داڭلىق تور رىياسەتچىلىرىنىڭ ساتقان ماللىرىدا مەسىلە كۆرۈلۈش ۋەقەلىرى نېمە ئۈچۈن ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ؟

يېقىندىن بۇيان  ۋاڭخوڭلار يەنى داڭلىق تور  رىياسەتچىلىرىنىڭ توردا مال سېتىپ ئۆرۈلۈپ كىتىش  ۋەقەلىرى ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى . كىشىلەر ئىختىيارسىز داڭلىق تور رىياسەتچىلىرىنىڭ  ساتقان ماللىرىدا مەسىلە كۆرۈلۈش  ۋەقەلىرى نېمە ئۈچۈن ئارقا - ئارقىدىن يۈز بېرىدۇ؟ ساتقان مالدا  مەسىلە كۆرۈلسە داڭلىق تور رىياسەتچىلىرى قانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك؟  ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ دەپ سوراشتى.
  بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېتىش كەسپىدە ئاشكارىلانغان ساختىلىق مەسىلىلىرىگە قارىتا، قانداق قىلغاندا قانۇن ئىدارە قىلىش ۋاستىسى ئارقىلىق تۈزەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟ بىز ئالدى بىلەن جېجياڭ خاڭجۇ سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقارغان بىر قانچە دېلو مىسالىغا قاراپ باقايلى، خاڭجۇدىكى شۈ فامىلىلىك 13 مىليوندىن ئارتۇق مەستانىسى بار،300 مىليوندىن ئارتۇق قوللاشقا ئېرىشكەن داڭلىق توردا مال سېتىش رىياسەتچىسى بولۇپ،  ئۇ تىجارەت قىلىدىغان شىركەت يې فامىلىلىكنىڭ ئىشخانىسىدىن 529 دانە ئاق رەڭلىك يۇڭ مايكا ۋە تۆت دانە ئەۋرىشكە كىيىم زاكاز قىلىپ بىۋاستە كۆرسىتىش ئۆيىدە ساتقان، ھەر بىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى 69 يۈئەن بولغان، لېكىن ئىككى تەرەپ مال كىرگۈزۈش باھاسى مەسىلىسى سەۋەبىدىن ھەمكارلىقنى توختاتقان، يې فامىلىلىك كېيىن ھەمكارلىشىپ توردا مال سېتىش مەزگىلىدە سېتىۋالغۇچىلار قايتۇرغان 65 دانە مالنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ،تەكشۈرۈش ئارقىلىق  ئۇنىڭ ئىچىدىكى 40 دانىسى مەيلى ئىش قوشۇش سۈپىتى ياكى ماتېرىيالى بولسۇن ھېچقايسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ شىركىتى ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات ئەمسلىكىنى، كىيىمنىڭ يېڭىگە چاپلانغان ماركىمۇ تەقلىد قىلىپ ياسالغانلىقىنى بايقىغان.
 قايتۇرۇلغانمالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا  دەۋاگەر بىر قىسىم كىيىم ـ كېچەك ماركىلىرىنىڭ ئۆزلىرى ئىشلەپچىقارغان كىيىم ـ كېچەك ماركىلىرى بىلەن يىپ تىكىلىش ئۇسۇلى،تاۋار ماركىلىرىنىڭ سىزىقچىلىرىدا پەرىق بارلىقىنى بايقىغان. دەۋاگەرنىڭ ئۆزىنىڭ ماركىسى يۇشۇرۇن يىپلىق تىكىلگەن، لېكىن جاۋابكارنىڭ ساتقان مەھسۇلاتىنىڭ ماركىسى ئاشكارا يىپلىق تىكىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا ماركىنىڭ تىكىلىش سىزىقىمۇ ئوخشىمايدۇ، داۋاگەرنىڭ ماركىسى تۈز سىزىقلىق تىكىلگەن، جاۋابكارنىڭ بولسا يانتۇ سىزىقلىق تىكىلگەن.
 يې فامىلىلىك تور رىياسەتچىسى شۈ فامىلىلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇق بېرىشىگە ئېرىشمىگەن ئەھۋالدا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن   ئېلېكتىرونلۇق سودا دۇكىنىدا ئۆزىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بېسىلغان كىيىمنى   ساتقان ۋە بىۋاستە تارقىتىش ئۆيىدە كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ سانىنىڭ 6660 دانە ئىكەنلىكىنى، تاۋار ماركىسى چوقۇقىغا دەخلى تەرۈز قىلىش قىلمىشى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بايقاپ خاڭجۇ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، رىياسەتچى شۈ  فامىللىكتىن ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلىشنى توختىتىپ، كەچۈرۈپ سورىشىنى ھەمدە ئۇنىڭ زىيى  ۋە باشقا چىقىملىرى ئۈچۈن  جەمئىي 157 مىڭ 862 يۈئەن تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
بىز  جاۋاپكارنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشى ئاساسلىقى ئۆزىنىڭ تور دۇكىنىدا دەۋاگەرنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ماركا چاپلانغان كىيىمنى ساتقانلىقى بولۇپ، دەۋاگەرنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى تەرۈز  قىلغان، دەپ قارايمىز.
سوت ئۈستىدە تور رىياسەتچىسى  شۈفامىلىلىك ئۆزىنى ئاقلاپ، دەۋاگەرنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ماركىسى چاپلانغان ساختا تاۋار ساتمىغانلىقى،ساتقان ماللىرىدا سۈپەت مەسلىسى كۆرۈلۈشىدىكى سەۋەب، يې فامىلىلىكنىڭ خىزمەتخانىسى مال سالغاندا ھەر قېتىملىق ماللارنىڭ سۈپىتى بىردەك بولماسلىقىدىن كىلىپ چىققان دىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا شۈ فامىلىلىك يەنە  ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى توختاتقاندىن كىيىن ، ئۆزلىرىنىڭ باشقا زاۋۇتلارغا 3908 دانە كىيىم زاكاس قىلغانلىقىنى، ھەربىرىنىڭ باھاسىنىڭ 33.5 يۈەنلىكىنى، لىكىن ھەرگىزمۇ دىلوغا مۇناسىۋەتلىك تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتمىگەنلىكىنى ئېيىتقان. بۇ دىلوغا چېتىشلىق مەھسۇلاتتا نىمە ئۈچۈن دەۋاگەرنىڭ تاۋار ماركىسى ئىشلىتىلگەنلىكىگە ئېنىق جاۋاپ بەرمىگەن.
 ئاق رەڭلىك مايكىغا زاكاس چۈشكەندە  مايكىنىڭ يېڭىدە ئاق رەڭلىك ماركا چاپلاغلىقمىكەن؟
بۇنىڭغا راس گەپ قىلساق ، ئەينى ۋاقىتتا زاكاس چۈشۈرگىچىمۇ ئېنىق بىرنىمە دىيەلمەيدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، كىيىمنىڭ يېڭىگە ئاق رەڭلىك ماركىنىڭ چاپلىنىشىنىڭ نىمە رولى بار؟ ئاپئاق كىچىك سىزىقچىنىڭ؟
بۇنى مەن بىلىمەن، لىكىن بۇنى بىزمۇ راستىنلا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمىز.
 
سوت مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ چىققاندىن كىيىن، دەۋاگەر تەمىنلىگەن ھەقىقى ئاق رەڭلىق مايكا بىلەن جاۋاپكارنىڭ دېلوغا چېتىشلىق تور دۇكىنىنىڭ بىۋاستە تارقىتىشتا كۆرسەتكەن مايكا ئوخشاش، شۇنداقلا ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن، جاۋاپكارنىڭ دېلوغا چېتىشلىق توردۇكىنىدىكى ئىستىمالچى تاپشۇرۇپ ئالغان مايكا يەڭگە بېسىلغان ماركىنىڭ تىكىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە بىرقەدەر چوڭ پەرقى بار، ئېنىقكى ئوخشىمىغان ئىككى خىل نۇسقا دەپ قارىغان.
سوت مەھكىمىسى يەنە دەۋاگەر شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 22- ، 23- كۈنلىرى جاۋاپكارغا مال سالغان بولۇپ، بۇنداق قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىككى خىل نۇسقىدىكى كىيىمنى تەمىنلىيەلىشىنىڭ ئىھتىماللىقى بىرقەدەر تۆۋەن ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس،دەپ قارىغان.
 جاۋاپكار سوتقا ئۆزلىرىنىڭ باشقا زاۋۇتقا زاكاس قىلىپ تىكتۈرگەن مايكىغا ھوقۇققا دەخلى قىلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلەتمىگەنلىكى توغرىلىق ئىسپات تەمىنلىمىگەن، ئەڭ ئاخىرىدا جاۋاپكارنى دەۋاگەرنىڭ تاۋار ماركىسىنى مەخسۇس ئىشلىتىش ھوقۇقىغا دەخلى قىلغان دەپ قارىغان.
داڭلىق تور رىياسەتچىسىنىڭ بىرقەدەر چوڭ ئىجتىمائىي تەسىر كۈچى بار، ئۇ بەلكىم ھەقىقي نۇسقىدىكى كىيىمنى كىيىپ، ئوخشىتىپ ياسالغان كىيىمنى سېتىشى مۈمكىن. ئۇ بەلكىم ئالدى بىلەن بىر تۈركۈم ھەقىقى نۇسقىدىكى مالنى كىرگۈزىدۇ، مەسىلەن، ئاۋال بىر تۈركۈم جىڭ مالنى سېتىپ، سېتىلشى مىقدارى ۋە ئىستىمالچىلارنىڭ باھاسى ياخشىلانغاندىن كىيىن ، ئارقىدىنلا ئوخشىتىپ ياسالغان ساختا مالنى سېتىشى مۈمكىن. بۇ راستىنلا بىرقەدەر ئېغىر ئەھۋال.
جاۋاپكارنىڭ 13 مىلىيۇندىن ئارتۇق مەستانىسى بار  بولغان داڭلىق تور رىياسەتچىسى ئىكەنلىكىنى ، تور سودا سۇپىلىرىدا بەكرەك كۆزگە چېلىقىدىغانلىقىنى ، تور دۇكىنىدا ئەرىز قىلىنغان  تاۋارغا دېلوغا چېتىشلىق تاۋار ماركىسى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، سوت مەھكىسىمىسى ئۇنىڭ  سوبىيېكتىپ جەھەتتىكى يامان غەرىزى  كۆرۈنەرلىك دەپ قارىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملانغان زاكاسلىرىنىڭ سوممىسىغا ئاساسەن، جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاۋار ماركىسى قانۇنى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك قانۇن ماددىلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، تور رىياسەتچىسى شۈ فامىلىلىكنى ھوقۇققا دەخلى قىلىشنى دەرھال توختۇتۇشقا، شۇنداقلا دەۋاگەرنىڭ ئىقتىسادى زىيىنى ۋە باشقا چىقىملىرى ئۈچۈن  85 مىڭ يۈەن تۆلەم بېرىشكە بۇيرىغان.
 
سوتچىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، تور رىياسەتچىلىرىنىڭ جىڭ كىيىمنى كىيىۋېلىپ، ساختا كىيىم سېتىش ئەھۋالى ئاز ئەمەس بولۇپ،  ئۇنىڭ دەخلى تەرۈز قىلغىنى قارشى تەرەپنىڭ ماركا ھوقۇقى، ماركا ئىگىسى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ دەۋاسى قىلسا بولىدۇ، ئەگەر ھوقۇققا دەخلى قىلىش ئەھۋالى ئېغىر بولسا جىنايى جاۋاپكارلىققا چېتىلىشى مۈمكىن.  يەنە بىر داڭلىق ئايال تور رىياسەتچىسى ساختا مال ياساپ ساتقانلىقى ئۈچۈن سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتلىك 3 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ،3 يىل 9 ئاي كېچىكتۈرۈپ جازالاشقا ھۆكۈم قىلىنغان.
ۋاڭ فامىلىلىك  3 مىلىيۇندىن ئارتۇق مەستانىسى بار داڭلىق تور رىياسەتچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىۋاستە تارقىتىشىدا ئادەتتە كىيىم-كېچەكلەر سېتىلاتتى.بىر قېتىم ئۇ بىۋاستە تارقىتىشتا كىيىم سېتىۋېتىپ، كىيىمگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆزى سېتىۋالغان باھاسى 110 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق بولغان مەلۇم خەلقئارا داڭلىق ماركىلىق زەنجىرنى تاقىۋالغان بولۇپ، بىۋاستە تارقىتىشقا مەستانىلەر ئۇ تاقىۋالغان زەنجىرنىڭ بەك چىرايلىق ئىكەنلىكى، ئۇنى قانداق سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغان.
ئۇنىڭ زەنجىرىنى ئۇ ئۆزى سېتىۋالغان، مەستانىلەر ئۇنىڭ زەنجىرىنىڭ كىيىمگە تولىمۇ ماسلاشقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن بۇ زەنجىرگە يوقۇرى دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان زەنجىرنى سېتىۋالغىلى بولامدۇ يوق دەپ سورىغان. دەسلەپ ئۇ بۇنداق تەقلىد قىلىنغان زەنجىر يوق دەپ رەت قىلغان.
بىۋاستە تارقىتىشتا زەنجىرنى سورىغانلار بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا ، بۇ بىۋاستە تارقىتىشكى شۈ فامىلىلىك يەنە بىر مەستانىنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇ ۋاڭ فامىلىلىك تور رىياسەتچىسى بىلەن ئايرىم ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇ زەنجىرگە يوقۇرى دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان ساختا زەنجىرنى ياساش يولىنى دەپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ۋاڭ فامىلىلىك قوشۇلغاندىن كىيىن، شۈ فامىلىلىك ئىلگىرى - كىيىن بولۇپ چى فامىلىلىك ۋە روڭ فامىلىلىكلەر بىلەن ئالاقىلاشقان. ئەڭ ئاخىرىدا يەنە بىر لوڭ فامىلىلىك ئۈنچە مەرۋايىتقا ئىش قوشىدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، تور رىياسەتچىسى ۋاڭ فامىلىلىك تەمىنلىگەن جىڭ نۇسقىدىكى زەنجىرگە بىرمۇبىر  تەقلىد قىلىپ ياسىغان، بۇ جەرياندا ۋاڭ فامىلىلىك يەنە تەقلىد قىلىنغان زەنجىرنىڭ سىناق نۇسقىسىغا نىسبەتەن كونكرت ئۆزگەرتىش تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.










بۇ زەنجىر جىڭ ئالتۇن- كۈمۈشتىن ياسالغان،ئۈستىدىكى ئالماسمۇ جىڭ ئالماس.ئەمما ماركىسى ساختا. مانا مۇنداق كىنىشكا، ئورالما قاپ، ئورالما خالتا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تولۇق.
تور رىياسەتچىسى ۋاڭ فامىلىلىك يەنە ئۆزىنىڭ ياردەمچىسى يۆيۆ گە تاپىلاپ، مەستانىلەرگە بۇ زەنجىرنىڭ جىڭ ئەمەسلىكىنى، بىرمۇبىر تەقلىد قىلىنغانلىقىنى، ماتىرىيالى بولسا 22 كاراتلىق جىڭ ئالتۇن ۋە جىڭ ئالماس ئىكەنلىكىنى، ئۆزى تاقىغان جىڭ زەنجىر بىلەن ئوخشاشلىقىنى،باھاسىنىڭ 16500 يۈەن ئىكەنلىكىنى ، جىڭ زەنجىرنىڭ باھاسىنىڭ 110 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى، سېتىۋالغاندىن كىيىن پۇل قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ۋە ئالماشتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكۈزگەن.
2023-يىلى 1- ئايدا كىرگۈزۈش باھاسى 14500 يۈەن، سېتىش باھاسى 16500 يۈەنلىك تەقلىد قىلىنغان زەنجىر  ۋاڭ فامىلىلىكنىڭ بىۋاستە كۆرسىتىشىدە سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، قىسقىغىنە بىرەر ئاي ۋاقىت ئىچىدە ۋاڭ فامىلىلىك يولدىشى بىلەن بىرلىكتە شۈ فامىلىلىك ۋە چى فامىلىلىكتىن زاكاس قىلىش شەكلىدە مەلۇم داڭلىق ماركىغا تەقلىد قىلىنغان زەنجىردىن 41 دانە ساتقان بولۇپ، سېتىش سوممىسى 675000 يۈەنگە يىتىپ ۋاڭ فامىلىلىك ۋە ئۇنىڭ يولدىشى بۇنىڭدىن 80 مىڭ يۈەن پايدىغا ئېرىشكەن.
 بۇ دىلونىڭ يۈز بىرىش جەريانى بەكلا قىزىقارلىق، مەلۇم بىر مەستانە بۇ زەنجىرنىڭ تەقلىد قىلىنغىنىنى سېتىۋالماقچى بولغان، ئەسلىدە ئۇ ئۆزىنىڭ خىزمەتداشلىرىغا ھەقىقى زەنجىرنى سېتىۋالدىم دەپ كۆز-كۆز قىلماقچى بولغان، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە بىر خىزمەتدىشىنىڭ دەل مۇشۇ بىۋاستە كۆرسىتىشتە بۇ زەنجىرنى سېتىۋالغىنىنى بايقىغاندىنكىيىن ئۆزىنىڭ كۆز-كۆز قىلالمايدىغانلىقىنى ، مالنى قايتۇرۇشقىمۇ بولمايدىغانلىقىنى بايقاپ ئىچى ئاچچىق بولغان،  شۇنىڭ بىلەن ساقچىغا بۇ دىلونى مەلۇم قىلغان.
خاڭجۇ شەھىرى شىياۋشەن رايۇنلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى دىلونى تەكشۈرگەندىن كىيىن، جاۋاپكار ۋاڭ فامىلىلىك قاتارلىق بەش كىشى ماركا ئىگىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، ئوخشاش خاراكتىردىكى تاۋارغا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ماركىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر، ئۇلارنىڭ قىلمىشى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ساختا ياساش جىنايىتى شەكىللەندۈرىدۇ. دەپ قاراپ، تور رىياسەتسىچى ۋاڭ فامىلىلىك ۋە ئۇنىڭ يولدىشى گۈەن فامىلىلىككە ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ، ئۈچ يىل 9 ئاي كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشقا ، شۇنداقلا ھەر ئىككەيلەنگە 80 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇشقا ھۆكۈم قىلغان. باشقا ئۈچ نەپەر جاۋاپكارغا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىپ ئۈچ يىل ئۈچ ئايدىن ئۈچ يىل ئالتە ئايغىچە كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش ۋە 30 مىڭ يۈەندىن 60 مىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇش ھۆكۈم قىلىنغان.
داڭلىق ماركىدىكى زەنجىر ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپمۇ جىنايى ئىشلار  ، قۇشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋا تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، سوت مەھكىمىسىنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا تور رىياسەتچىسى ۋاڭ فامىلىلىك ئەر- ئايال داڭلىق ماركىدىكى زەنجىر ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپنىڭ بارلىق ئىقتىسادى زىيىنى ئۈچۈن 320 مىڭ يۈەن تۆلەشكە بۇيرۇلغان.
ئۇنداقتا تور رىياسەتچىلىرى بىۋاستە كۆرسىتىشتە ساختا مال سېتىپ، قانداق ئەھۋالدا جىنايەت شەكىللىنىپ، جىنايى جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؟ئەگەر يوقۇرى دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان تاۋارنى ساتقان بولسا قانداق جىنايەتكە چېتىلىدۇ؟
سوتچى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تور سودا سۇپىسىدىكى  تور رىياسەتچىسى بىۋاستە كۆرسىتىشتە يوقۇرى دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان ماللارنى سېتىش ئەھۋالى ئاز ئەمەس، بۇ خىل قىلمىش ئىككى خىل جىنايەتكە چېتىلىشى مۈمكىن، بىرسى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ساختا ياساش جىنايىتى، يەنە بىرى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ساختا ياسىۋالغان تاۋارنى سېتىش جىنايىتى.
سوتچى ئەسكەرتىپ مۇنداق دىدى: سېتىش سۇممىسى 50 مىڭ يۈەنگە يەتسە جىنايى قىلمىش شەكىللىنىشى مۈمكىن.
سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن ئاشسا رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ساختا ياسىۋالغان تاۋارنى سېتىش جىنايىتى شەكىللىنىپ، ئۈچ يىلدىن تۆۋەن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى، تۇتۇپ تۇرۇلۇشى ياكى جەرىمانە قويۇلىشى مۈمكىن. ئەگەر سېتىش سوممىسى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، 250 مىڭ يۈەندىن ئاشسا ئۈچ يىلدىن يوقۇرى، ئون يىلدىن تۆۋەن   قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى ۋە  جەرىمانە قويۇلىشى مۈمكىن.
سوتچى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىۋاستە تارقىتىشتا ساختا مال ياساپ سېتىپ، باشقىلارنىڭ ماركا ھوقۇقىغا دەخلى قىلىنغان قىلمىش پاش قىلىنىپ راستلىقى ئېنىقلانسىلا ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇچرايدىغىنى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ يوقۇرى سوممىلىق مەمۇرى جازاسى.
جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ  60-ماددىسىدا : سودا سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىر تەرەپ قىلغاندا ، ھوقۇقا دەخلى قىلىش قىلمىشى شەكىللەنگەن بولسا، ھوقۇققا دەخلى قىلىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرىسا، ھوقۇققا دەخل قىلغان تاۋار ۋە بۇ خىل تاۋارنى ۋە ساختا تاۋار ماركىسىنى ياساش ئەسۋابلىرىنى مۇسادىرە قىلىسا ياكى كۆيدۈرسە، قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى 50 مىڭدىن ئاشقان بولسا تىجارەت سوممىسىنىڭ 5 ھەسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا، قانۇنسىز تىجارەت سوممىسى يوق ياكى 50 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەن بولسا 250 مىڭ يۈەندىن يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. بەش يىل ئىچىدە ئىككى قېتىمدىن ئارتۇق ماركا ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشى سادىر قىلغان بولسا ياكى باشقا ئېغىر ئەھۋاللار بولسا ئېغىرلىتىپ جازا بېرىش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.
دەۋا قىلغۇچى سوتقا ئەرز قىلغاندىن كىيىن، ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولسا دۆلىتىمىز تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 63- ماددىسى ۋە يوقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ جازالاش خاراكتىرلىك تۆلەم بېرىش توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشلىرىگە ئاساسەن، تور رىياسەتچىسى ۋە سودىگەر  تاۋار ماركىسى ئىگىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادى زىيىنىنىڭ بىر ھەسسىدىن يوقۇرى 5 ھەسسىدىن تۆۋەن جازا خاراكتىرلىك تۆلەم بېرىشكە دۈچ كېلىدۇ. تۆلەم بېرىش سوممىسى يەنە تاۋار ماركا ئىگىسى ھوقۇققا چېقىلىش قىلمىشىنى توسۇش ئۈچۈن چىقىم قىلغان مۇۋاپىق چىقىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىستىمالچىلار ئەگەر بىۋاستە تارقىتىشتا ساختا مال سېتىۋالغان بولسا ئۆز ھوقۇقىنى قانداق قوغدىشى كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تور رىياسەتچىلىرى ۋە سودىگەرلەر قانداق بەدەللەرنى تۆلەيدۇ؟ئىستىمالچىلار بىرگە ئۈچنى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟ تۆۋەندە بىز بىرلىكتە بىۋاستە كۆرسىتىشتە ساختا زۈمرەت سېتىش دىلوسىنى كۆرۈپ چىقايلى.
2023-يىلى 9 - ئايدا، خاڭجۇلۇق شېن فامىلىىك ئايال تېلېفون كۆرىۋېتىپ، مەلۇم بىر تور سودا سۇپىسىدا باش مەنبەدىن زۈمرەتلەر ئاقماقتا دىگەن بىۋاستە تارقىتىشقا كىرىپ قالغان. ساتقۇچى ئۆزىنىڭ زاۋۇتى بارلىقىنى، ساختا مال ساتمايدىغانلىقىنى، ھەممىسى گۋاتېمالادىن چىققان تەبىئىي زۈمرەت ئىكەنلىكىنى ۋە كىنىشكىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيىتقان.گۋاتېمالانىڭ زۈمرەتلىرى ئانچە  قىممەت بولمىغاچقا ، شېن فامىلىلىك ئايال بىۋاستە تارقىتىشتا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ 14389 يۈەنگە 24 دانە زۈمرەتتىن ياسالغان زىننەت بويۇمى سېتىۋالغان. مالنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كىيىن، شېن فامىلىلىك ئايال مالنىڭ رەڭگىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىپ، ئاشۇ تور سودا سۇپىسىنىڭ ئورگان تەرەپ ئاممىۋى باھالاپ بىكىتكۈچىسىگە باھالاتقۇزغان.
دەۋاگەر زۈمرەتنىڭ رەڭگىنىڭ تازا نۇرمال ئەمەسلىكىنى بايقاپ، تەكشۈرتكۈزگەن، تەكشۈرۈش نەتىجىسى بولسا رەڭ بېرىلگەن كۋارتس تاش قاشتېشى ياكى بىرتەرەپ قىلىنغان زۈمرەت بولۇپ چىققان.
تور رىياسەتچىسى بىۋاستە كۆرسىتىشتە تونۇشتۇرغان تەبىئىي زۈمرەت  دەل رەڭ بېرىلگەن  كۋارتس تاش قاشتېشى بولۇپ، شېن فامىلىلىك ئايال بۇنىڭدىن ئىنتايىن غەزەپلەنگەن ۋە بىرقىسىم ماللارنى نوپۇزلۇق باھالاش ئورۇنلىرىغا باھالاتقان. باھالاش نەتىجىسىمۇ ئوخشاشلا رەڭ بېرىلگەن كۋارتس تاش قاشتېشى ياكى بىرتەرەپ قىلىنغان زۈمرەت بويۇمى بولۇپ چىققان.
تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تور سودىگەر تەرەپ تەمىنلىگەن ئۈنچە- مارجانلارنى باھالاش كىنىشكىسىنىڭ ھەممىسى ساختا بولۇپ، كىرىشتۈرىۋالغان رەسىم ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.  
شېن فامىلىلىك ئايال تور سودىگىرىدىن مالنى ياندۇرۇپ پۇلنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان، لىكىن تور سودىگىرى بۇنى رەت قىلغان. تور سودا سۇپىسىغا ئەرىز قىلغاندىن كىيىن، تور سودا سۇپىسى تور سودىگىرىنىڭ 30 كۈن ئىچىدە مالنى ياندۇرۇپ پۇلنى قايتۇرۇشىنى بۇيرىغان. ئەمما تور سودىگىرى ئىزچىل كەينىگە سۆرىگەن.ئەڭ ئاخىرىدا 7 دانا مالنى ياندۇرۇپ 2929 يۈەننى قايتۇرغاندىن كىيىن، قالغان 17 دانە مالنىڭ پۇلىنى 11460 يۈەننى ئىزچىل قايتۇرمىغان.
مەن ئۇلارنىڭ پوزىتسىيەسىنىڭ بۇنداق ناچارلىقىنى كۆرۈپ، تېلېفون قىلساممۇ تېلېفوننى ئالمىدى. ئۇچۇرغىمۇ جاۋاپ قايتۇرمىدى. شۇڭا سوتنىڭ ماڭا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
شېن فامىلىلىك ئايال خاڭجۇ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىپ، جاۋاپكار تور سودىگىرى ، يەنى تور رىياسەتچىسى يەن فامىلىلىكنىڭ 11460 يۈەن مال پۇلىنى قايتۇرۇشىنى، شۇنداقلا مال باھاسىنىڭ 3 ھەسسى بويىچە تۆلەم بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. سوتتا تور سودىگىرى ئۆزىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلاپ ئۆزىنىڭ ساتقىنىنىڭ سۈنئىي زۈمرەت ئىكەنلىكى، كىنىشكىنىڭمۇ ئىستىمالچىلارنىڭ سوۋغا قىلىشىغا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
سوت مەھكىمىسى دىلونى تەكشۈرگەندىن كىيىن مۇنداق دەپ قارىغان: دەۋاگەر  توردا دىلوغا چېتىشلىق مالنى سېتىۋېلىپ جاۋاپكار بىلەن ئۇچۇر تورىدىكى ئېلىم-سېتىم توختىمى ماجراسى شەكىللەنگەن، دەۋاگەر دىلوغا چېتىشلىق مالدىن 8 دانىنى نوپۇزلۇق باھالاش ئورۇنلىرىدا باھالاتقان، باھالاش نەتىجىسى رەڭ بېرىلگەن كۋارتس تاش قاشتېشى ياكى بىرتەرەپ قىلىنغان زۈمرەت بولۇپ چىققان. جاۋاپكار سودا جەريانىدا تەمىنلىگەن باھالاش كىنىشكىسىنى باھالاش ئورۇنلىرىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدە تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمايدۇ، جاۋاپكار بۇنىڭدىن باشقا دىلوغا چېتىشلىق مالنىڭ ساپ تەبىئىيى زۈمرەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر دەلىل-ئىسپات تەمىنلىمىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. شۇڭا مەھكىمىمىز دېلوغا چېتىشلىق باشقا ماللارنىمۇ تەبىئىي زۈمرەت ئەمەس دەپ قاراپ، جاۋاپكارنىڭ قىلمىشىدىن ئالدامچىلىق شەكىللىنىدۇ،دەپ بىكىتىدۇ.
دۆلىتىمىزنىڭ ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنىنىڭ 55- ماددىسىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تىجارەتچى تاۋار ياكى مۇلازىمەت تەمىنلىگەندە ئالدامچىلىق قىلغان بولسا، ئىستېمالچىنىڭ تەلىپى بويىچە تارتقان زىياننى  كۆپەيتىپ تۆلەپ بېرىشى، كۆپەيتىپ تۆلەم بېرىش سوممىسى ئىستىمالچى سېتىۋالغان مال باھاسى ياكى قۇبۇل قىلغان مۇلازىمەت چىقىمىنىڭ ئۈچ ھەسسىچىلىك بولۇشى كېرەك. كۆپەيتىپ تۆلەم بېرىش سوممىسى 500 يۈەنگە يەمىسە 500 يۈەن تۆلەم بېرىشى كېرەك .
ئەڭ ئاخرىدا سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە دەۋاگەرنىڭ بىرگە ئۈچنى تۆلەش تەلىپىگە ئاساسەن، جاۋاپكار يەن فامىلىلىكنى دەۋاگەر شېن فامىلىلىك ئايالغا مال پۇلى 11460 يۈەننى قايتۇرۇشقا، يەنە 34380 يۈەن تۆلەپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلغان.
 تور رىياسەتچىسى توردا بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېتىشتىكى يادرولۇق ئامىل، ئۇنىڭ مەنپەئەتى بىۋاستە كۆرسىتىشتىكى مالنىڭ سېتىلىش سانى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تور رىياسەتچىلىرى بىۋاستە كۆرسىتىشتە  مال سېتىشقا شۇنچە كۈچەپ، ساتقىنى تەشۋىق قىلغىنى بىلەن ئوخشىمايدىغان ياكى ساختا، ناچار مال بولۇپ چىقسا، ئۇنداقتا تور رىياسەتچىسىنىڭ قانۇنى مەسئۇلىيىتىنى قانداق بىكىتىش كېرەك؟
سوتچى تونۇشتۇرپ مۇنداق دېدى:تور سودا رىياسەتچىسى بىرنەچچە خىلغا بۆلۈنىدۇ.بىرسى ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خاراكتىرىدىكى رىياسەتچى، يەنى، رىياسەتچىنىڭ ئۆزى تور سودىگىرى ياكى تور سودىگىرىنىڭ خىزمەتچىسى. بۇنداق ئەھۋالدا تور رىياسەتچىسى ساتقان مالدىن مەسىلە چىقسا، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدىغىنى تور سودىگىرى. ئىككىنچى خىلى بولسا، ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچى رىياسەتچى، بۇنداق تور رىياسەتچىسى ئەسلىدىنلا بىرقەدەر يوقۇرى تونۇلۇشچانلىققا ، زور ساندىكى مەستانىلەرگە ئىگە بولۇپ، تور سودىگىرىمۇ دەل بۇ رىياسەتچىنىڭ مەستانە سانى ۋە ئېقىم مىقدارىنى كۆزلەپ، ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى تەشۋىق قىلىپ ساتماقچى بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ،ئەگەر تور رىياسەتچىسى ساختا مال سېتىپ چاتاق چىقسا، ئۇ بەلكىم دۆلىتىمىز ئېلان قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرى بويىچە قانۇنىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى مۈمكىن.
مۇبالىغىلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىسا، ساختا تەشۋىق قىلسا  ، ساتقان مال ئەسلىلا بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە بولمىغان .ەھۋالدا بۇنى مۇبالىغىلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلغان بولسا، ئۇنداقتا ئېلان قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە قانۇنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ ھەق تەلەپ دەۋا مەسئۇلىيتى بولۇپ، چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئىستىمالچى تىجارەتچى ياكى ساتقۇچىدىن سېتىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئەگەر باشقىلارنىڭ ساغلاملىقى، ھاياتى بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن بولسا ، قەستەن كۆپتۈرگەن بولسا جىنايى جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى مۈمكىن.
سوتچى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: نەچچە مىلىيۇندىن نەچچە ئون مىلىيۇنغىچە مەستانىسى بار داڭلىق تور رىياسەتچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ۋاكالىتەن مال ساتقاندا يۈكسەك دەرىجىدە ئىھتىيات قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. مۇناسىۋەتلىك كوللىكتىپ مال تاللىغاندا سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاكالەتچىلىك ھەققى ۋە سېتىش سوممىسى ئۈلۈشى ئۈچۈن بىۋاستە كۆرسىتىشتە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلماسلىقى كېرەك. ئېلىم-سېتىم قىلغۇچىلارنى ئۇچراشتۇرىدىغان تور سودا سۇپىسى  بىۋاستە كۆرسىتىپ مال ساتىدىغان سودىگەرلەرنى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مۇناسىپ نازارەت قىلىش  بۇرچىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
تور سودا سۇپىسى تىجارەتچى ساتقان تاۋارغا نىسبەتەن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بەلگىلىك تىجارەت سالاھىيىتى ياكى مەلۇم سالاھىيەت ئۆلچىمىگە يېتىش تەلەپ قىلىنغان بولسا ، ياكى مۇناسىۋەتلىك تىجارەت كىنىشكىسى بولۇشقا تىگىشلىك بولسا، تور سودا سۇپىسى دەسلەپ ئورۇنلىشىش مەزگىلىدە قاتتىق تەكشۈرۈشى كېرەك. تەمىنلىيەلمىسە ياكى دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە يەتمىسە،ئەڭ ئاخىرىدا مەسىلە كۆرۈلگە ئەھۋالدا،  يەنى قاتتىق تەكشۈرمىگەن ئەھۋالدا، تور سودا سۇپىسىمۇ چاتما مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
داڭلىق تور رىياسەتچىسى  ئىقتىسادى بىر خىل يېڭى كەسىپ ھالىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن داڭلىق تور رىياسەتچىلىرى ئۆزىنىڭ غايەت زور مەستانىلىرى توپىغا تايىنىپ نىشانلىق تىجارەت قىلىپ، شۇ ئارقىلىق مەستانىلىرىنى سېتىۋېلىش كۈچىگە ئايلاندۇرىدۇ، لېكىن مەلۇم داڭلىق تور رىياسەتچىسىنى ياخشى كۆرۈش بىلەن ئۇ تەۋسىيە قىلغان تاۋارنى سېتىۋېلىش قانداقلا بولمىسۇن ئىككى ئۇقۇم.
 سوتچى ئىستېمالچىلارنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: مال سېتىۋېلىشتا ئەقىلنى ئىشلىتىش،  داڭلىق تور رىياسەتچىسىنىڭ « تۇققانلىرىم» دىگەندەك چاقىرىقلىرىغا ئۆزىنى يوقۇتۇپ قويماسلىقى كېرەك.
ئەڭ مۇھىم بىر نۇقتا يەنىلا ئەقلىنى ئىشلىتىپ مال سېتىۋېلىش، نىمە ئۈچۈن بۇنداق دەيمىز دىگەندە، كۆپ ساندىكى ئىستىمالچىلارنىڭ مەلۇم چولپان ياكى داڭلىق تور رىياسەتچىسىگە بولغان چوقۇنۇشى ۋە ياخشى كۆرۈشى تەرەققى قىلىپ ئۇلار ساتقان تاۋارغا شەكسىز ئىشىنىشكە ئايلىنىپ، ئۇلارنىڭ مېلىنى سېتىۋېلىپ، قارىغۇلارچە ياكى ھاياجانلىنىپ مال سېتىۋېلىشنى كەلتۈرۈوپ چىقىرىدۇ.ئاخىرىدا بىرقىسىم مەسىلىلەر پەيدا بولىدۇ. ھەرگىزمۇ چولپانغا بولغان چوقۇنۇش سەۋەبىدىن ئۇ ئوبراز ۋەكىلى بولغان تاۋارنى سېتىۋالماسلىقى كېرەك.
ئېقىم مىقدارىغىلا تايىنىۋېلىپ، كەسپىي روھ كەمچىللىكتىن  مال سېتىشتا مەسىلە كۆرۈلۈش ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. نۇرغۇن مەستانىلىرى بار تور رىياسەتچىسى بولۇش سۈپىتى  بىلەن، مەستانىلىرىنىڭ قوللىشى ۋە ئىشەنچىسىدىن بەھرىمەن بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇناسىپ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. مال سېتىشتا ئالدى بىلەن سەمىمىي بولۇشى، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تىجارەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىچكى ماھارەتنى سېلىشتۇرۇش توغرا يولدۇر. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىۋاستە كۆرسىتىش كەسپىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر بىر ھالقىنىڭ قانۇن ـ نىزاملارنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېخىمۇ قاتتىق جازالاش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىشتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈپ باھالاشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تور رىياسەتچىسىنىڭ ھەرىكىتىنى مەنبەدىن ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش ۋە چەكلەش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بىۋاستە مال سېتىش كەسپى ساغلام تەرەققىي قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.

 

ھەمبەھىرلەش