تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق كەسپى سۆھبەت يىغىنى چۇڭچىڭدا ئېچىلدى

 پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەدبىر،ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىش خىزمىتى خۇلاسىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ساقلانغان مەسىلىلەر تەتقىق قىلىنىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى. يېقىندا، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق كەسپى سۆھبەت يىغىنى  چۇڭچىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خۇ ۋېنخۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى زېڭ رۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىنغا دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى چېن دەن رىياسەتچىلىك قىلدى. 
   يولداش خۇ ۋېنخۇي ئالدىنقى يېرىم يىللىق تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، باش ئىدارىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ۋە ھەر قايسى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق ئورۇنلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە يىغىن ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى باشلىقلىرى يىغىنى، پارتگۇرۇپپا كېڭەيتىلگەن يىغىنى ۋە ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىل بېشىدىكى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش،قاراپ چىقىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، قاراپ چىقىش خىزمىتىنى باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە ئاكتىپ بىرلەشتۈرۈپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.بۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرى بولسا  تاۋار ماركىسى كەسپىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى يەنىمۇ راۋانلاشتۇرۇش، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەل لەشتۈرۈش، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش« Tسىستېمىسى » قۇرۇلۇشىنى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئۈچ چوڭ ئىش ۋە تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىشتا  سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش، تەكشۈرۈش ھەمكارلىق كەسپىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قېلىپلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق تۆت جەھەتتىكى مۇھىم ئىلگىرىلەش. 
   يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى:ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى سىستېمىلىق، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ،  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش پىروگراممىسى ۋە « 14-بەش يىل » لىق يىرىك پىلاننى چوڭقۇر يولغا قويۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى   تۈزۈمىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ،تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر، ئەمەلىي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
   يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى:ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق تەكشۈرۈش، ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەل لەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىققەتنى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مېخانىزمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەزنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ كەسىپنى باھالاش ۋە باھالاشنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنىڭ باغلىنىشىنى يولغا قويۇش؛ دىققەتنى يەرلىك مەركەزنىڭ تىجارەت تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كاپالەت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىش سۈپىتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش ئۈنۈمىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش؛ تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش قىبلىنەماسىنى تۈزىتىش، مۇكەممەل لەشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ يامان غەرەزدە رويخەتكە ئالدۇرۇش قىلمىشىنى سىستېمىلىق تۈزەشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئومۇمىي كۈچ بىلەن ‹ ‹ T « Tسېستىمىسى» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش كەيپىياتى يارىتىش كېرەك. پارتىيەنىڭ تاۋار ماركىسى خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ تاۋار ماركىسى ساھەسىدە پاك-دىيانەتلىك بولۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش؛ تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش كەسپىي ئىختىساسلىقلار قوشۇنى بەرپا قىلىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك. 
   يىغىندا 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەھۋالى ئېلان قىلىندى. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن مەسلىھەت بېرىش مەركىزى، ھەر قايسى جايلاردىكى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مەركەزلىرى ئالدىنقى يېرىم يىللىق سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، دىققەتنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈش، ئىچكى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇش، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى دوكلات قىلدى. خىزمەت ئەھۋالى ھەمدە كەسىپ راسخوتىغا كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىش، كەسىپ يېتەكچىلىكى ۋە ئالاقە، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەسىپنى بىر تۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، يەرلىك مەسئۇل تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ ساقلاپ قېلىش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بۇ يىللىق ھاۋالە توختامىنىڭ ئىجرا قىلىنىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 
   چۈشتىن كېيىن تاۋار ماركىسى خىزمىتى كارخانىلىرى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، يولداش خۇ ۋېنخۇي، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مەسلىھەت بېرىش مەركىزى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلىرى مەسئۇل   يولداشلار، ھەرقايسى جايلاردىكى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مەركەزلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى چۇڭچىڭدىن كەلگەن دۆلەت ئىلكىدىكى، پۇقراۋى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان جەمئىي 12 چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بىلەن چوڭقۇر سۆھبەتلىشىپ، ئەستايىدىل پىكىر ئالماشتۇردى.يىغىنغا قاتناشقان كارخانىلارنىڭ تاۋار ماركىسى خىزمىتىگە ئالاقىدار پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ، كارخانىلارنىڭ دەۋا تەلىپى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى.  يىغىندىن كېيىن، يولداش خۇ ۋېنخۇي چۇڭچىڭ تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مەركىزى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، چۇڭچىڭ تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مەركىزى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ھەمراھ بولدى. 
   تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى  مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى؛ چۇڭچىڭ شەھەرلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى، شاڭخەي شەھىرى، شەندۇڭ ئۆلكىسى، خېنەن ئۆلكىلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىگە مەسئۇل يولداشلار؛ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىزدەپ تېپىش مەسلىھەت بېرىش مەركىزىنىڭ ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار؛ جايلاردىكى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق مەركەزلىرىدىكى ئالاقىدار يولداشلار؛ شىنجاڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مەركىزىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تۇرۇشلۇق جايلاردىكى ھەر قايسى مەركەزلەردىكى ئەمەلىي چېنىقتۇرغان كادىرلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ھەمكارلىق كەسپى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. 

مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى تور بېكىتى
https://sbj.cnipa.gov.cn/sbj/ssbj_gzdt/202409/t20240926_34256.html
 
ھەمبەھىرلەش