ماركىنىڭ ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ ۋەدە بەرگەن ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى جازالاندى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ماركا ۋاكالەتچىلىك كەسپىمۇ « ئالتۇن دەۋر» نى كۈتىۋالدى. لىكىن يەنە بىر قىسىم مەسىلىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. مەسىلەن: بىرقىسىم ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى خېرىدار جەلىپ قىلىش ئۈچۈن ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق كەسىپلەردە« ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش» قاتارلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ، خېرىدارنى ئالداپ ، ماركا ۋاكالەتچىلىك بازار تەرتىۋىنى قالايمىقانلاشتۇردى. يېقىندا چوڭمىڭ رايۇنلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى يولسىز ۋاستىلەر بىلەن ماركا ۋاكالەتچىلىك بازار تەرتىۋىنى قالايمىقان قىلغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دىلوسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قانۇنسىز تىجارەت قىلغۇچىلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالدى.

    چوڭمىڭ رايۇنلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تەكشۈرۈش ،قانۇن ئىجرا قىلىش مەزگىلىدە ، مەلۇم ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىنىڭ« xxx 
بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمىتى» نامىدىكى تاۋباۋ دۇكىنىنىڭ ماركا ۋاكالەتچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ئېلانىدا « ماركىنىڭ ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش» قاتارلىق مەزمۇنلار بارلىقىنى،بۇنىڭ يولسىز ۋاستىلەر بىلەن خېرىدار جەلىپ قىلىش، ماركا ۋاكالەتچىلىك بازار تەرتىۋىنى قالايمىقان قىلىش قىلمىشىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقاپ دىلو تۇرغۇزۇپ بىرتەرەپ قىلغان.
   «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 86- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، چوڭمىڭ رايۇنلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى مەزكۇر ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىغا يولسىز ۋاستىلەر بىلەن ماركا ۋاكالەتچىلىك بازار تەرتىۋىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى دەرھال تۈزىتىشكە بۇيرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىرگە 10مىڭ يۈەن جەرىمانە قۇيۇش، مەسئۇل كىشىگە ئاگاھلاندۇرۇش ۋە 5مىڭ يۈەن جەرىمانە قۇيۇش جازاسى بەرگەن.
قانۇنى ئاساس:
    ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ « ماركىنىڭ ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش» قىلمىشى « ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نىڭ 31- ماددا 2- تارمىقىدا ئېنىق بەلگىلەنگەن ئالداش،ساختا تەشۋىقات قىلىش، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىش ۋە پار بېرىش قاتارلىق يولسىز ۋاستىلەر بىلەن خېرىدار جەلىپ قىلغان قانۇنسىز قىلمىشتۇر. يەنى ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ، ئالدامچىلىق، ساختا تەشۋىقات، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىش ۋە پار بېرىش قاتارلىق يولسىز ۋاستىلەر بىلەن خېرىدار  چاقىرىش قىلمىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ:(2) نەتىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئۆزىنىڭ ۋاكالەتچىلىك كەسپىنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك بولۇش نىسبىتى قاتارلىقلارنى مۇبالىغە قىلىپ ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى قايمۇقتۇرغانلار؛
   «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاۋار ماركىسى قانۇنىنى يۈرگۈزۈش نىزامى» نىڭ 88- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا ئالدامچىلىق، ساختا تەشۋىقات، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىش ۋە پار بېرىش قاتارلىق يولسىز ۋاستىلەر بىلەن خېرىدار  چاقىرىش قىلمىشى سادىر قىلغانلار يولسىز ۋاستىلەر بىلەن ماركا ۋاكالەتچىلىك بازار تەرتىۋىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. يوقارقى قانۇن بەلگىلىمىسى بويىچە، بۇ دىلودىكى ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىنىڭ ماركىنىڭ ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش قىلمىشى يولسىز ۋاستىلەر بىلەن ماركا ۋاكالەتچىلىك بازار تەرتىۋىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى شەكىللەندۈرىدۇ.
ئەسكەرتىش:
   2022-يىلى 12- ئاينىڭ 1-كۈنى « ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ئىجرا قىلىنىپ، ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى باشقۇرۇش تۈزىمىنى مۇكەممەل لەشتۈرۈش، نازارەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرى ۋە ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىنىڭ روھى ۋە مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىشى كىرەك.
  يوقارقى دىلونىڭ تەكشۈرۈپ بىرتەرەپ قىلىنىشى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ماركا ۋاكالەتچىلىك بازىرىنى تازىلاشتىكى ئىرادىسىنى رۇشەن ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ ماركا قانۇن - تۈزۈملىرى ۋە كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىشىغا، ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ مۇنتىزىم ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنى تاللاپ، ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
قۇشۇمچە ساۋات:
ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ « ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش» قىلمىشىدىن باشقا، « ماركا ۋاكالەتچىلىىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نىڭ 31-تارمىقىغا ئاساسەن ، تۆۋەندىكى بىرنەچچە خىل قىلمىشمۇ ئالدامچىلىق، ساختا تەشۋىق قىلىش، خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىش ۋە پار بېرىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن خېرىدار جەلىپ قىلىش قىلمىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ:

 
  1. باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ساختا ئىش ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئارقىلىق ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ئۆزلىرى ئارقىلىق ماركا كەسپى بىجىرگۈزۈش؛
  2. ساختا شان-شەرەپ، سالاھىيەت كىنىشكىلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، خېرىدارنى ئالداش ۋە قايمۇقتۇرۇش؛
  3. ئوغرىلاش،پار بېرىش، ئالداش، تەھدىت سېلىش ياكى باشقا يولسىز ۋاستىلەر بىلەن ماركا ئۇچۇرلىرىغا ئېرىشىش ياكى يوقارقى ئۇچۇرلارنى باشقىلارغا ئاشكارىلاش،ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىش ئارقىلىق سودا پۇرسىتىغا ئېرىشىش؛
  4. غەيرى ۋاستىلەر ئارقىلىق ماركا كەسىپلىرىنى تېزلىتىپ بىجىرگىلى بولىدىغانلىقىنى ياكى كەسىپ بىجىرىشنىڭ مۇۋەپپىقيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئاشكارا ياكى يۇشۇرۇن تەسۋىق قىلىپ، خېرىدارنى قايمۇقتۇرۇش؛
  5. ئىدارە ياكى شەخسلەرگە سوۋغا بېرىش، پار بېرىش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن سودا پۇرسىتىگە ئېرىشىش؛
  6. باشقا يولسىز ۋاستىلەر بىلەن ماركا ۋاكالەتچىلىك كەسپىگە خېرىدار جەلىپ قىلغان قىلمىشلار؛
 خەۋەر مەنبەسى:  
崇明区知识产权局
知识产权监管处
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش