ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
كەسىپداشلار، ماركا قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە پىكىر بىرىشكە بىرلىكتە قاتنىشايلى
دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تۈنۈگۈن(2023-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماركا قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش» لايىھەسىگە پىكىر ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى ئېلان قىلدى.
بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىشتە تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە مۇھىم نۇقتا بار:
1-ئوخشاش ماركىنى تەكرار ئىلتىماس قىلىشقا چەك قويۇلدى.
2-يامان غەرەزدە ئىلتىماس قىلىش قىلمىشى ئېنىق بىكىتىلدى.
3- كارخانا نامىنىڭ ئالدىن ھوقۇق بولىدىغانلىقى ئېنىق بىكىتىلدى.
4-دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كىيىنكى ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋاقتى 3ئايدىن 2ئايغا قىسقارتىلدى.
5- تۇنجى قېتىم ماركا نامىنى مەجبۇرى يۆتكەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
6-رويخەتكە ئېلىنغان ماركىغا ھەر 5 يىلدا بىر قېتىم ئىشلىتىلىش ئەھۋالىدىن چۈشەنچە بىرىش تەلەپ قىلىندى.
7-ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ئىناۋىتىگە تەلەپ قويۇلدى. سەمىمىي بولمىغان، كەسپىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلغان ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىغا تەسىر قىلىش بىكىتىلدى.
8- بۇ قېتىمقى ئۆزگەرتىش لايىھەسىدە « دۆلەت ماركا ئىدارىسى» بىردەك « گوۋۇيۈەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەمۇرى ئورنى» دەپ ئاتالدى.
بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىش ۋاقتى 2023-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە بولۇپ، پىكىر بىرىدىغانلار خەت ساندۇقى tiaofasi@cnipa.gov.cn غا خەت يېزىپ، 010-62083681 غا فاكىس يوللاپ،
北京市海淀区西土城路6号国家知识产权局条法司条法二处 غا خەت يوللاپ پىكىرىڭىزنى بايان قىلسىڭىز بولىدۇ.
باشقا تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى مەزمۇندىن كۆرۈڭ.
http://www.cnipa.gov.cn/art/2023/1/13/art_75_181410.html
1.中华人民共和国商标法修订草案(征求意见稿).pdf
2.关于《中华人民共和国商标法修订草案(征求意见稿)》的说明.pdf
3.《中华人民共和国商标法修订草案(征求意见稿)》修改对照表.pdf
بۇ قېتىمقى ماركا قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە نىسبەتەن پىكىر ئېلىش بىز ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت. شىنجاڭدىكى ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يۇلۇقىۋاتقان بىر مەسىلە بار، ئۇ بولسىمۇ، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى بار ماركىلارنىڭ ( كۆپىنچىسى ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ماركىلار) تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىش ۋاقتى بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى، ھەتتا ئىلتىماس قىلىنغانغا 2 يىلدىن ئاشقان، تېخى نەتىجىسى چىقمىغان ماركىلارمۇ بار. ماركا ئىگىلىرى ماركىنى سودا-تىجارەتكە ئىشلىتەرمەنمىكىن دەپ ئىلتىماس قىلغان، ماركا ئىدارىسى بۇنداق كىچىكتۈرسە بىز ماركا ۋاكالەتچىلىرى خىجىلچىلىقتا قېلىۋاتىمىز. چوقۇم ماركا ئىگىلىرىنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ، شۇلار ئالدىرىغاندەك بىزمۇ ئالدىرىشىمىز، سۈرۈشتىسىنى قىلىشىمىز كىرەك. شىركىتىمىز بۇ قېتىمقى ماركا قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە قارىتا دەل مۇشۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى. ئۇيغۇرچە ماركىلارنىڭ تەستىقلىنىش ۋاقتى بەك ئوزۇنغا سوزۇلۇپ كەتتى، ماركا ئىگىلىرى ساقلاپ تاقىتى توشاي دەپ قالدى، ماركا ئىدارىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى ماركىلارغا بولغان تەكشۈرۈش، تەستىقلاش خىزمىتىنىمۇ مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشىنى، تەستىقلاش ۋاقتىنى ئىمكانبار قىسقارتىپ، ماركا ئىگىلىرىگە ۋاقتىدا جاۋاپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز. رايۇنىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلارنىڭمۇ بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ساقلانغان مەسىلىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. پەقەت بىزنىڭ شىركىتىمىزلا بۇنداق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويسا بۇ قىسمەن مەسىلە دەپ قارىلىپ بەك ئىتىبارغا ئېلىنماسلىقى مۈمكىن، باشقا ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرىمۇ بىرلىكتە يوقارقى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماركا ئىگىلىرى ئۈچۈن قايىل قىلارلىق جاۋاپ بىرىشكە بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ باقساق.
شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى جۇجىياڭ يولى جۈلوڭگاڭ سودا ئولتۇراق رايۇنى C1501.

ھەمبەھىرلەش