دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى « تاۋار ماركىسى داڭلىق مەھسۇلات <بىر بەلباغ، بىر يول> ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىش » باش تېمىسىدىكى تاۋار ماركىسىنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

   باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ، 3-نۆۋەتلىك « بىر بەلباغ، بىر يول » بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئالاقىدار جەۋھەرلىرىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يارىتىشنى قوللاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ يىۋۇ شەھىرىدە « تاۋار ماركىسى ئارقىلىق <بىر بەلباغ، بىر يول> ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىش » باش تېما قىلىنغان 2024-يىللىق تاۋار ماركىسىنى مەركەزلىك تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى دۇ خۇڭيۈ، جېجياڭ ئۆلكىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى گۇ ۋېنخەي پائالىيەتكە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. 
   سودا مىنىستىرلىقى خەلقئارا سودا، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەتقىقات يۇرتى، جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇتەخەسىس، ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانا مەسئۇللىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا  داڭلىق ماركا  ئىگىلىكى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد-سودا رىقابىتىنى چۆرىدەپ، چەت ئەلدىكى تاۋار ماركىسىنى ئالدىن تىزىملاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، « بىر بەلباغ، بىر يول » لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇن-تۈزۈمى، « ئۈچ يېڭى » ئىقتىسادقا ئالاقىدار تاۋار مۇلازىمىتىنى تۈرگە ئايرىش، مادرىد تاۋار ماركىسىنى خەلقئارادا رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ئەمەلىي مەشغۇلاتى ۋە قىيىن مەسىلىلەر قاتارلىق  مەزمۇنلار چۈشەندۈرۈلدى. جېجياڭ ئۆلكىلىك كارخانا ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، جېجياڭ ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىش كۆزنىكى ۋەكىللىرى، يىۋۇ شەھەرلىك سودا، تاموژنا، تەپتىش، سوت مەھكىمىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلاردىن تەخمىنەن 100 ۋەكىل نەق مەيداندا لېكسىيە سۆزلەشكە قاتناشتى ھەمدە دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. نەق مەيداندىكى مېھمانلار بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:بۇ قېتىمقى لېكسىيە مەزمۇنىنىڭ قاراتمىلىقى، يېتەكچىلىكى كۈچلۈك بولۇپ، بىر مەيدان « دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر » بولۇپ، « بىر بەلباغ، بىر يول » رايون ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى، خەلقئارالاشقان سودا قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى،بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كىرگۈزدى. لېكسىيە سۆزلەش  يەنە توردا بىۋاستە كۆرسىتىلدى، شۇ كۈنى توردا كۆرگەنلەر 374 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى. 
   لېكسىيە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يار-يۆلەك بولۇش، « كارخانىلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش، ئاممىنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىش » تەلىپىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 25-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى يەرلىك كارخانىلارنىڭ تاۋار ماركىسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، كارخانىلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. تاۋار ماركىسى ئىدارىسى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، 1-دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى دۇ خۇڭيۈ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار باشقارما، ئىشخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە لېكسىيە سۆزلەش مۇتەخەسسىسلىرى نۇرغۇن كارخانا ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرى ۋەكىللىرىنىڭ سوئاللىرىغا تەپسىلىي جاۋاب بەردى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ تاۋار ماركىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.  جېجياڭ ئۆلكىسى، شەھەر، رايونلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار خادىملىرى يىغىنغا قاتناشتى. 
   2018-يىلىدىن بۇيان، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئۇدا كۆپ يىل مەركەزلىك لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى چۈشىنىشى، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بەردى ، ئىلتىماس قىلغۇچىلار، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى سىستېمىسىدىكى خادىملار، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا ئىسلاھات سىياسىتىنى چۈشەندۈردى، تاۋار ماركىسى كەسپى بىلىملىرىنى ئۆگەتتى، توردا ۋە تور سىرتىدا قاتناشقۇچىلار جەمئىي 4 مىليون 300 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى . كېيىنكى قەدەمدە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەشۋىقات ئۈنۈمىنى كېڭەيتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە بىلەن « بىلىمنىڭ قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدىغان » سودا مۇھىتى يارىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىنى ئېچىپ، خەلقئارا رىقابەتتە يېڭى ئەۋزەللىكنى شەكىللەندۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنىڭ داڭلىق ماركا كۈچىگە تۆھپە قوشىدۇ.


خەۋەر مەنبەسى: دۆلەت ماركا ئىدارىسى تور بېكىتى
https://sbj.cnipa.gov.cn/sbj/ssbj_gzdt/202409/t20240926_34258.html
ھەمبەھىرلەش