بىلىشكە تىگىشلىك بەك مۇھىم ماركا ساۋاتلىرىدىن 20 دانە

1-ماركا قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغان ھەرقانداق يېزىق،سان،بەلگە قاتارلىقلارنى ياكى بۇلارنىڭ بىرىكمىسىنى ماركىغا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭدا قايسى خىل يېزىق ياكى بەلگىنىڭ بولۇشى  ياكى بولماسلىقىغا تەلەپ يوق.
2- ماركا ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ئەڭ مۇھىم باسقۇچ. ئوخشاش تۈردە باشقىلار ئىلتىماس قىلىپ بولغان ياكى يېقىن كىلىدىغان ماركا بار بولسا  ماركا ئىلتىماسى قايتۇرۇلۇشى مۈمكىن.
3-تەكشۈرۈپ باشقىلار ئوخشاش تاۋار ياكى مۇلازىمەتتە ئىلتىماس قىلمىغان ماركىنى ئىلتىماس قىلىپلا چەكلىك دائىرىدە ئىشلىتىپ تۇرۇشقا بولىدۇ.ماركا تەستىقلانغىچە ساقلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
4-ماركىنىڭ قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ھەرگىزمۇ ماركىنىڭ كىچىك كىنىشكىسى ئەمەس ،شۇنداقلا ماركىنىڭ تەستىقلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
5-ماركىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە(سېتىشقا ) بولىدۇ. ئۆتۈنۈپ بېرىش باھاسىغا ئېنىق چەكلىمە يوق. ئۆتۈنۈپ بېرىش رەسمىيىتىگە دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ.
6-ماركىنى شەخسى نامدا ئەنگە ئالدۇرۇش شىركەت نامىدا ئەنگە ئالدۇرۇشقا قارىغاندا مۇقىم ۋە قۇلايلىق بولىدۇ.
7-ماركا ئىلتىماس قىلىشقا دۆلەت ماركا ئىدارىسى ھەق ئالىدۇ، ئىلتىماس قۇبۇل قىلىنمىسا تاپشۇرغان ھەقنى قايتۇرمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ئىلتىماسىڭىز تەستىقلانمىسا بارلىق پۇلىڭىزنى قايتۇرىمىز دىگەنلەرگە ئىشەنمەڭ.
8-نەشىر ھوقۇقى بىلەن ماركا ئايرىم ئۇقۇم.نەشىر ھوقۇقىغا تىزىملىتىلغان ماركا بەلگىسىنى ماركىغا تىزىملاتمىسىڭىز ماركا قانۇنى بويىچە قوغدالمايدۇ.
9-ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولۇپ،بۇ ۋاقىت تۇشۇشقا 1 يىل قالغاندىن باشلاپ ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ۋاقىت ئۇزارتىش ئىلتىماسى قۇبۇل قىلىنمايدۇ.ھەرقېتىمدا 10 يىل ئۇزارتىلىدۇ.
10-ئىلتىماسى رەت قىلىنغان ماركىنى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىپ ئوڭۇشلۇق بولۇش نىسبىتى بەك تۆۋەن. توردىكى چوقۇم قايتا تەكشۈرتۈپ ئىلتىماس قىلىپ بېرىمىز دىگەنلەرگە ئىشەنمەڭ.
11-شىركەت ياكى شەخس نامىدا كۆپ ماركا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ، بۇنىڭدا سان چەكلىمىسى يوق.
12-ماركىنىڭ تۈر دائىرىسىنى خالىغانچە تاللاشقا بولىدۇ، بۇنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىدىكى تىجارەت دائىرىسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق.
13-ماركا بىلەن كارخانا(شىركەت) نامى ئوخشاش بولمىسىمۇ بولىدۇ.
14-ماركا بىلەن بەلگە(LOGO) بىرگەپ ئەمەس، يېزىق، بەلگە(LOGO)، سان، ئاۋاز قاتارلىقلارنى ماركا قىلىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
15-ماركىنى ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، ماركىنىڭ %100 تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.
16-ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىختىيارى بولىدۇ. رويخەتكە ئالدۇرسىڭىز قانۇننىڭ قوغدىشىغا ئېرىشىدۇ، باشقىلارنىڭ ئوخشاش تۈردە ئىشلىتىشىنى چەكلەشكە بولىدۇ، رويخەتكە ئالدۇرمىسىڭىز قانۇن تەرىپىدىن قوغدالمايدۇ، كىم ئىشلەتسە بولىۋىرىدۇ.
17-مەھسۇلاتىڭىزنى تاللا بازار، تور دۇكانلىرىغا كىرگۈزمەكچى بولسىڭىز ماركىڭىز بولۇشى كىرەك.
18-ماركا كەسىپلىرىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتىغا ھاۋالە قىلىپ بىجىرسىڭىز بېيجىڭدىكى ماركا ئىدارىسى تىجارەت زالىدا بىجىرگەنگە ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىن قولايلىق.
19-يوقارقى مەزمۇننى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان،خالىغانچە تارقاتسىڭىز بولىۋىرىدۇ.
20-ماركا كەسىپلىرى توغرىلىق ھەرقانداق مەسىلىنى سورىماقچى ياكى كەسىپ بىجىرمەكچى بولسىڭىز ئايرىم ئۇچۇر يوللىسىڭىز بولىدۇ.

 
ھەمبەھىرلەش