ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
تاۋار ماركىسى بىلەن logoنىڭ پەرقىنى بىلەمسىز؟
تاۋار ماركىسى دېگەن نېمە؟
تاۋار ماركىسى مەلۇم تاۋار، مۇلازىمەت ياكى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت شەخس ياكى كارخانىنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ روشەن بەلگىسى. سودا ساھەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاۋار ماركىسى يېزىق، شەكىل، ھەرپ، رەقەم، ئۈچ ئۆلچەملىك بەلگە ۋە رەڭ بىرىكمىسى، شۇنىڭدەك يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ بىرىكمىسنى تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە رويخەتكە ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. دۆلەت ئىچىدىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ھۆكۈمەت تەستىقلاپ رويخەتكە ئالغان تاۋار ماركىسى« رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى» بولۇپ، قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
لوگو دېگەن نېمە؟
logo بولسا بەلگە ياكى تاۋار ماركىسىنىڭ چەت ئەل تىلىدىكى logotype نىڭ قىسقارتىلمىسى، شەيئىلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئىپادىلەيدىغان بەلگە. logo كىشىلەر ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن بىر خىل كۆرۈش سېزىمىلەشكەن ئۇچۇر ئىپادىلەش شەكلى بولۇپ، ئىخچام، ئېنىق، بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولىدىغان كۆرۈش سېزىمىنىڭ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىگە ئىگە. ئوبرازلىق Logo ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا شىركەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە داڭلىق ماركا مەدەنىيىتىنى تونۇتۇپ، كارخانا ئوبرازىنى تېخىمۇ كۆپ گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىگە بولغان شىركەتنى پەرقلەندۈرۈش ۋە كېڭەيتىش رولىنى ئوينايدۇ.
تاۋار ماركىسى بىلەن logo نىڭ قانۇندا قانداق پەرقى بار؟
(1) ھوقۇق تەۋەلىكى ئوخشىمايدۇ. logo نىڭ لايىھەلىگۈچىسى بىلەن ئىشلەتكۈچى ئوخشاش بىر ئادەم بولماسلىقى مۇمكىن، ئادەتتىكى شىركەتلەر لايىھەلىگۈچىگە logo لايىھەلەشنى ھاۋالە قىلىدۇ، ئۇنداقتا Logo ھاۋالىلىك ئەسەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنىڭ تەۋەلىكى ئىككى خىل بولىدۇ، پۈتۈشكەن بولسا ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ ياكى پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۇنداقتا لايىھەلىگۈچىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، تاۋار ماركىسى پەقەت تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ، بۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كاتېگورىيەسى.
(2) ھوقۇققا ئېرىشىش ئوخشىمايدۇ. logo گۈزەل سەنئەت ئەسىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئىجادىيەت تاماملانسا ئاپتورلۇق ھوقۇقىغا ئۆزلۈكىدىن ئېرىشەلەيدۇ، تاۋار ماركىسى دۆلەت ئىچىدىكى مۇناسىپ ئورگان تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىنغاندىلا، ئاندىن تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ.
(3) قوغدىلىش مۇددىتى ئوخشاش بولمايدۇ. logo گۈزەل سەنئەت ئەسىرى سۈپىتىدە قوغدىلىش مۇددىتى ئادەتتە 50 يىل بولىدۇ، تاۋار ماركىسىنى مۇددەتسىز داۋاملاشتۇرۇشقا بولىدۇ، قوغدىلىش ۋاقتى چەكسىز بولىدۇ.
(4) قوغدىلىدىغان قانۇن ئوخشاش بولمايدۇ. « ئاپتورلۇق ھوقۇقى قانۇنى» تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، تاۋار ماركىسى« تاۋار ماركىسى قانۇنى» تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. Logo نى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولىدۇ، ئۇنداقتا بۇ تاۋار ماركىسى logo ۋە ئوخشاش ۋاقىتتا« ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى» ۋە« تاۋار ماركىسى قانۇنى» تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، بۇ logo ۋە تاۋار ماركىسىنىڭ قوغدىلىش دائىرىسىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، logo نىڭ قوغداش دائىرىسى تاۋار ماركىسىغا يەتمەيدۇ. ئەگەر ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنىپ قوغدىلىش سالمىقىمۇ ئوخشاش بولمىسا، ئەلۋەتتە تاۋار ماركىسىنى قوغداش سالمىقى ئەسەر ھوقۇقىدىن چوڭ بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە باشقا بىر مەسىلە كېلىپ چىقىدۇ، ئەگەر لوگونىڭ ئەسەر ھوقۇقى لايىھەلىگۈچىگە تەۋە بولسا، ئۇنداقتا ئەگەر لوگو ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىنسا، ئەمەلىيەتتە لوگودىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يېتىدۇ، لېكىن پەقەت لايىھەلىگۈچىلا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق. تاۋار ماركىسىغا ئىگىدارلىق قىلغۇچى بىۋاسىتە ئۆزىنىڭ نامىدا ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى، دەپ ئەرز قىلسا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش