ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركا ساتقاندا ياكى سېتىۋالغاندا چوقۇم دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
1-سېتىۋالغان ماركىنىڭ كىنىشكىسىگە ياخشى قاراپ، سىز ئىشلەتمەكچى بولغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرىگە تولۇق ئېلىندىمۇ يوق جەزىملەشتۈرىشىڭىز كېرەك. تېخىمۇ مۇھىمى كىنىشكىدىكى چوڭ تۈرىگىلا قارىماستىن سىزگە لازىم كىچىك تۈرلەر ئېلىندىمۇ يوق، مۇشۇ كىنىشكىدىكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرلىرى ئارقىلىق ئۆز تىجارىتىمنى نۇرمال قىلالامدىم يوق دىگەنلەرنى ئىنچىكە ئويلىنىشىڭىز كىرەك. مەسىلەن: چىش پاستىسى بىلەن ئاياغ مېيى ئوخشاشلا 3-تۈر دە، سىز 3-تۈرگە كىنىشكىسى چىققان بىر ماركىنى چىش پاستىسىغا ئىشلەتمەكچى بولۇپ سېتىۋالسىڭىز، لىكىن ماركا كىنىشكىسدا پەقەت ئاياغ مېيىلا ئېلىنغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ماركىنى چىش پاستىسىغا نۇرمال ئىشلىتەلمەيسىز. دىمەك ، سېتىۋالغىنىڭىز سىزگە ئەسقاتمايدىغان قۇرۇق قەغەز بولۇپ قالىدۇ.
2-دۆلەت ماركا ئىدارىسى تور بېكىتىدىن سىز سېتىۋالماقچى بولغان ماركىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ماركا نۇرمال رويخەتكە ئېلىنغان ھالەتتىمۇ ئەمەسمۇ، ئىناۋەتلىك ۋاقتى توشۇشقا قانچىلىك ۋاقتى بار، باشقىلار ئىناۋەتسىز قىلىشقا، ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىدى دەپ بىكار قىلىشقا ئەرىز قىلدىمۇ يوق، باشقىلارنىڭ نامىغا يۆتكەلگەن ئەھۋال بارمۇ يوق، شۇنداقلا ماركا ھازىرقى سىزگە ماركا ساتماقچى بولغان كىشىنىڭ نامىدىمۇ-ئەمەسمۇ؟ دىگەنلەرنى ئېنىقلىشىڭىز كىرەك. ئەگەر يوقارقى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە مەسىلە كۆرۈلسە بۇ ماركىنى سېتىۋېلىشتا ئىھتىيات قىلىڭ. چۈنكى ئەمەلىي كەسىپ بىجىرىش جەريانىدا بىزگە بىر ماركىنى نەچچە ئادەمگە سېتىپ ھەممىسىدىن پۇل ئالىدىغان، ماركىنى ساتىمەن دەپ ئالدىن زاكالەت ئېلىپ ماركىمۇ يوق، نام يۆتكەشكە تىگىشلىك ماتىرىيالنىمۇ بەرمەي يوقاپ كىتىدىغان قارا نىيەتلەر ئۇچراپ قالدى. ھەتتا ئۆزى ھەم ماركا ساتقۇچى ھەم ماركا سېتىۋالغۇچى بولۇپ ئويۇن ئويناپ، ماركا ۋاكالەتچىلىرىنىمۇ قايمۇقتۇرۇپ ئارىلىقتىن پۇل ئالىدىغان ساختىپەز كاززاپلارمۇ پەيدا بولدى.
3-ماركا ساتقۇچى بىلەن ماركا سېتىش- سېتىۋېلىش توختىمى ئىمزالاپ، ماركىنىڭ پۈتۈشكەن سېتىۋېلىش سوممىسى، نام يۆتكەش چىقىملىرى ، پۇل تاپشۇرۇش ۋاقتى، ماركا سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ۋە كىيىنكى ھوقۇق-مەسئۇلىيەتلەرنى ئېنىق بەلگىلەپ، ماركا ئوڭۇشلۇق يۆتكەلمىسە قانداق قىلمىز دىگەنلەرنىمۇ توختامغا ئەستايىدىل يېزىشىڭىز كىرەك.
4-ئامال بار ماركا ساتقۇچى ياكى سېتىۋالغۇچى بىلەن بىۋاستا سودا قىلماي سىز ئىشەنچلىك دەپ قارىغان تەجرىبىلىك ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىغا ھاۋالە قىلىپ، ماركا نامىنى يۆتكەش رەسمىيەتلىرىنى بىجىرىشنى كەسپىي كىشىلەرگە تاپشۇرۇڭ. بۇنداق بولغاندا ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى ئۈچىنچى تەرەپ سالاھىيىتىدە ماركا ساتقۇچى ۋە سېتىۋالغۇچىنىڭ مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغداپ، سودىنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئازغىنە چىقىمنى دەپ كىيىن تېخىمۇ كۆپ زىيان تارتىشتىن ساقىلىنالايسىز.
5-ئەگەر سىز ماركا ساتقۇچى بولسىڭىز، نامىڭىزدا يەنە باشقا كۆپ ماركا بولغان ئەھۋالدا ، كىملىك ، شىركەت تىجارەت كىنىشكىسى، تامغا قاتارلىق ماتىرىياللىرىڭىزنى تۇنۇمايدىغان ياكى ئىشەنچىسز ئادەملەرگە بەرمەڭ. چۈنكى، سىزنىڭ يوقارقى ماتىرىياللىڭىز بولسىلا سىزگە خەۋەر قىلماستىن سىزنىڭ نامىڭىزدىكى باشقا ماركىلارنىمۇ خالىغانچە يۆتكىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ بىرخىل قانۇنسىز قىلمىش، لىكىن بەزى ساختىپەز قارا نىيەتلەر بۇنداق ئىشلارنى قىلىۋىرىدۇ.
6-ماركا نامىنى يۆتكەش رەسمىيىتىنىڭ بىجىرىلىشىگە ئادەتتە 4-5 ئاي ۋاقىت كىتىدۇ، ماركىنى سېتىۋېلىپلا نۇرمال ئىشلىتىش ئۈچۈن سېتىۋالغان كۈنىلا ماركىنى ئىشلىتىشكە ھوقۇق بەرگەنلىك ئىسپاتى چىقىرىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىڭ. بۇنى سىزگە كەسىپ بىجىرىپ بەرگەن ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىدىكىلەر ئوبدان بىلىدۇ.
7-ماركا سېتىۋېلىش ئىشلىرىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش ئىچكىرىدىكى ماركا ئېلىم-بىرىملىرىدا كۆپرەك قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ئەگەر ماركا سودىسىغا بەك ئىشنەچ قىلالمىسىڭىز توردا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزسىڭىزمۇ بولىدۇ، بۇ ئىسپات ماركىنىڭ نامىڭىزغا ئوڭۇشلۇق يۆتكىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇنىڭغا 2-3 يۈز يۈەن كىتىدۇ. بۇ ھەقنى ئادەتتە ماركا سېتىۋالغۇچى تاپشۇرىدۇ. تەجرىبىلىك ماركا ۋاكالەتچىگە نام يۆتكەش كەسپىنى ھاۋالە قىلسىڭىز ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزمەيمۇ ئوڭۇشلۇق پۈتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
ئەگەر ماركا سېتىش-سېتىۋېلىش ئىشلىرىدا مەسىلىگە يولۇقسىڭىز ئىككىلەنمەي شىركىتىمىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. بىر ماركىنى نەچچە ئادەمگە ساتقان، ماركىڭىزنى رۇخسەتسىز نامىغا يۆتكىۋالغان ئەھۋاللار بولسا ئەمەلىي تەجرىبىمىزگە ئاساسەن مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىمىز.
كىنىشكىسى چىقىپ بولغان تەييار ماركا كىنىشكىلىرىنى سېتىۋېلىپلا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ياكى نامىڭىزدىكى ماركىنى ساتماقچى بولسىڭىزمۇ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ. شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىنىڭ ماركا بازىرىدا 500 گە يېقىن كىنىشكىسى چىقىپ بولغان تەييار ماركىلار تاللاپ سېتىۋېلىشىڭىزنى كۈتمەكتە. ئايرىم مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز ئۈندىدارىمنى قوشۇڭ، ئۈندىدار نومۇرۇم: 3935579
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى ماركا تورىغا كىرىڭ. تور ئادرېسى:
www.marka.cn
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش