ئۈچ يىلغىچە ئىشلىتىلمىگەن ماركىنى بىكار قىلىشتا ئۇچرايدىغان بىرقىسىم ئەھۋاللار

رويخەتكە ئېلىنغان ماركىنى يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇدا ئىشلەتمىگەنلىكىنى باھانە قىلىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئىلتىماسى( قىسقارتىلىپ « ئۈچنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش » دەپ ئاتىلىدۇ)   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تاۋار ماركىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۇسۇلى. ئەلۋەتتە، ئۈچنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا ھەق ئېلىنىدۇ،شۇنداق تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن شۇنچە كۆپ ئادەم باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىدۇ؟
  بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى كۆپ. لېكىن، مەيلى قانداق سەۋەب بولسۇن، باشقىلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ئىلتىماسى سۇنۇلسا، بۇنى ئىلتىماس قىلغۇچىمۇ پۇشايمان قىلىدىغان ئەھۋاللار بولىدۇ.
 ئىلتىماس قىلغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ پۇشايمان قىلىدىغان ئەھۋاللار:
1. ئىلتىماس قىلغۇچى ئاۋۋال رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق توسالغۇنى تۈگىتىپ، ئاندىن ئۆزى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى قايتىدىن رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولىدۇ، لېكىن رويخەتكە ئېلىنغان بۇ تاۋار ماركىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن، يېڭى ئىلتىماس ئەڭ يېڭى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمى بويىچە تەستىقلانماسلىقى مۇمكىن، ئىلتىماس قىلغۇچى تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ئىلتىماسىنى سۇنۇشتىن بۇرۇن بۇ ئەھۋالنى بىلمەيدۇ، ئىلتىماس قىلغۇچى ئىلگىرىكى تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش ئىلتىماسىنى سۇنغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، پۇشايمان قىلىدۇ.
 2. ئىلتىماس قىلغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان بىر تاۋار ماركىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇنى ئەسلىدىكى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ قولىدىن سېتىۋېلىپ ئۆزى ئىشلەتمەكچى بولىدۇ، لېكىن ئەسلىدىكى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ساتمايدۇ ياكى قويغان باھاسى بەك يۇقىرى بولۇپ كېتىپ، تاۋار ماركىسى سودىسىنى ئۇزۇنغىچە كېڭىشىشكە ئامالسىز قالىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى يامان غەرەزدە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ لېكىن، ئەسلىي تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى خېلى ئۇزاق ئويلانغاندىن كېيىن، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ ئىلتىماس قىلغۇچىغا سېتىپ بېرىشكە قوشۇلۇشى مۇمكىن، بۇ چاغدا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ سېتىۋېلىش ئارزۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، لېكىن ئۆزى بۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىدۇ.
 3. ئىلگىرىكى تاۋار ماركىسى بىلەن ئىلتىماس قىلغۇچى رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولغان تاۋار ماركىسى ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولسا، ئىلتىماس قىلغۇچى ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئوڭۇشلۇق رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۈچۈن، ئۈچنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، توسالغۇنى تۈگىتىدۇ؛ ئىلتىماس قىلغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئۈچنى بىكار قىلىشقا ئىلتىماس قىلغاندا، دۆلەت  تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ماركا ئىگىسىگە ئىشلىتىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغاندا، تاۋار ماركىسى ئىگىسى زىياننى ئازايتىش ئۈچۈن، ئىلتىماس قىلغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىغا ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى ھوقۇق بېرىشنى مەقسەت قىلىپ، ئىككى تەرەپ ئورتاق پايدا ئېلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغاندا، تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى تەكشۈرۈشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئۈچنى بىكار قىلىش ئىلتىماسىنى قايتۇرىۋېلىش ئىلتىماسىنى سۇنۇپ، ئىلگىرى تاپشۇرغان ئۈچنى بىكار قىلىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىپ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلسا بولىدۇ.  ئىلتىماسنى قايتۇرۇۋېلىشتا ئۆزلۈكىدىن قايتۇرۇۋېلىش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغاندىن تارتىپ تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا قايتۇرۇۋېلىش ئىلتىماسى سۇنسا بولىدۇ، ئەگەر قايتۇرۇۋېلىش ئىلتىماسى تەكشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بولسا تاۋار ماركىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىككى تەرەپكە ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز بۇ ۋاقىت تۈگۈنىنى ياخشى كونترول قىلالمايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلسىڭىز، ھەر ۋاقىت بىزدىن مەسلىھەت سورىسىڭىز بولىدۇ، بىز سىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن مۇۋاپىق تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمىز 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش
  • ئالدىنقى مەزمۇن: 最后一页
  • كېيىنكى مەزمۇن: 35-تۈر شۇنداق مۇھىممۇ؟