تاۋار تاياقچە كودىنى توغرا ئىشلەتتىڭىزمۇ؟

شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتىمىز نەچچەيىلدىن بۇيان يۈزگە يېقىن شىركەت-زاۋۇتلار ۋە يەككە تىجارەتچىلەر  ئۈچۈن تاۋار تاياقچە كود كىنىشكىسىنى ۋاكالىتەن ئىلتىماس قىلىپ ۋە باشقۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. تاياقچە كود كىنىشكىسى بىجىرىپ جوڭگۇ كودلاشتۇرۇش مەركىزىگە ئەزا بولغاندىن كىيىن ، ئەزالىق ئىسمى ۋە مەخپى نومۇرىغا ئېرىشىپ كودلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ تاياقچە كود باشقۇرۇش سېستىمىسىغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيمىز ۋە بۇ يەردە ئۆز مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزۈپ ماس بولغان تاياقچە كودنى چىقىرىمىز.

تاياقچە كود دۆلەت تىلىدا تىياۋشىڭما ياكى تىياۋما دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇيغۇرچە تاياقسىمان كود،تاياقچەكود، سىزىقلىق كود دەپ ئاتايمىز. ئۇ كەڭلىكى ئوخشاش بولمىغان تىك ھالەتتىكى سىزىقچىلار ۋە ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى سانلاردىن تەركىپ تاپقان ئۇچۇر ئىگىلەش بەلگىسىدۇر. ئەتراپىمىزدا تاياقچە كودنى كۆپ ئۇچرىتىمىز، مەسىلەن، تېز يوللانمىلارنىڭ ئۈستىدىكى زاكاس تالونى، مەھسۇلات ئورالمىسى قاتارلىقلاردا تاياقچە كود ئومۇميۈزلۈك ئۇچرايدۇ. بۇلارنى ماس  بولغان دىتال ياكى ئۈسكۈنىلەردە سىكانىرلاش ئارقىلىق شۇ تاياقچە كود ۋەكىللىك قىلغان ئۇچۇرغا ئېرىشىمىز.
 بۈگۈن مەن كۆپچىلىككە تۇنۇشتۇرماقچى بولغان تاياقچە كود بولسا تاۋار تاياقچە كودى، يەنى كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، يىمەك-ئىچمەك ئورالمىسىغا بېسىلغان تاياقچە كودتىن ئىبارەت. تاللا بازارلىرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورالمىسىغا تاياقچە كود بېسىلغان. قارايدىغان بولساق بۇ تاياقچە كودلار كەڭلىكى ئوخشاش بولمىغان تىك ھالەتتىكى سىزىقلار ۋە ئاستىدىكى 13 خانىلىق رەقەمدىن تەركىپ تاپقان.بۇ رەقەملەرنىڭ كۆپىنچىسى 69 دىن باشلانغان،  69 بولسا دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تاۋارلارغا بىرىلگەن خەلقئارادا بىرلىككە كەلگەن كود نومۇرىدۇر. بۇ 13 خانىلىق ساننىڭ ئالدىنقى 3 خانىسى يەنى 690دىن 699 غىچە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تاۋارغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كىىيىنكى 5 خانە سان بولسا شۇ تاۋارنى ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇت-كارخانىغا تەقسىملەنگەن نومۇر، كىيىنكى 4 خانە بولسا شۇ زاۋۇت ياكى كارخانىنىڭ ھەربىر مەھسۇلاتى ئۈچۈن بېرىلگەن خاس نومۇر، ئەڭ ئاخىرقى 1 خانە بولسا ئالدىنقى12 رەقەمگە ئاساسەن مەلۇم ھىساپلاش ئۇسۇلى بويىچە تەقسىملەنگەن ئالاھىدە تەستىق نومۇرىدۇر. بىز ئۈندىدار، جىفۇباۋ قاتارلىق دىتاللاردا بۇ تاياقچە كودنى سىكانىرلاش ئارقىلىق ياكى ئاستىدىكى 13 خانىلىق رەقەمنى تەكشۈرۈش دىتالىغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق شۇ تاۋارنى ئىشلەپچىقارغان ئورۇن، ماركا، ئۆلچەم ، باھاسى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىمىز. تاياقچە كود خۇددى ئادەملەرنىڭ كىملىك نومۇرىغا ئوخشاش خەلقئارادا شۇ تاۋارغا مەخسۇس تەقسىملەنگەن بولىدۇ ۋە ئورتاق ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.
شىركىتىمىز نەچچە يىلدىن بۇيان 100 گە يېقىن زاۋۇت-كارخانا، شىركەتلەر ۋە يەككە تىجارەتچىلەر ئۈچۈن تاياقچە كود كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش ۋە ۋاكالىتەن باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلدى. بىز ۋاكالىتەن تاياقچە كود كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىپ بەرگەن زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى تاياقچە كود سېستىمىسىنى باشقۇرۇش ئىشلىرىنى شىركىتىمىزگە ھاۋالە قىلدى.
تاياقچە كود كىنىشكىسىنى جوڭگۇ كودلاشتۇرۇش مەركىزىدىن ئىلتىماس قىلىمىز، تەخمىنەن 20 كۈن ئىچىدە تەستىقلىنىپ كىنىشكا، سېستىمىغا كىرىش ئەزالىق نومۇرى ۋە مەخپى شىفىرى بېسىلغان كارتا چىقىرىپ بىرىدۇ. كىنىشكىنى بىجىرسەكلا مەھسۇلاتلىرىمىزغا باسىدىغان تاياقچە كود ئۆزلىكىدىن چىقىپ قالمايدۇ، بەلكى ، كارتىدىكى ئەزالىق نومۇرى ۋە مەخپى شىفىر بىلەن تاياقچە كود باشقۇرۇش سېستىمىسىغا كىرىپ، شۇ مەھسۇلاتلارنىڭ رەسىمى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى كىرگۈزىمىز. ئاخىرىدا مۇشۇ ئۇچۇرلارغا ۋەكىللىك قىلغان ئۆلچەملىك تاياقچە كودنى ھاسىل قىلىپ چىقىرىۋالىمىز. ئىسىڭىزدە بولسۇن، توردىكى تاياقچە كود ھاسىل قىلىش دىتاللىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ھاسىل قىلىنغان تاياقچە كودلار ئۆلچەمسىز بولۇپ، سىكانىرلىسىڭىز ئۇچۇر چىقمايدۇ. چوقۇم ئۆلچەملىك دىتاللاردا چىقىرىش كىرەك. بىر تاياقچە كود كىنىشكىسى نومۇرى بىلەن 1000 خىل مەھسۇلاتقا تاياقچە كود چىقىرىشقا بولىدۇ، ئەگەر 1000 تال كود يىتىشمىسە يەنە داۋاملىق كۆپەيتىشنى ئىلتىماس قىلساق بولىدۇ.
بىرقىسىم زاۋۇت-كارخانىلار باشقۇرۇشقا تازا ئەھمىيەت بەرمەمدۇ ياكى دىققەت قىلمامدۇ بىلمىدىم، مەھسۇلاتلارنىڭ ئورالمىسىدىكى تاياقچە كودنى سىكانىرلىساق ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشكىلى بولمايدۇ ياكى يېزىقلىق ئۇچۇرلا چىقىپ ، مەھسۇلاتنىڭ رەسىمى كۆرۈنمەيدۇ. ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلاردىمۇ مۇكەممەل بولغانلىق شۇ زاۋۇت-كارخانىنىڭ ئىناۋىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەھسۇلاتقا بېسىلغان تاياقچە كودنىڭ نۇرماللىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر باشقۇرۇشتا قىينالسىڭىز شىركىتىمىز سىز ئۈچۈن ۋاكالىتەن باشقۇرۇپ بىرىدۇ.
سىز مەيلى ئۆز ئالدىڭىزغا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىڭ ياكى باشقا زاۋۇتلارغا ھاۋالە قىلىپ ئىشلىتىڭ، ھامان تاياقچە كود كىنىشكىسىغا ئىھتىياجلىق بولىسىز.باشقا زاۋۇت-كارخانىلارنىڭ تاياقچە كودىنى ئىشلەتسىڭىز  ئۆز ئالدىڭىزغا قۇراشتۇرىۋالغان ئىناۋەتىسىز تاياقچە كودنى مەھسۇلاتقا باسسىڭىز ئىناۋىتىڭىزگە تەسىر قىلىشى مۈمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا،دۆلىتىمىزنىڭ تاۋار سىزىقلىق كودىنى باشقۇرۇش چارىسىگە ئاساسەن،  مەھسۇلاتىڭىزنى تاللا بازارلىرىغا ئەكىرمەكچى بولسىڭىز چوقۇم ئۆلچەملىك تاياقچە كود بولۇشى كىرەك، تاياقچە كود بېسىلمىغان مەھسۇلاتلارنى تاللا بازارلىرىغا ئەكىرىپ سېتىشقىمۇ بولمايدۇ ھەم سېتىلسا جەرىمانە قۇيۇلىدۇ.
شىركىتىمىز شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى زاۋۇت-كارخانا،شىركەتلەر ۋە يەككە تىجارەتچىلەر ئۈچۈن تاياقچە كود كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش، قەرەلىنى ئۇزارتىش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ. تاياقچە كود كىنىشكىسىنى بۇرۇن ئىلتىماس قىلىپ بولغان،لىكىن باشقۇرۇشتا قىينىلىۋاتقانلار ئۈچۈنمۇ ئۆلچەملىك باشقۇرۇش مۇلازىمىتى تەمىنلەيدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش