ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا ۋاقتى توشقاندىن كىيىن ۋاقتىنى ئۇزارتقان ياخشىمۇ ياكى قايتا ئىلتىماس قىلغان ياخشىمۇ؟
تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 40-ماددىسى ۋە «تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى» نىڭ 33-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، مۇددەت توشۇشتىن ئىلگىرىكى 12 ئاي ئىچىدە بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىنى ئۇزارتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش كېرەك؛ بۇ مەزگىلدە بېجىرەلمىگەنلەرگە ئالتە ئاي ئۇزارتىپ بېرىلسە بولىدۇ. ھەر قېتىم داۋاملىق ئىشلىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى 10 يىل بولىدۇ، بۇ تاۋار ماركىسىنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. مۆھلەت توشقۇچە ۋاقتىنى ئۇزارتىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىگەنلەرنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.
نۇرغۇن كىشىلەر تاۋار ماركىسىنىڭ مۇددىتى توشقاندا قايتا رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا قارىغاندا كۆپ مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس.
بىرىنچى، قايتا تىزىملاش ۋاقتى ئۇزۇن
تاۋار ماركىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش پەقەت سۇبيېكتلىق سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشنىڭ شەكلەن شەرتى بولۇپ، ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش باسقۇچىنى ئېلىپ بارمايلا، تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى 10 يىل ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ئادەتتە 3 ئاي ئەتراپىدا داۋاملىق ئىشلىتىش ئىسپاتىنى ئالغىلى بولىدۇ.
قايتا رويخەتكە ئالدۇرۇشتا شەكىل جەھەتتىن تەكشۈرۈش، ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش، تاۋار ماركىسىنى ئېلان قىلىش ۋاقتى قاتارلىق جەريانلاردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. پۈتكۈل دەۋرىيلىككە ئادەتتە 18 ئاي ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، ئەگەر تاۋار ماركىسى رەت قىلىنسا، تاۋار ماركىسىغا باشقىچە پىكىر بېرىش قاتارلىق تەرتىپلەر بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇش دەۋرىيلىكى يەنە ئۇزارتىلىدۇ.
ئىككىنچى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش خەتىرى يۇقىرى
تاۋار ماركىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشتا پەقەت سۇبيېكتلىق سالاھىيەتنىڭ مۇھىم شەرتىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا ئوڭۇشلۇق بۇلۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى.
ھازىرقى ماركا رويخەت ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى 10 يىل ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى 10 يىل ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ، قايتىدىن رويخەتكە ئالدۇرغان ئىسىم پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان تەقدىردىمۇ قايتا رويخەتكە ئالدۇرغىلى بولۇشى ناتايىن، ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان تاۋار ماركىسى ۋاقتى ئۇزارتىلمىغانلىقتىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ، پايدا زىياننى قاپلىيالمايدۇ.
ئۈچىنچى، تاۋار ماركىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش تەننەرخى نىسبەتەن تۆۋەن
گەرچە تاۋار ماركىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش تەرتىپىگە كېتىدىغان خىراجەت رويخەتكە ئالدۇرۇش تەننەرخىدىن يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن تاۋار ماركىسىنىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئاشىدۇ. بىر تاۋار ماركىسىنى 10 يىل ئىشلىتىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ قىممىتى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارىدۇ، تاۋار ماركىسىنىڭ قىممىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، داۋاملىق ئىشلىتىشكە كېتىدىغان خىراجەت ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر باشقا ئىسىمنى ئالماشتۇرۇپ رويخەتكە ئالدۇرسا، كېڭەيتىش، تەشۋىق قىلىش ھەققى ئىلگىرىكى ئىسىمغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، مەيلى ۋاقىت تەننەرخى ياكى خېيىم-خەتەر نۇقتىسىدىن بولسۇن، تاۋار ماركىسىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش قايتىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇشقا قارىغاندا كۆپ مۇۋاپىق. بۇ يەردە كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇنقى 12 ئاي ئىچىدە بېجىرىلىدۇ، ئەگەر مۇددەتتىن ئاشۇرۇپ بېجىرمىسە، 6 ئاي ئۇزارتىپ بېرىشكە بولىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئەسلىدىكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەققىگە ساقلاش ھەققى قۇشۇپ ئېلىنىدۇ. ئەگەر مۇددىتى توشقاندىن كېيىنكى يېرىم يىل ئىچىدە، يەنىلا تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىز ۋاقىت تەننەرخى ۋە قايتا رويخەتكە ئالدۇرۇش خەتىرىنى ئۈستىڭىزگە ئالىسىز !

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش