ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
رويخەتكە ئېلىنغان ماركا بەلگىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟
تاۋار ماركىسى كارخانىنىڭ مۇھىم مۈلكىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كارخانا مەھسۇلاتىنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماي، كارخانىنىڭ بازار رىقابىتىدە پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ۋاستە. ئەمما كۈندىلىك تۇرمۇشتا، نۇرغۇن تاۋار ماركىسى ھوقۇقدارلىرى تاۋار ماركىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن، يەنە يېڭى ئوي ـ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاۋار ماركىسىنى تېخىمۇ چىرايلىق لايىھەلىمەكچى بولىدۇ،شۇڭا ئىشلىتىش جەريانىدا تاۋار ماركىسىنىڭ خەت شەكلى ۋە رەڭگىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىدۇ.لېكىن ئۇلار ئويلاپ باققانمىدۇ، رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنكى تاۋار ماركىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە بولامدۇ؟
بىز بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىپ باقايلى.
ئالدى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ «تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 42-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن:رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ بەلگىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە،ئۆزگەرتىلگەن بەلگىنى قايتىدىن رويخەتكە ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن قالسا، تاۋار ماركىسى قانۇنىنىڭ 49ـ ماددىسىدا يەنە مۇنداق بەلگىلەنگەن:تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى، رويخەتكە ئالدۇرغۇچىنىڭ نامى، ئادرېسى ياكى باشقا مەزمۇنلارنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتسە، يەرلىك سودا ـ سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنىڭ رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى بىكار قىلىدۇ. يۇقىرىقى ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەردىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىنكى تاۋار ماركىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
قايسى ئەھۋاللار تاۋار ماركىسىنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتكەنلىك بولىدۇ؟
1.يېزىق تاۋار ماركىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش:تاۋار ماركىسىنىڭ خەت شەكلىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش ياكى خەت شەكلىنى بۇرمىلاپ بىر خىل يېڭى ئۈنۈمگە يەتكۈزۈش. 2.تاۋار ماركىسىدىكى خەت نۇسخا سانى، يان بۆلەك ياكى ئوقۇلۇشى ئوخشاش بولغان خەتلەرنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ھەمدە ئىشلىتىش جەريانىدا يەنە مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئالدۇرۇلغان ماركا بەلگىسىنى بېسىش.
3.بەلگە-شەكىللىك تاۋار ماركىسىنىڭ شەكلىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش:كېيىنكى ئىشلىتىش جەريانىدا شەكىلنىڭ ئىچىگە خالىغانچە نەقىش قوشۇش ياكى ئازايتىش، ياكى شەكىلنىڭ نىسبىتى، يۆنىلىشى، رەڭگى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش. ( نىسبەتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى كىچىكلىتىش ئەسلىدىكى 1:1 نىسبەت بويىچە كىچىكلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ).
4.بىرىكمە تاۋار ماركىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پارچىلاش:ئىشلىتىش جەريانىدا بىرىكمە تاۋار ماركىسىدىكى يېزىق بىلەن شەكىلنىڭ ئورنىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش ياكى بىرىكمە تاۋار ماركىسىدىكى يېزىق، ھەرپ ياكى شەكىلنى ئايرىم ئىشلىتىش. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئېلىنغان بىرىكمە تاۋار ماركىسىدىكى خالىغان يېزىق، ھەرپ ياكى شەكىلنى ئايرىپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن باشقا شەكىل ياكى يېزىق بىلەن يېڭى تاۋار ماركىسى قىلىپ بىرىكتۈرۈش ھەمدە رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىش تاۋار ماركىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىشكە كىرىدۇ.

دىققەت:يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن «تاۋار ماركىسىنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىش» رويخەتكە ئالدۇرغاندا ئاق ـ قارا ئارگىنالنى ئىشلىتىپ تاپشۇرغان يېزىق ياكى شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، چۈنكى ئاق ـ قارا شەكىلدە رويخەتكە ئالدۇرغان بولسا، كېيىنكى ئىشلىتىش جەريانىدا ماركا رەڭگىنى خالىغانچە ئۆزگەرتسە بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشنىڭ خەۋپ ـ خەتىرى
تاۋار ماركىسى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن. تاۋار ماركىسى قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرغۇچى بەھرىمەن بولىدىغان تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان تاۋار ماركىسى بەلگىسى ۋە ئىشلىتىش بېكىتىلگەن تاۋار دائىرىسى ئىچىدە ئىشلىتىلىدۇ، كارخانا تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ئۆزگەرتكەندە، قېلىپلاشمىغان ياكى ئەمەلىي ئىشلەتمىگەن تاۋار ماركىسىغا تەۋە بولىدۇ،بۇ ۋاقىتتا «تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىش» دەپ بېكىتىلىشى مۇمكىن.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىلگەن تاۋار ماركىسى باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسىغا ئوخشىشىپ كېتىپ، شەكىلسىز ھالدا باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەگەر ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلدى،دەپ بېكىتىلسە، تۆلەمگە دۇچ كېلىپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ ماركىسىغا بىھۇدە تەسىر كۆرسىتىپ، كارخانا ئوبرازىنىڭ بازار رىقابىتى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ قەلبىدىكى ئورنىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەگەر كارخانا تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، ئالدى بىلەن دۆلەت تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە يېڭى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى رەسمىي تاپشۇرسا بولىدۇ، پەقەت مۇشۇ تەرتىپتىن ئۆتكەندىلا، تاۋار ماركىسىنى خاتىرجەم ھالدا بازارغا سېلىپ، قانۇنلۇق، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن ئىشلىتەلەيدۇ ھەمدە قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ. لېكىن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن، چوقۇم ئالدى بىلەن تاۋار ماركىسىنى تۈرلەر بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلەپ، باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىپ، كېيىنكى كۈنلەردە بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
يۇقىرىقىلارنى يىغىنچاقلىغاندا، رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئۆزگەرتكەندە باشقىلارنىڭ تاۋار ماركىسى ھوقۇقىغا دەخلى - تەرۇز قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ ماركا ھوقۇقى بىكار قىلىنىش خەۋپ - خەتىرى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، كارخانا كېيىنكى مەزگىلدە تاۋار ماركىسىنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلىپ، ياخشى بازار رىقابىتى تەرتىپىنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە بىرلىكتە قوغدىشى كېرەك. قىسقىسى، تاۋار ماركىسى بەلگىسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

ھەمبەھىرلەش