يېقىندىكى ئۇستام جا ئۇستام، يىراقتىكى ئۇستام چوڭ ئۇستام؟

    بىزدە يېقىندىكى ئۇستام جا ئۇستام، يىراقتىكى ئۇستام چوڭ ئۇستام دەيدىغان گەپ بار. بۇ دىگەنلىك، بەزى كىشىلەر ھەمىشە ئۆز ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشەنمەي، ئۆزىدىن يىراق، كۆرۈپ باقماى، مۇنداقلا نامىنى ئاڭلىغانلارنى بەك قالتىس چاغلاپ، ئالاھىدە يوقۇرى ئورۇنغا قويىۋالىدىغانلارنى دىمەكچى.
   مۇشۇ ماركا كەسىپلىرىدىمۇ ئەنە شۇنداق ئەھۋال بار. بولۇپمۇ بېيجىڭدىن مەلۇم بىر ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىدىكى بىرەيلەن  تېلېفون قىلىپ ، بىزنىڭ شىركىتىمىز دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ئۇدۇلىدا، بىز ئارقىلىق ماركا ئىلتىماس قىلسىڭىز ماركىنىڭ ئۈتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز... دىگەندەك ياغلىمغا گەپ قىلسا شۇنىڭغا ئېزىپ كىتىدىغانلار بار. ئۇلار بېيجىڭدىكى ماركا  ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرى، بولۇپمۇ دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ئەتراپىدىكىلەر چوقۇم كەسپنى تېز ھەم پۇختا ، ئوڭۇشلۇق پۈتكۈزۈپ بېرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بىزلەرنى بولسا دۆلەت ماركا ئىدارىسىدىن يىراقتا، ئارىلىق يىراق بولغاچقا كەسىپ بىجىرىشى ئاستا ياكى ئاۋۇلاردەك كەسپىي ئەمەس دەپمۇ ئويلايدۇ. لىكىن بۇ پۈتۈنلەي خاتا قاراش، شۇنداقلا كەسىپنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمىگەنلىكتىن بولىۋاتقان ئىشلار. شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركىتى مەيلى شىنجاڭنىڭ قانداق يېرىدە بولسۇن، ياكى بېيجىڭدىكى ماركا ئىدارىسى خىزمەت بىناسىنىڭ ئۆگزىدە بولسىمۇ ھەممىسى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا ئەنگە ئېلىنغان ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەسىپ بىجىرىش جەريان باسقۇچلىرى ئوخشاشلا، ھېچكىمنىڭ ئالاھىدە ھوقۇقى ياكى ئىمتىيازى بولمايدۇ. ئوخشىمايدىغان يىرى قانداق دىگەندە پەقەت ئۇلارنىڭ كەسپىىي تەجرىبە سەۋىيىسى، كەسپىي ئەخلاقى، ئىش بىجىرىش سۈرئىتى ، مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە سەمىمىيلىك جەھەتلەردە پەرق بولىدۇ. ھەممىسى ئوخشاشلا دۆلەت ماركا ئىدارىسىنىڭ ماركا مۇلازىمەت سېستىمىسىدىكى ئەزالىق سۇپىسىغا كىرىپ كەسپ بىجىرىدۇ. بۇ سېستىمىدا مەشغۇلات قىلىش ئىش ئۈنۈمى ئورۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، يەنى، مەيلى دۆلەت ماركا ئىدارىسىغا يىراق بولسۇن ياكى ماركا ئىدارىسىنىڭ يېنىدا بولسۇن ۋاقىت ئۈنۈمى ئوخشاشلا بولىدۇ.
    بىرقىسىم ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار بار، بىزدىن ماركا ئىلتىماس قىلشى توغۈرىلىق كۈنلەپ، ھەپتىلەپ ھەتتا ئايلاپ مەسلىھەت سوراپ، بىرمۇنچە ۋاقتىمىز ۋە زىھنىمىزنى ئىسراپ قىلغىنىنىنى قىلچە ئويلىشىپ قويماي ئەڭ ئاخىرىدا كەسىپنى ئاشۇنداق باھاسى ئەرزان ياكى ساختا دەۋە بېرىدىغان ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا بىجىرگۈزىدۇ. ئىچكىردىكى ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركەتلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىنى چۈشەنمەيدۇ، يېقىنقى 2-3 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ماركىلارنىڭ تەستىقلانماسلىق سەۋەبى ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى ئۇلار قەتتىي بىلمەيدۇ. ھەتتا يېزىقنى چۈشەنمىگەچكە ئوخشاش ماركا بارلىقىنى توغرا تەكشۈرۈپ چىقالماي، ئۆتمەيدىغان ماركىنى ئۈتىدۇ دەپ پۇلىڭىزنى ئېلىۋىرىدۇ. ئاخىرىدا بىرەر يىل ساقلىسىڭىز ماركىڭىز رەت قىلىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلار  ماركا ئىلتىماسىڭىزنىڭ رەت قىلىشن سەۋەبىنى قىلچە ئويلاشماستىن، يەنە تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئەگەر ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىپ رەت قىلىنغان بۇ ماركىنى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلساق ماركىنى ئوڭۇشلۇق تەستىقلاتقىلى بولىدۇ... دەپ يەنە 4-5 مىڭ يۈەن پۇلىڭىزنى ئالىدۇ. يەنە بىرەر يىلدىن كىيىن بولسا قايتا قاراپ چىقىش ئىلتىماسىڭىز مەغلۇپ بولۇپ، ئۇلار خەۋەر يەتكۈزۈپ قويۇپلا ھېچنىمىگە ئىگە بولمايدۇ.  4-5 مىڭ كوي پۇلىڭىزمۇ قۇدۇققا چۈشىدۇ. زىياننىڭ ئۈستىگە زىيان دىگەن گەپ. كىيىن قانداق بولدى؟ بۇرۇن بىزدىن ھارغۇچە گەپ سوراپ ۋاقىت -زىھنىمىزنى ئىسراپ قىلغىنىنى قىلچە ئويلاشماي، يەنە خىجىل بولماستىن يوقارقى ئەھۋاللارنى بىزگە  دەپ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى سورايدۇ. ئۈندىداردىكى سۆزلىشىش خاتىرىسىگە قارىسام بىر نەچچە يىل بۇرۇن مەن بىلەن نەچچە كۈنلەپ پاراڭلاشقان، نۇرغۇن مەسلىھەت ئالغان ئادەم، تىللىۋىتەي دىسەم ئاتايىن يەنە ئىشىنىپ ئىزدەپ كەپتۇ دەپ ئويلىدىم، بۇ كىشى ماركا ئىلتىماس قىلمىغانغا مىنىڭ سودام توختاپ قالمىغاندىكىن بوپتۇ تەڭشىلىپ كىتەر دەپ يەنە مۇۋاپىق يول كۆرسەتتىم.
   مەن بۇ يىل يازدا ساياھەت مۇناسىۋىتى بىلەن جەنۇبى شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن شەھەر - ناھىيلىرىگە باردىم، كەسپىي ئادىتىم بويىچە كۆپىنچە يوللاردىكى ۋىۋىسكىلارغا، ئۇلارنىڭ ماركىلىرىغا دىققەت قىلدىم.  ئۆزەم بىر قوللۇق ئىلتىماس قىلىپ بەرگەن ماركىلارنىمۇ ئۇچراتتىم، يەنە بىرقىسىم ۋىۋىسكىلارغا ئىلتىماس قىلىنمىغان ياكى باشقىلار ئىلتىماس قىلىپ بولغان ماركىلارنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. يەنە بىرقىسىم ۋىۋىسكىلاردىكى ماركىلارنى كۆرۈپ بەكلا ھەيران قالدىم، ئادەم ئويلاپ باقمىغان، شۇ تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئالاھىدىلىكى، خاراكتىرىگە بەكلا چۈشكەن ئىسىملارنىمۇ ئۇچراتتىم، بەزىلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئەسلىدە ماركا ئىسمىنى مۇنداق قويساقمۇ بولىدىكەن دەپ ئويلىدىم. بۇ جەرياندا يەنە باشقا يەردىن ماركا ئىلتىماس قىلىپ قويۇلۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئەرزىنىمۇ ئاڭلىدىم. ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركىتىدىكىلەر  كەسىپ بىجىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ھەتتا سودىسىنىڭ تايىنىمۇ يوق، ئاران ئۈيىدىكىلەرنى بېقىۋاتقان كىچىك دۇكانچى، ناۋاي، ئاشپەزلەرگىمۇ تېلېفون قىلىپ، ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرمىسا دوكىنى تاقىلىپ قالىدىغاندەك دەرىجىدە ئەنسىزلىككە سېلىپ ئۇلارنى بىرنەچچە چوڭ تۈردە ماركا ئىلتىماس قىلىشقا قايىل قىلغان، ھەتتا، ماركا ئىلتىماس قىلىپ  بىرەر ئايدىن كىيىن باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ ئويۇن ئويناپ، تېلېفوندا بۇ كىشىنى ئازدۇرۇپ، ئىلتىماس قىلغان ماركىسىنىڭ نەشىر ھوقۇقىنى ۋاقتىدا ئىلتىماس قىىلمىسا بۇرۇنقى ماركىلىرى بىكار بولىدىغانلىقى، نەشىر ھوقۇقىنى ئېلىۋالسا ماركىنىڭ ھەممە تۈرىنى قوغداپ قالغىلى بولىدىغانلىقىدەك  يوق گەپلەرنى قىلىپ قورقاق سېلىپ ، بىرەرمىڭ كويغا ئىلتىماس قىلىدىغان ئەسەر ھوقۇقى ئىلتىماسىنى 3-4 مىڭ كويغا بىجىرگۈزۈپ، قىلغان سودىسىنىڭ تايىنى يوق ئاران كىتىۋاتقانلارنىڭ بىرەر ئايدا تاپىدىغان پايدىسىنى سۇغۇرۇپ ئېلىۋالغان. شۇلارنى  مانا مۇشۇنداق كاززاپلىق قىلىپ تاپقان پۇلىنى خاتىرجەم خەجلىيەلەمدىغاندۇ دەپ قالىمەن.  يەنە بىر قىسىم ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ، بولۇپمۇ ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى « ساھىبجامال ھىلىسى» گە ئالدىنىپ كىتىدىكەن. ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنىدىكى بىرەر قىز تېلېفون قىلىپ ياكى ئۈندىدارنى قوشۇپ كەسىپ توغرىلىق گەپ قىپ قويسا، ئارتۇقچە خىياللاردا بولۇپ، نىمە دىسە كەينىدە سۆرۈلۈپ ماڭىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇنداقلار مەنچە ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى ياخشى كۆرمەيدىغان، ئۆز ماركىسىنىڭ باشقا ئازدۇرغۇچى ھىسلاردىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتمىگەنلەر بولۇشى مۈمكىن.  
   رايۇنىمىزدىكى  ماركا ۋاكالەتچىلىرى ئىچىدە كەسىپىي ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن سەمىمىي كەسىپ بىجىرىۋاتقان كەسىپداشلارمۇ ئاز ئەمەس، ئۇلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى ئاشۇ ئىچكىردىكى بىرقىسىم شەھەرلەردىكى ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركىتىدىكىلەردىن ، بولۇپمۇ بېيجىڭدىكى ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىدىن  سىزگە تولا تېلېفون قىلىپ ئەرزان باھا، يالغان گەپلەر بىلەن ئازدۇرىۋاتقانلاردىن تۆۋەن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئەقلىنى ئىشلىتىپ، ئەمەلىيەتنى كۆرۈشىنى، قۇلاققا خوش ياقىدىغان ساختا گەپلەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ قالماسلىقىنى ئۈمىت قىلىمەن.

 
ھەمبەھىرلەش