ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، بىكار قىلىش، كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاشنىڭ پەرقى
دۆلىتىمىز بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزگەندىن بۇيان، كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئىشلىتىشىدىمۇ تەدرىجىي ئورتاق تونۇش شەكىللەندى، بۇ تەبىئىي ھالدا تىجارەتچىلەرنىڭ تاۋار ماركىسى ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىجارەتچىلەرنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق تاۋار ماركىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كەم بولسا بولمايدۇ، دائىم رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلار رويخەتتىن ئۆچۈرۈشنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.
ئۇنداقتا رويخەتتىن ئۆچۈرۈش دىگەن نىمە؟ ئەمەلدىن قالدۇرۇش دېگەن نېمە؟ ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاش دېگەن نېمە؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مېنىڭ تاۋار ماركام بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
بۈگۈن كۆپچىلىككە تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، بىكار قىلىش، ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تەپسىلىي تەھلىل قىلىپ ئۆتىمىز:
تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش - تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىش ياكى قىسمەن رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋېتىشتەك قانۇنىي تەرتىپنى كۆرسىتىدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش ئاساسلىقى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى ئۆزىدىكى سەۋەب تۈپەيلىدىن تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ، ھەممىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋەتسىمۇ، قىسمەن تاۋار مۇلازىمەت تۈرىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈۋەتسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشۇپ داۋاملىق ئىشلىتىلمىگەن بولسا، شۇ تاۋار ماركىسى ئۆزلۈكىدىن رويخەتتىن ئۆچۈرۈلىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش - تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىش رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى تاۋار ماركىسى قانۇنى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولسا، دۆلەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئۇنى بىكار قىلىش قارارى ياكى كېسىمى چىقىرىپ، ئەسلىدىكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى يوقىتىش تەرتىپىنى كۆرسىتىدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىلاردىن رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى رويخەتكە ئېلىنغان باشقا ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتكەنلىرىنى يەرلىك سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىكار قىلىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋارنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇپ قالغان ياكى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ، ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىتىلمىگەن بولسا، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخس تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. نۆۋەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى يوللۇق سەۋەب يوق تۇرۇپ ئۇدا ئۈچ يىل بىكار قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتمەسلىك.
تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش - تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش تاۋار ماركىسى مەسئۇل ئورگىنىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، رويخەتكە ئالدۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى تاۋار ماركىسى قانۇنىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش ياكى باشقىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىگە دەخلى - تەرۇز قىلىش تۈپەيلىدىن رويخەتكە ئېلىنغان بولسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ھوقۇقى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش ياكى تاۋار ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلىش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ.
تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن خىزمەت ھوقۇقى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاش ئاساسلىقى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ «تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 4-،10-،11-،12-ماددىسى،19-ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛
رويخەتكە ئېلىنغان شۇ تاۋار ماركىسىنى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلىش ئاساسلىقى«تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 13- ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى ۋە 3-تارمىقى،15-ماددىسى،،16-ماددىسىنىڭ1-تارمىقى،30-ماددىسى،31-ماددىسى،32-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكى جاكارلانغان ھامان، ئۇنىڭ مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقى باشتىلا مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارىلىدۇ.
تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاش يامان نىيەتتە رويخەتكە ئېلىنغان، مەشھۇر تاۋار ماركىسىنىڭ ئىگىدارى بەش يىللىق ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاندىن سىرت، باشقا ئاساسلارنىڭ كۈچكە ئىگە بولماسلىقى بەش يىللىق چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، بەش يىلدىن ئېشىپ كەتسە، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، مەيلى رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، بىكار قىلىش ياكى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاش بولسۇن، ھەممىسىنىڭ شەرتلىك چەكلىمىسى بولىدۇ. رويخەتتىن ئۆچۈرۈش پەقەت تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ئىگىسىنىڭ ئۆزىنىڭ تاۋار ماركىسىنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشى؛ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ۋە ئىناۋەتسىز قىلىش رىقابەت ۋە پايدا ـ زىيان مۇناسىۋىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان تاۋار ماركىسى ھوقۇقىنى تالىشىش ئۇسۇلى بولۇپ، ئۈچنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئاساسلىقى ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمەسلىكنى كۆرسىتىدۇ، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى تەستىقلاپ رويخەتكە ئالدۇرغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقاندىلا ئاندىن بولىدۇ؛ ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاش كۆپىنچە بەش يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى كېرەك. تاۋار ماركىسى ھوقۇقى ۋە قىممىتى شەكىللەنگەن ھامان، ھوقۇق ئىگىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوغدىشىغا توغرا كېلىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ بىر قېتىملىق ئەجىر بىلەن مەڭگۈ راھەت كۆرگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش