ماركا ۋاكالەتچىلىرىگە ماركا ئىلتىماس قىلىشنى ھاۋالە قىلىپ پۇل ۋە ماتىرىيال تاپشۇرساقلا ماركا ئىلتىماسىمىز تەستىقلىنىپ، ماركا كىنىشكىسى قولىمىزغا تىگەمدۇ؟

جاۋاپ: بەلكىم ئۇنداق بولماسلىقى مۈمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ تەرەپلىك. 
1-ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ماركا چوقۇم دۆلەت ماركا ئىدارىسى ماركا تەكشۈرۈش سېستىمىسىدا تىزىملاتماقچى بولغان ماركا تۈرى بويىچە تەپسىلى ۋە توغرا تەكشۈرۈلۈشى كىرەك. باشقىلار ئوخشاش تۈرگە ئىلتىماس قىلىپ بولغان ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كىتىدىغان ماركىنى قايتا ئىلتىماس قىلغاندا ماركا ئىلتىماسى رەت قىلىنىشى مۈمكىن، ئۇنداق بولغاندا دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەرگىزمۇ ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ ھەم رەسمىيەت ھەققىنىمۇ قايتۇرمايدۇ. 
2-ماركا ۋاكالەتچىسى چوقۇم دەل ۋاقتىدا ئۆلچەملىك ئىلتىماس ماتىرىياللىرىنى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا تاپشۇرۇشى كىرەك. چۈنكى ماركىنى كىم بىركۈن بۇرۇن ئىلتىماسقا يوللىسا ماركا شۇنىڭ بولىدۇ، كىيىنكىلەرنىڭ ماركا ئىلتىماسى بىردەك رەت قىلىنىدۇ.
3-ماركا ئىلتىماسى چوقۇم ئىلتىماس قىلغۇچى ئىشلەتمەكچى بولغان مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەت تۈرى بويىچە توغرا يوللىنىشى كىرەك.  
4-ماركا ۋاكالەتچىسى چوقۇم دۆلەت ماركا ئىدارىسى ماركا ۋاكالەتچىلىرى ئارقا سۇپىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا كۆرۈپ، ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا توغرا بىرتەرەپ قىلىشى كىرەك. 
5-ماركا ۋاكالەتچىسى چوقۇم كەسپنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشى، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۇزۇن مەزگىل ئۈزۈپ قويماسلىقى، ماركىغا مۇناسىۋەتلىك قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەنلىك ياكى رەت قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشى، ماركا رويخەت كىنىشكىسى قاتارلىقلارنى دەل ۋاقتىدا ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىغا يەتكۈزۈشى كىرەك. چۈنكى بۇ ماتىرىياللار دۆلەت ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن ماركا ۋاكالەتچىسىگە بىۋاستە يەتكۈزۈلىدۇ، ماركا ئىگىسى ئەگەر ماركا كىنىشكىسىنى تولۇقلىماقچى بولسا يەنە ھەق ئالىدۇ.
6-ماركا ئىلتىماسى دۆلەت ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغاندا ماركا ۋاكالەتچىسى چوقۇم ماركا ئىگىسىگە توغرا يول كۆرسىتىپ مەسلىھەت بىرىشى، قايتا قاراپ چىقىشقا تىگىشلىك ماركا ئىلتىماسىنى قايىل قىلارلىق ماتىرىيال تەييارلاپ ۋاقتىدا قايتا قاراپ چىقىشقا يوللىشى كىرەك. 
قىسقىسى، ماركا ئىلتىماسىنىڭ نەتىجىسى چىقىپ تاكى كىنىشكا چىققىچە 1-2يىل ۋاقىت كىتىدىغان بولۇپ، بۇ جەرياندا ماركا ۋاكالەتچىسى تۇيۇقسىز كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ياكى مەسئۇلىيەتتىن قېچىپ ، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ئۈندىداردىن يۇيۇپ، تېلېفوننى قارا تىزىملىككە كىرگۈزىۋەتكەن ئەرز-شىكايەتلەر كۆپ ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ماركا ۋاكالەتچىسىنى توغرا تاللىشى، سېلىشتۇرغاندا كەسىپ بىجىرىش باھاسىنىلا ئەمەس، سۈپەت، ئىشەنچ، سەمىمىيلىكنىمۇ سېلىشتۇرۇشى كىرەك.  
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.


ھەمبەھىرلەش