دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى قايتا ئەنگە ئېلىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى ئومۇمى ئۇقتۇرۇشى(529-نومۇرلۇق)



دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى قايتا ئەنگە ئېلىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى ئومۇمى ئۇقتۇرۇشى(529-نومۇرلۇق)
« جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ماركا قانۇنىنى ئىجرا قىلىش نىزامى»،« ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرى بويىچە،  « دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى  ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنى قايتىدىن ئەنگە ئېلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى» دىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى قايتىدىن ئەنگە ئېلىش ئىشلىرىنى تەشكىللەپ تاماملىدى. مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرىمىز:
1-  2023-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 3 ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ قايتىدىن ئەنگە ئېلىش ئىشلىرىنى تەشكىللەپ ئېلىپ باردى.تەكشۈرۈش ئارقىلىق، قايتىدىن ئەنگە ئېلىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرغان ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىدىن 16921 ئورۇن تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇپ، تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئىلخەت ئارقىلىق ئەۋەتىلدى. تەپسىلى تىزىملىكنى جۇڭگو ماركا تورى-ماركا ۋاكالەتچىلىرى سەھىپىسىدە جەمئىيەتكە ئاشكارە ئېلان قىلىندى.
2-قايتىدىن ئەنگە ئېلىنغان ماركا ۋاكالەتچىلىلىك ئورۇنلىرىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 3 يىل بولۇپ، قايتا ئەنگە ئېلىنىپ،ئىلخەت ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھىسابلىنىدۇ. ئىناۋەتلىك ۋاقتى تۇشۇپ، داۋاملىق ماركا ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى ئىناۋەتلىك ۋاقتى تۇشۇشتىن بۇرۇنقى 6 ئاي ئىچىدە ئەنگە ئېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
3-ئەنگە ئېلىنغان ماركا ۋاكالەتچى كەسىپ بىجىرگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرى ماركا ۋاكالەتچىلىك كەسىپلىرى بىلەن باغلاشتۇرۇلىدۇ، يەنى پەقەت ئەنگە ئېلىنغان ماركا ۋاكالەتچىلىك كەسىپىنى بىجىرگۈچىلا ماركا ۋاكالەتچىلىك كەسىپلىرىنى بىجىرىدۇ ۋە قانۇنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
4-قايتىدىن ئەنگە ئالدۇرمىغان ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ماركا باشقۇرۇش مۇلازىمەت تور سېستىمىسى، ماركا ۋاكالەتچىلىك سېستىمىسىدا خاتىرىلەپ، ئۇلارنىڭ ماركا ۋاكالەتچىلىك ئىلتىماسلىرىنى قۇبۇل قىلمايدۇ.( بىر تەرەپ قىلىنىپ بولۇنمىغان ۋاكالەتچىلىك كەسىپلىرىدىن باشقا).ئەگەر ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ باشقا بىجىرىپ بولالمىغان مۇناسىۋەتلىك ۋاكالەتچىلىك كەسىپلىرى بولمىسا، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى مەزكۇر ئورۇننى تىزىملىكتىن ئۈچۈرىدۇ.
5-ئەگەر قايتا ئەنگە ئېلىش ئىلتىماسى سۇنمىغان، قايتا ئەنگە ئېلىش ئىلتىماسى تەستىقلانمىغان ياكى تىزىملىكتىن ئۈچۈرۈلگەن ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرى داۋاملىق ماركا ۋاكالەتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسا، يېڭىدىن ئەنگە ئېلىشقا ئىلتىماس قىلىشى كىرەك. يېڭىدىن ئەنگە ئېلىنغاندا بۇرۇن ئېشىپ قالغان بىجىرىلمىگەن كەسىپلەر بولسا ، يېڭىدىن ئەنگە ئېلىش ئىلتىماسى تەستىقلانغاندىن كىيىن داۋاملىق تولۇقلاپ بىجىرسە بولىدۇ. رەقەملىك گۇۋاھنامىسى داۋاملىق كۈچكە ئىگە.

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى
2023-يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.


 

ھەمبەھىرلەش