35-تۈر شۇنداق مۇھىممۇ؟

ماركا ئىلتىماس قىلىشتا كۆپىنچە كىشىلەر 35-تۈرنى بەك مۇھىم دەپ قارايدۇ.مەيلى قايسى ساھە بولسۇن، 35-تۈر بىلەن باغلىنىشلىقتەكلا. ئۇنداقتا ماركىنىڭ 35-تۈرى راستىنلا شۇنداق مۇھىممۇ؟ ئالدى بىلەن 35-تۈردە قايسى مۇلازىمەت تۈرلىرى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:
 
  1. 1-ئېلان
  2. 2-سودا سانائەت باشقۇرۇش قۇشۇمچە كەسىپلىرى
  3. 3-باشقىلارغا ۋاكالىتەن سېتىش
  4. 4-كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش قۇشۇمچە كەسىپلىرى
  5. 5-سودا كارخانا كۆچۈرۈش ئىشلىرى
  6. 6-ئىشخانا ئىشلىرى
  7. 7-بۇغالتىرلىق
  8. 8-ئايرىم كەسىپلەر
  9. 9-دورا، داۋالاش بۇيۇملىرى سېتىش مۇلازىمىتى
 يوقارقىلاردىن باشقا كونكىرىت تاۋار ياكى مۇلازىمەتلەرگە نىسبەتەن ماركىنى 35-تۈردە قوغداپ ئىلتىماس قىلىشقىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

بەيگويۈەن ماركا ماجراسى دىلوسىنى مىسال ئالساق، داۋاگەر دوڭفاڭ شىياڭلىن شىركىتى سۈرەتتە كۆرسىتىلگەن ماركىنىڭ 31-تۈردىكى مېۋە-چىۋە تۈرىنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇپ، بەيگويۈەن ماركىسىنى زەنجىرسىمان مېۋە دۇكىنىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا ئىشلەتكەن جاۋاپكار شېنجېن بەيگويۈەن شىركىتىدىن دىن 91مىلىيۇن 30 مىڭ يۈەن تۆلەم تەلەپ قىلغان.



1- سوت ھۆكۈمىدە داۋاگەرنىڭ ئەرزى رەت قىلىنغان، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا جاۋابكارنىڭ 35-تۈردە بەيگويۈەن دەپ زەنجىرسىمان تىجارەتكە ئېلىنغان ماركىسى بار بولۇپ، جاۋابكارنىڭ بۇ ماركىنى مېۋە دۇكىنىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا ئىشلىتىشى ئۇنىڭ نۇرمال قانۇنى ھوقۇقى، داۋاگەرنىڭ 31-تۈردىكى ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىش قىلمىشى شەكىللەنمەيدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ماركا ئىلتىماس قىلغاندا 35-تۈردە ماركىنى ئىلتىماس قىلىش مۈمكىنچىلىك بولسىلا  ئىككىلەنمەي ئىلتىماس قىلىۋېلىش كىرەك.

 
ھەمبەھىرلەش