ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ

ئالدى بىلەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېقىڭ.


يوقارقى رەسىمدىكىنىڭ ھەممىسى كىنىشكىسى چىقىپ بولغان تەييار ماركىلار، مانا بۇ ماركا كىنىشكىسى. ئالدىنقى قېتىملىق بىر فىلىمدا مەن مەخسۇس ماركا كىنىشكىسىنى تۇنۇشتۇرغانتىم. بۈگۈن ماركا كىنىشكىسىدىكى ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندۈرۈپ قويماقچىمەن.
ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ماركا كىنىشكىسىنىڭ مانا ماۋۇ يېرىگە ئېنىق يېزىلغان. دۆلىتىمىزدە رويخەتكە ئېلىنغان ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10 يىل بولىدۇ. ماركىنى ئىشلىتىپ 10-يىلىغا قەدەم قويغاندا، يەنى ماركا ۋاقتى توشۇشقا بىر يىل قالغاندىكى مۇشۇ ئاخىرقى بىر يىل ئىچىدە ماركىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ، ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا دۆلەت ماركا ئىدارىسى يەنە ھەق ئالىدۇ، بۇ بىز چىقىرىۋالغان قائىدە ئەمەس، ھەم سىزدىن ئارتۇق ھەق ئېلىۋالىدىغان ئىشمۇ يوق. ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلسىڭىز 1-2 ئاي ئىچىدە ماركا ۋاقتى ئۇزارتىلغانلىق ئىسپاتى چىقىدۇ، ماركا كىنىشكىسىنى قايتا بېسىپ تارقاتمايدۇ. ماركا ۋاقتى يەنە 10 يىل ئۇزىرايدۇ. ئەگەر ئاخىرقى بىريىل ئىچىدە ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلمىسىڭىز دۆلەت ماركا ئىدارىسى يەنە 6 ئاي كەڭچىللىك ۋاقتى بېرىدۇ، مۇشۇ 6 ئاي ئىچىدە ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ، لىكىن بۇ مەزگىلگە كىرگەن ماركىلارغا ئەسلىدىكى ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش ھەققىگە كەڭچىللىك ۋاقتى ھەققىنى قوشۇپ ئالىدۇ. ئەگەر بۇ 6 ئاينىمۇ قولدىن بىرىپ قويسىڭىز ماركىڭىز ئىناۋەتسىز بولۇپ، قولىڭىزدىكى ماركا كىنىشكىسى قانۇننىڭ قوغدىشىدىن مەھرۇم بولۇپ، قۇرۇق قەغەزگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ ماركىنى قايتا ئىلتىماس قىلىمەن دىسىڭىز تەستىقلانماسلىقى مۈمكىن، چۈنكى ماركا تەكشۈرۈش قائىدە-ئۆلچەملىرى يىلسىرى ئۆزگىرىپ تەلەپ يوقۇرىلاپ مېڭىۋاتىدۇ، 10 يىل بۇرۇن تەستىقلانغان ماركا ھازىر تەستىقلانماسلىقى ياكى ئوخشىمىغان تەكشۈرگۈچىنىڭ ھۆكۈم قىلىشى ئوخشىماي ماركا تەستىقلانماسلىقىمۇ مۈمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن قولىڭىزدىكى ماركا كىنىشكىسىدىكى ۋاقىتقا ياخشى قاراپ، دەل ۋاقتىدا ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېلىڭ.
بىز بەزىدە ماركا تەكشۈرىۋېتىپ،  ۋاقتى توشۇشقا ئاز قالغان ماركىلارنى بايقىغاندا شۇ ماركىنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى توردىن تېپىپ ماركىڭىزنىڭ ۋاقتى تۇشۇپتۇ، ۋاقىت ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلىۋېلىڭ دىسەك خۇددى بىز ئالداپ يانچۇقىدىكى پۇللىرىنى ئېلىۋالىدىغاندەك ئەنسىرەپ گۇمانلىنىپ كىتىدۇ.ماركىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتىنىڭ 10 يىل بولىدىغانلىقىنى،  ھەتتا دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ھەق ئالىدىغانلىقىنى بىلمەي ياكى ئىشەنمەي بىزدىن گۇمانلىنىپ ۋاقتىدا قارار چىقارمايدۇ.
بىزدە  تور ئالدامچىلىقلىرىدىن ساقلىنىش ئېڭى بولۇشى نۇرمال ئەھۋال، لىكىن ھەممە ئادەمدىن گۇمانلىنىپ، ئارتۇق ئويلىۋالساق ئاخىرىدا ئۆزىمىز زىيان تارتىپ قالىمىز. بىز راست گەپ قىلىپ، سەمىمىي مۇلازىمەت قىلساقمۇ بىزدىن گۇمانلىنىپ ھاردۇرۇپ قويىدىغانلار بار. بەلكىم بۇلار ئۆزلىرىمۇ باشقىلارغا ساختا نىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلغاچقا بىزنىمۇ ئۆزىدەك ساختىپەز دەپ ئويلاپ ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن. بۇنداقلارغا دەيدىغىنىم، سۈرۈشتە قىلىپ بېقىڭ، ئەمەلىيەتنى كۆرۈڭ.
مانا بۇنىڭدەك كىنىشكىسى چىقىپ بولغان تەييار ماركىلارنى سېتىۋېلىپ شۇ كۈنىلا مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتلەرگە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ. مىنىڭ ئۈندىدار نومۇرۇم 3935579. شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىنىڭ ماركا بازىرىدا 500 گە يېقىن كىنىشكىسى چىقىپ بولغان تەييار ماركىلار سىزنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشىڭىزنى كۈتمەكتە. تور ئادرېسى: 
https://www.marka.cn

 
ھەمبەھىرلەش