ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى تې لاڭ پۇ دىگەن سۆزنى دۆلىتىمىزدە كىم ماركىغا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى بىلەمسىز؟

ماركا ئىزدەش سېستىمىسىغا دۆلەت يېزىقىدا «特朗普» دەپ يېزىپ ئىزدىسەك شۇنىڭغا ئوخشاش ياكى يېقىنراق بولغان ماركا ئىلتىماسىدىن 3162 پارچە ئىلتىماسنىڭ يوللانغانلىقىنى كۆرىمىز.

 بۇنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەپ تەكشۈرسەك دۆلەت يېزىقىدىكى يېزىلىشى ئوخشاش ماركىدىن 133 پارچە ماركا ئىلتىماسى يوللانغانلىقىنى كۆرىمىز.
بۇنىڭدىن ئوڭۇشلۇق رويخەتكە ئېلىنغانلىرىنى تەكشۈرسەك پەقەت 13 پارچىلا  ماركا ئوڭۇشلۇق تىزىملىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ 11 پارچىسىنى دەل ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئۆزىنىڭ شەخسى نامىدا ياكى دونالد ترامپ تاۋار ماركىسى تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نامىدا دۆلىتىمىز تەۋەسىدە رويخەتكە ئالدۇرغان.

زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ ماركا ئۇچۇرىدا خاتىرىلەنگەن ئادرېسى ئامېرىكا نىيويورك شىتاتى  نىيويورك شەھىرى 5- كوچا 725-نومۇر. دونالد ترامپ تاۋار ماركىسى تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئادرېسىمۇ ئوخشاشلا ئامېرىكا نىيويورك شىتاتى نىيويورك شەھىرى 5-كوچا 725-نومۇر.

يوقارقى 特朗普 دەپ تىزىملىتىلغان 13 پارچە ماركىنىڭ قالغان 2 پارچىسىنى ۋېنجوۋ شەھىرىدىكى مەلۇم ئىلېكترون ئۈسكۈنلىرى شىركىتى ئايرىم ھالدا 2008-يىلى ۋە 2009-يىلى ئىلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى ۋە مېتال بۇيۇملار تۈرىگە رويخەتكە ئالدۇرغان. بەلكىم ئۇلار  ئەينى ۋاقىتتا ترامپنى تونۇماسلىقى، بۇ بىر ئۇدۇل كەپ قېلىش بولۇشىمۇ مۈمكىن، ياكى نەزەر دائىرىسى كەڭ بولۇپ كەلگۈسىنى ئالدىن پەرەز قىلغان بولۇشى مۈمكىن. نىمىلا بولمىسۇن، ئەگەر بۇ ماركىغا ئامىرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ نەزىرى چۈشۈپ قالسا پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماسلىقى مۈمكىن.

 ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامىپ 2008-يىلىلا  ئۆز ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى بولغان 特朗普 دىگەن سۆزنى 36-تۈردىكى ئۆي مۈلۈك ، پۇل-مۇئامىلە ، سۇغۇرتا قاتارلىق تۈرلەرگە ،37-تۈر قۇرۇلۇش- بىناكارلىق تۈرلىرىگە شەخسى نامىدا رويخەتكە ئالدۇرغان، 2017-يىلى ئۆز نامىدىن دونالد ترامپ تاۋار ماركىسى تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نامىغا يۆتكىگەن، 2020-يىلى ماركا قەرەلىنى ئۇزارتىشقا ئىلتىماس قىلغان.
قالغان 9 پارچە ماركىنى   2016-يىلى 4- ئايدىن باشلاپ ئىلتىماس قىلغان.
يوقارقىلاردىن باشقا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامىپنىڭ شەخسى نامىدا  دۆلىتىمىزدە رويخەتكە ئالدۇرغان ماركىلاردىن   25-تۈردە ترامپنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى بولغان 特朗普  ۋە يەنە بىرخىل يېزىلىشى بولغان 川普 مۇ بار بولۇپ، بۇلار ئوڭۇشلۇق رويخەتكە ئېلىنغان، لىكىن 2021-يىلى باشقىلار بۇ ئىككى ماركىنى 3 يىلغىچە سەۋەبسىز ئىشلىتىلمىگەنلىكتىن بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىپ بۇ ماركىلار دۆلەت ماركا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئىناۋەتسىز قىلىنغان. لىكىن  بۇ ماركا 25-تۈردە يەنىلا دونالد ترامپ تاۋار ماركىسى تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى تەرىپىدىن رويخەتكە ئېلىنغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىناۋەتلىك ھالەتتە.
دونالد ترامپ تاۋار ماركىسى تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نامىدا دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدە  123 دانە ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنغان بولۇپ، بۇلار ئاساسەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى 特朗普, يەنە بىرخىل يېزىلىشى 川普 ، ئىسىمنىڭ تولۇق يېزىلىشى 唐纳德·特朗普 ۋە ئىنگىلىز چە يېزىلىشى TRUMP،Donald Trump  قاتارلىقلار بولۇپ، ئاساسلىقى ئىلېىكتىر ئۈسكۈنىلىرى، ئۆي جاھازىلىرى، كىيىم كېچەك، ئېلان، سېتىش مۇلازىمىتى، پۇل-مۇئامىلە، مۇقۇم مۈلۈك، قۇرۇلۇش بىناكارلىق، مائارىپ ئىشلىرى، پەن تېخنىكا مۇلازىمىتى، يېمەكلىك تەمىنلەش مۇلازىمىتى، داۋاللاش مۇلازىمىتى قاتارلىق تۈرلەرگە ئىلتىماس قىلىنغان.
ترامپنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى بولغان 特朗普 دىگەن سۆزنى ترامپنىڭ ئۆزى ۋە شىركىتىدىن باشقا يەنە 120 گە يېقىن كىشى دۆلىتىمىزدە رويخەتكە ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ھەممىسىنىڭ رويخەت ئىلتىماسى رەت قىلىنغان.
ترامپنىڭ ئىسمىنىڭ خەنزۇچە يەنە بىرخىل يېزىلىشى بولغان  川普دىگەن سۆز ئىلتىماس قىلىنغان ماركا رويخەت ئىلتىماسىنىڭ سانىمۇ 182 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ پەقەت 25 پارچىسىلا ئوڭۇشلۇق رويخەتكە ئېلىنغان، ھەم بۇنىڭ 15 دانىسى يەنىلا دونالد ترامپ تاۋار ماركىسى تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نامىدا رويخەتكە ئېلىنغان.
يوقارقىلاردىن باشقا، ئامىرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ ئىسمىنىڭ ئىنگىلىزچە يېزىلىشى بولغان TRUMPدىگەن سۆزنىڭ ئۆزىلا ئىلتىماس قىلىنغان ماركا ئىلتىماسىدىن 136 پارچە بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىمۇ ئوڭۇشلۇق رويخەتكە ئېلىنغىنى پەقەت 27 پارچە، شۇنداقلا بۇنىڭ 19 پارچىسىنى يەنىلا دونالد ترامپ تاۋار ماركىسى تىجارەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى رويخەتكە ئىلتىماس قىلغان.
يوقارقىلاردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئامىرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىر دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇشتىن باشقا ئۇ يەنە بىر داڭلىق سودىگەر، شۇنىڭ ئۈچۈن  بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاھىدە ئىتىبار بەرگەن. ھەتتا ئۆز ماركىسىنى دۆلەت ئاتلاپ قوغداپ رويخەتكە ئىلتىماس قىلغان.
 دىمەك، سودا تىجارەتتە ھەممىدىن بۇرۇن ئويلىشىشقا تىگىشلىكى يەنىلا ماركا . مەھسۇلاتنى بازارغا سېلىشتىن بۇرۇن ماركىنى ئاۋال ئويلىشىپ رويخەتكە ئالدۇرۇش ئەقىللىق تىجارەتچىلەرنىڭ سودا ئادىتى. ئۆز ماركىسىنى ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تاۋار ياكى مۇلازىمىتىدىن باشقا مۇھىم تۈرلەرگە قوغداپ ئىلتىماس قىلىش بولسا داڭلىق ماركا  بەرپا قىلىش يولىدا تىرىشىۋاتقان ۋە مۇۋەپپىقيەت قازانغان كارخانىچىلارنىڭ سودا تەدبىرى.
شۇنىڭ ئۈچۈن سودا تىجارەتتە ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇش ۋە سىجىل تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ماركىنى ياخشى ئويلىشىڭ ۋە ئۆز تۈرلىرى بويىچە تولۇق قوغداپ ئىلتىماس قىلىڭ. بۇ ھەرگىزمۇ پۇل+ ئىسراپچىلىقى بولماستىن، شەكىلسىز بايلىققا سېلىنغان ئۈنۈملۈك مەبلەختۇر.
ماركا ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز، ماركا ۋاقتىنى ئۇزارتىش، ماركا نامىنى يۆتكەش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، قارشى پىكىر بېرىش قاتارلىق بارلىق ماركا كەسىپلىرىنى بىجىرمەكچى بولسىڭىز، نەشىر ھوقۇقىغا تىزىملىتىش، تاۋار تاياقچە كود كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش، كارخانىلار ئۈچ ئا ئىناۋەت كىنىشكىسى ئىلتىماس قىلىش، شىركەت تىزىملىتىش، تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش، ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، مالىيە بۇغالتىرلىق ئىشلىرى، تەكشىلىك ئېلان لايىھەلەش، بېسىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز شىركىتىمىز  بىلەن ئالاقىلىشىڭ، ئالاقىلىشى تېلېفون نومۇرى 4000991831، ئالاقە ئۈندىدارى 3935579
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى شىركىتىمىز باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ ماركا تورىدىن كۆرۈڭ. تور ئادېرىسى :

www.marka.cn 

 
ھەمبەھىرلەش