ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ماركىنى ئۆتۈنۈپ بەرگەندىن كىيىن قايتۇرىۋېلىشقا بولامدۇ؟
تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش بولسا تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە قارار قىلىپ، دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسىنىڭ تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدۇ. ئەمما،بەزىدە ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرمەسلىكنى قارار قىلىپ ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، قايتۇرۇۋېلىشقا بولامدۇ؟
بۇنىڭدا تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا قاراش كېرەك.
1- تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى ساقلاش باسقۇچى
تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسى قاراپ چىقىلىدىغان ھالەتتە تۇرغاندا، ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، لېكىن تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى بىرلىكتە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك. شۇڭا تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قايتۇرۇۋېلىشتا ئوخشاشلا ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى بىرلىكتە قايتۇرۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. پەقەت بىر تەرەپ ئىلتىماس قىلغان قايتۇرۇۋېلىش قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەگەر تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قايتۇرۇۋېلىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلمايدۇ، بۇ ۋاقىتنى كونترول قىلىش تەس، چۈنكى تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەستىقلاش ئىسپاتى تارقىتىلىشتىن بۇرۇن بىز تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تەرتىپىنىڭ قايسى باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى، تەكشۈرۈپ بولغان - بولمىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز، شۇڭا پەقەت سىناپ قايتۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ، قايتۇرۇۋېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تولۇق جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ.
يەنە بىر ئەھۋال، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەسپىنى بىجىرىشكە ھاۋالە قىلغان ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورۇنلىرىغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەسپىنىڭ ئورگان تەرەپ ھەققىنى تاپشۇرماي مەلۇم ۋاقىت ساقلىغاندىن كىيىن، دۆلەت ماركا ئىدارىسى تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كەسپىنىڭ رەت قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى ئەۋەتىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلنىمۇ سىناپ بېقىشقا بولىدۇ.
2- تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاش باسقۇچى
ئەگەر تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تەرتىپى تەكشۈرۈلۈپ بولغان ھەمدە تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەستىقلاش ئىسپاتى تارقىتىلغان بولسا، بۇ ۋاقىتتا تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئەگەر تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى ياكى قوبۇل قىلغۇچى يەنىلا تاۋار ماركىسىنى ئەسلىدىكى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ ئىلكىدە تۇتماقچى بولسا، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈش ئىلتىماسىنى قايتىدىن بېجىرىپ، يېڭى تاۋار ماركىسى ئىگىسى بىلەن ئەسلىدىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئاندىن ئەسلىدىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامىغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.
روشەنكى، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىلتىماسىدىن كېيىن قايتۇرۇۋېلىشقا بولامدۇ ـ يوق، ئاساسلىقى قايتۇرۇۋېلىش ۋاقتىنى ئىگىلەش كېرەك؛ نۆۋەتتە تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەكشۈرۈش مۇددىتى تەخمىنەن 2-3 ئاي ئەتراپىدا بولۇپ، قايتۇرۇۋېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا؛ شۇڭا، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن بۇرۇن چوقۇم ياخشى ئويلىشىپ، زۆرۈر بولمىغان ئاۋارىچىلىقلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش