رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنغان ماركا ئىلتىماسى قۇبۇل قىلىنغاندىن كىيىن قانچىلىك ۋاقىتتا تەستىقلىنىدۇ؟

ماركا ئىلتىماسى  9 ئاي ئەتراپىدا رەسمىيەتلىك تەكشۈرۈش،ئەمەلىي تەكشۈرۈش ۋە ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى بېسىپ ئۈتىدۇ.( ئازسانلىق مىللەت تىل-يېزىقىدىكى ماركىلارنىڭ تەستىقلىنىش ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، نۆۋەتتە 2 يىل ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.) بىرقىسىم تۈرلەردە ئىلتىماس قىلىنغان ماركا سانى ئازراق بولۇپ، ئىلتىماس نەتىجىسىنىڭ چىقىش سۈرئىتىمۇ تېز، يەنە بىر قىسىم تۈرلەردە ئىلتىماس قىلىنغان ماركا بىر قەدەر كۆپ، تەكشۈرۈشكىمۇ ئۇزۇنراق ۋاقىت كىتىدۇ.
يوقارقى ئۈچ باسقۇچ ئىچىدە ئاشكارا ئېلان قىلىشنىڭ ۋاقتى ئېنىق 3 ئاي بولىدۇ.
ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا، ماركا ئىدارىسى ھەركۈنى زور مىقداردا ماركا ئىلتىماسىنى تاپشۇرىۋالىدىغان بولۇپ، بۇ سان كۈنسىرى يوقۇرىلاپ ماڭىدۇ، ئەمما ماركا ئىدارىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ سانى چەكلىك، شۇ سەۋەبتىن ماركا ئىلتىماسىنىڭ كۆپيىشىگە ئەگىشىپ خىزمەت سىجىللىقى ئېشىپ، تەكشۈرۈش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدۇ. ماركا تەكشۈرگۈچى خادىملارنىڭ ئاساسلىق تەكشۈرىدىغىنى ئىلتىماس قىلىنغان ماركا ماركا قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ؟ باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى قىلامدۇ يوق دىگەندەك مەزمۇنلارنى  تەكشۈرىدىغان بولۇپ، تەكشۈرۈش بىرقەدەر مۇرەككەپ، سەرپ قىلىنىدىغان ۋاقىت ھەتتا 2-3 يىلغىمۇ سوزۇلۇشى مۈمكىن.بەزى تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرىدە ئىلتىماس قىلىنىدىغان ماركا سانى بىرقەدەر ئاز بولغاچقا تەكشۈرۈش سۈرئىتىمۇ تېز، يەنە بىرقىسىم تۈرلەردە بولسا ئىلتىماس سانى بەك كۆپ، تەكشۈرۈش ۋاقتىمۇ بىرقەدەر ئۇزۇن.
 

 
ھەمبەھىرلەش