نەشىر ھوقۇقىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلەمسىز؟

نەشىر ھوقۇقى يەنە ئەسەر ھوقۇقى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ئىجادىي ئەسەرلەرنى قانۇن بويىچە قوغداش ھوقۇقىدۇر. ئۇنىڭغا ئاپتۇرنىڭ كونترول قىلىش ئىمتىيازى بېرىلگەن. مەسىلەن، نۇسقىلاش، تارقىتىش، كۆرسىتىش ياكى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار. بۇلار ئاپتۇرنىڭ قانۇنى ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
تۆۋەندە بىز بىر مىسال ئارقىلىق چوڭقۇرلاپ چۈشىنىپ باقايلى:

70035163- نومۇرلۇق بەلگە شەكىللىك ماركىنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىش قارارىغا قارايدىغان بولساق، بۇ ماركا باشقىلارنىڭ قارشى پىكىرى بىلەن ئىلتىماسى رەت قىلىنغان بولۇپ، ئىلتىماس قىلىنغان تۈرى بولسا 10-تۈر داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى. قاتارلىقلار. ئىلتىماس قىلىنغان ۋاقتى بولسا 2023-يىلى 3-ئاينىڭ 8 - كۈنى.  قارشى پىكىر بەرگۈچى يوقارقى ماركائىلتىماس قىلغۇچىنى يامان غەرەزدە ئۆزىنىڭ ماركىسىنى تالىشىپ ئىلتىماس قىلىۋالغان دەپ ئەرىز قىلغان،  تەمىنلىگەن ئىسپاتلار قارشى پىكىر بەرگۈچىنىڭ بۇ ماركىنى دۆلىتىمىزدىكى مەلۇم رايۇندا ئالدىن ئىشلىتىپ ئاممىغا تۇنۇلغانلىقىنى ئىسپاتلىيالمىغان، ئەمما ئۇ تەمىنلىگەن يوقارقى ماركا بەلگىسىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىنى تىزىملاش كىنىشكىسى ئۇنىڭ ئاپتۇرلۇق ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.  يوقارقى ئىلتىماس قىلىنغان ماركا بەلگىسى بىلەن بۇ امركا ئىلتىماسىغا قارشى پىكىر بەرگۈچى تەمىنلىگەن ئەسەر ھوقۇقى بېرىلگەن بەلگە لايىھە ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، يوقارقى ماركىنى ئىلتىماس قىلغۇچى قارشى پىكىر بەرگۈچىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ يوقارقى ماركا بەلگىسىنى ئىلتىماس قىلىپ، قارشى پىكىر بەرگۈچىنىڭ ئەسەر ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان.
يوقارقى دىلو مىسالىدىن ئەسەر ھوقۇقىنىڭ ماركا ھوقۇقىنى بىكىتىشتىكى مۇھىم رولىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شىركەت ياكى شەخسلەر ماركا ئىلتىماس قىلغاندا ئەگەر ماركا لايىھەسى بار بولسا ئۇنى نەشىر ھوقۇقىغا ئىلتىماس قىلىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. نەشىر ھوقۇقىنىڭ قوغداش دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ھوقۇققا دەخلى قىلغۇچىغا قارشى پىكىر بېرىش ياكى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ئاز چىقىم بىلەن چوڭ باش ئاغرىقتىن قۇتۇلالايسىز.
ھەمبەھىرلەش