بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەمكارلىشىپ قوغداش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

  يېقىندا، بېيجىڭ شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ بېيجىڭ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى دېيىلىدۇ ) نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى رېن شۆفېڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى دېيىلىدۇ )غا بېرىپ،  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەمكارلىشىپ قوغداش مەسىلىسى توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئىككى تەرەپ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەمكارلىشىپ قوغداش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن دەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى،   بېيجىڭ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بولۇپ جەمئىي 16 كىشى سۆھبەتكە قاتناشتى.
   يولداش چېن دەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:بۇ قېتىمقى سۆھبەت پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ،پارتىيە مەركىزى كومىتىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىسلاھات تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم ئەمەلىيىتى. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئەدلىيە ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىشىش،  ھەمكارلىققا  يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ۋە ھەمكارلىشىپ قوغداش سەۋىيەسىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.يولداش رېن شۆفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ سوت مەھكىمىسى بىلەن دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى رەھبەرلىرىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئىككى تەرەپ دەۋا مەنبەسىنى تۈزەش، كەسپىي ئالماشتۇرۇش، تەرتىپنى جىپسىلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاۋار ماركىسى مەمۇرىي ماجىرالىرىنى تېز، ماھىيەتلىك ھەل قىلىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق ھەمكارلىشىپ،يېڭى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مەمۇرى ۋە ئەدلىيە جەھەتتىن كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.
  سۆھبەت يىغىنىدا، ئىككى تەرەپ « قايتۇرۇۋېلىپ قايتا كېسىم قىلىش»مېخانىزمىنى ئۇزارتىش، « ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىش» دېلوسىدىكى «بىر بەلگە كۆپ دېلو» ئىلتىماسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش،ئوخشاپ كېتىدىغان كېسىم ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «يېشىل يول» قوش يۆنىلىشلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەل لەشتۈرۈش قاتارلىق قارالمىلار ئۈستىدە تولۇق پىكىر ئالماشتۇردى ۋە مۇھاكىمە قىلدى ھەمدە نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
   كېيىنكى قەدەمدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىلەن بېيجىڭ يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەمكارلىشىپ قوغداش يىغىنىنىڭ روھىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنغان ئالاقىدار ئىشلارنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىدۇ؛ مەمۇرىي قانۇن يۈرگۈزۈش ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ شەكىللەندۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ھەمكارلىشىپ قوغداشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
 

 
ھەمبەھىرلەش