تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش سىز ئويلىغاندەك ئاددىي ئىش ئەمەس

نۇرغۇن تىجارەتچىلەر تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسىلا ھەممە ئىش پۈتىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، تاۋار ماركىسىنى كېيىنكى مەزگىلدە قوغداش ئوخشاشلا مۇھىم، ھەتتا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.
 
ـ قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش ـ
تاۋار ماركىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئىشلىتىش باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى ـ تەرۇز قىلىش ئېھتىمالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك؛
بەلگىلەنگەن تاۋار ياكى مۇلازىمەت تۈرىنى ئىشلەتمىگەندە مەمۇرىي جازا كېلىپ چىقىشى مۇمكىن؛
 تاۋار ماركىسىنى باشقىلار ئۈچ يىلغىچە ئىشلەتمىدى دەپ ئەمەلدىن قالدۇرۇش ، ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاش قاتارلىق ئىلتىماسلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش دەلىل ـ ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولمايدۇ.
كارخانىنىڭ كۇرسلۇق مەھسۇلات بازىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، رويخەتكە ئېلىنغان كۇرسلۇق مەھسۇلاتلارنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىغاندا، بىر تەرەپتىن مەمۇرىي جازادىن ساقلانغىلى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئىناۋەتسىز قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۇرسلۇق مەھسۇلاتنىڭ سىجىل، مۇقىم تەرەققىياتىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ.
كۈندىلىك نازارەت قىلىش، ماركىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
تاۋار ماركىسىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش ماركا بازىرىنى قوغدىغانلىق بولۇپ، ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسى ياكى يامان نىيەتتە تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، دەسلەپكى تەكشۈرۈش باسقۇچىدا ئۇنىڭغا باشقىچە پىكىر ئىلتىماسى سۇنۇش بازاردىكى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنىڭ يۈز بېرىشىنى تۈپتىن توسۇپ، بىر تەرەپتىن ماركا بازىرى ئوبرازىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، ماركىنىڭ ئاجىزلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن كارخانىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازارنىڭ ياخشى تەرەققىياتىنى ساقلىيالايدۇ.
 تاۋار ماركىسىنىڭ پۈتۈن تۈرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ماركىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. مۇداپىئەلىنىپ قوغداش - ماركىنىڭ مەلۇم رايوندا بەلگىلىك تەسىر كۈچى بولغاندا، دائىم داڭلىق ماركىغا سۈركىلىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ تىجارەتچىلەردىن مۇداپىئە خاراكتېرلىك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقىغا چېقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، لاۋگەنما ماركىسى زور مىقداردىكى مۇداپىئە خاراكتېرلىك تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، كارخانىنىڭ ماركا ھوقۇقىنى قوغداش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ماركىنىڭ مۇقىم تەسىر كۈچىگە كاپالەتلىك قىلغان.
 
نۇرغۇن تىجارەتچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىدا ئۆزگىرىش بولۇش، رويخەتتىن ئۆچۈرۈلۈش، ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن تاۋار ماركىسىنى قوغداشقا سەل قارايدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىسپاتىنى ئىشلەتكەندە سۇبيېكتتا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى بايقايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بازار پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ زىيان تارتىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن  تىجارەت سۇبيېكتىدا ئۆزگىرىش بولغاندا، تاۋار ماركىسىنىمۇ ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. سۇبيېكتنى رويخەتتىن ئۆچۈرۈشكە توغرا كەلگەندە، نامىدىكى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ۋاقتىدا يېڭى سۇبيېكتقا ئۆتۈنۈپ بېرىش كېرەك، سۇبيېكتتا ئۆزگىرىش بولغاندا، يۆتكەش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىش كېرەك؛ ئۇنىڭدىن باشقا ئەڭ مۇھىمى، تاۋار ماركىسىنىڭ ئون يىللىق مۇددىتى توشقاندا داۋاملىق ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى ۋاقتىدا بېجىرىش كېرەك، بولمىسا ئورنىنى تولدۇرغىلى بولمايدىغان زىيان كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

.
 
ھەمبەھىرلەش