رەت قىلىنغان ماركا ئىلتىماسىنى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىشتا چوقۇم ئىھتىياتچان بولۇڭ

    سىز ماركائىلتىماس قىلغاندىن كىيىن، ئەگەر ماركا ئىلتىماسىڭىز دۆلەت ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولسا، مۇشۇ رەت قىلىنىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن باشلاپ بىرقىسىم ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرى سىزگە تېلېفون قىلىپ، ماركا ئىلتىماسىنى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ماركىنى ئوڭۇشلۇق تىزىملىتىپ بېرىمىز، دەپ سىزنى ئازدۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇنداق تېلېفونلار بىر ئەمەس ئون نەچچە قېتىم كىلىشى، ئۇلارنى ھەرقانچە تىللاپ ھەيدىسىڭىزمۇ خىجىل بولماي داۋاملىق ئازدۇرۇپ، يالغان ۋەدە بېرىشى مۈمكىن. ئۇلار ھەتتا سىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىڭىزنىڭ رەت قىلىنىش سەۋەبىنى بىلمەي تۇرۇپلا چوقۇم قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىپ ئوڭۇشلۇق تىزىملىتىپ بېرىمىز، ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىپ ماتېرىيالنى ياخشى تەييارلىساقلا چوقۇم تەستىقلىنىدۇ، دەپ ئازدۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدىن 3500 يۈەندىن 5000 يۈنگىچە، يۈرىكى چوڭراقلىرى ھەتتا 10 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلىدۇ. سىز ئۇلارغا ئاۋال قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىڭلا، ئوڭۇشلۇق بولسا دىگەن ھەققىڭلارنىڭ 2 ھەسسىچىلىك ھەق بىرەي دىسەڭلا ھەرگىز ئۇنىمايدۇ. چۈنكى، رەت قىلىنغان ماركىنى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىپ ئوڭۇشلۇق بولۇش نىسبىتىنىڭ بەك تۆۋەنلىكىنى ئۇلار بىلىدۇ. لىكىن يەنىلا سىزنى ئازدۇرۇپ يانچۇقىڭىزدىن پۇلنى ئېلىپ ئۆزىڭىزنىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن داۋاملىق سىزگە ئازدۇرغۇچى سۆزلەرنى ئىشلىتىپ بېشىڭىزنى قايدۇرىدۇ.
    سىزگە يوقارقىدەك تېلېفون قىلغانلار ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ خادىملىرى بولۇپ، بەزى نۇمۇسسىزراقلىرى ئۆزلىرىنى دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ تۇنۇشتۇرىدۇ. ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇلار ھەرگىزمۇ دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەمەس، دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىلىرىمۇ سىز بىلەن بىۋاستە تېلېفوندا ئالاقىلاشمايدۇ، ھەم ئۇلاردا سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىزمۇ يوق.
ئۇنداقتا ئۇلار سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىزنى قانداق تاپقاندۇ؟

   سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىز سىز تىجارەت كىنىشكىسى بىجىرگەندە بازار باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سېستىمىسىغا يوللىنىدۇ، بۇنداق ئۇچۇرلارنى ھەقلىق تەمىنلەيدىغان چى چاچا، ئەي چى چا دىگەندەك تور بەت ۋە دىتاللاردىن سىزنىڭ تېلېفون نومۇرىڭىز، ئادرېسىڭىز قاتارلىقلارنى تېپىشقا بولىدۇ. دىمەك، سىزگە تېلېفون قىلغانلار سىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىڭىزنىڭ  ئوڭۇشلۇق تەستىقلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، بەلكى سىزنى ئازدۇرۇپ پۇل ئالسىلا بولدى. ۋاقتى كېلىپ، ماركا ئىلتىماسىڭىزنى قايتا قاراپ چىقىش يەنە مەغلۇپ بولسا ئۇلار ھېچنىمىگە ئىگە بولمايدۇ، زىيان يەنىلا سىزگە بولىدۇ.
   ئەگەر سىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىڭىز رەت قىلىنىپ، يوقارقىدەك ئازدۇرغۇچى تېلېفونلار تولا كىلىپ بېشىڭىزنى قايدۇرغان بولسا بەك جىددىيلىشىپ كەتمەڭ. ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىدىكى ماركا ۋاكالەتچىڭىز ياكى ئىشەنچلىك دەپ قارىغان باشقا ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈڭ. رەت قىلىنغان ماركىنى قايتا قاراپ چىقىپ ئوڭۇشلۇق بولۇش نىسبىتى بەكلا تۆۋەن. ماركا ئىلتىماسىڭىز رەت قىلىنغان بولسا رەت قىلىنشى سەۋەبىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىڭ، ھەرگىزمۇ ئالدىراپ قايتا قاراپ چىقىشقا سۇنۇپ ئارتۇق زىيان تارتىۋالماڭ.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
 

ھەمبەھىرلەش