتارلىقارنى ساختا تەشۋىق قىلىپ، ئۆزلىرى ئارقىلىق ماركا ئىلتىماس قىلغاندا ناھايىتى تېز كىنىشكا ئالالايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىش.
5. مۇناسىۋەتلىك ھۆججەت، ئۇچۇرلارنى يالغاندىن ياساش. ۋاكالەتچى ئاپپارات تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش تەرتىپى ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئازدۇرىدۇ. تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ھۆججىتى، تامغىسى قاتارلىقلارنى ياسىۋېلىپ، ساختا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش، بۆلۈش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئالدىغا بىجىرىۋېلىش.
6. باشقا ناتوغرا ۋاستىلەرنى قوللىنىپ كەسىپ توپلاش. ۋاكالەتچى ئاپپاراتلار باشقا ۋاكالەتچى ئاپپاراتلارغا تۆھمەت قىلىپ،ئۆزلىرىنىڭۋاكالەتچى تاۋار ماركىسىنى رەت قىلىپ قايتا تەكشۈرۈشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى كۆپتۈرۈپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنى ۋاكالەتچىلىكنى ئۆزگەرتىپ قايتا تەكشۈرۈش ياكى دەۋا قىلىشقا ئۈندەيدۇ. يالغاندىن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تاۋار ماركىسى باشقا تۈرلەرگە رويخەتكە ئېلىندى دەپ يالغان ئېيتىپ، تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىنى باشقا تۈردىكى تاۋار ماركىسىنى قوشۇپ ئىلتىماس قىلىشقا ئازدۇرىدۇ. ئۇنى غەيرىي نورمال ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئاۋۋال ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلىش توسالغۇسىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ دەپ، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ تېخى ئاشكارىلانمىغان تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە مۇددەتتىن بۇرۇن ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى داۋراڭ سېلىپ، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ماركا ئىلتىماسى قايتۇرۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئالدايدۇ.
7. ھەق ئېلىش تۈرلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش. تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ نامىدا تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش ھەققىدىن باشقا، « رويخەتكە ئېلىش ھەققى» ، « تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىش سۇغۇرتا ھەققى» ، « تاۋار ماركىسىنى ئالدىن قوغداش ھەققى» ، « رويخەتكە ئېلىش گۇۋاھنامىسى ئېلىش ھەققى» ، « تاۋار ماركىسى دائىرە نامىنى قوغداش ھەققى» ، « تاۋار ماركىسى نەشر ھوقۇقىنى قوغداش ھەققى» ، « تاۋار ماركىسىنى توردا تىجارەت قىلىش ھەققى» ، « رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى تىزىملاش ھەققى» ، « توردا تاۋار ماركىسىنى كۆرگەزمە قىلىش ھەققى» ، « 3.15 پەرقلەندۈرۈش ھەققى» ، « تاۋار ماركىسى يىللىق قوغداش ھەققى» قاتارلىقلارنى ئېلىپ، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ئالداش.
8. شايكا ئالدامچىلىقى. ئىلتىماس قىلغۇچىنى ئالاقىدار تاۋار ماركىسىنى قوبۇل قىلىشقا ئالداپ، باشقىلارنى يۇقىرىقى تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش، باشقىچە پىكىر قىلىش، كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش قاتارلىق يامان غەرەزدە ئىلتىماس قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىلتىماس قىلغۇچى يۇقىرى ھەق تۆلىگەندىن كېيىن ئالاقىدار ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى قاقتى سوقتى قىلىش.
ئالاقىدار كۆپچىلىك تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ يۇقىرىقى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى بايقىسا، ئالاقىدار يىپ ئۇچى، دەلىل-ئىسپاتلارنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، تاۋار ماركىسى ۋاكالەت ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق جاي ياكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش يۈز بەرگەن جايدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقىغا ئەرز قىلسا، پاش قىلسا بولىدۇ. قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
مەنبەسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق ھۆكۈمىتى تورى
http://www.gov.cn/xinwen/2018-02/28/content_5269384.htm
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، ھەرقانداق شەخسنىڭ ئەمگىكىمىزنى ھۆرمەت قىلىشىنى، رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.