تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا پۇل قايتۇرۇلامدۇ؟

بىرقىسىم ماركا ئىلتىماس قىلغۇچىلار ماركا ۋاكالەتچىلىرىنى تاللىغاندا، «ئىلتىماس رەت قىلىنسا پۇل قايتۇرۇش» كاپالىتى بارلارغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.
 تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا پۇل قايتۇرۇشقا بولامدۇ؟
جاۋاب شۇكى، پۇل قايتۇرۇلمايدۇ.
   ئالدى بىلەن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ خەتىرى بار( ئىلتىماسنىڭ رەت قىلىنىش خەتىرىنى دىمەكچى). تاۋار ماركىسى ئىدارىسى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بىر تاۋار ماركىسىنى   رويخەتكە ئېلىش-ئالماسلىقنى كۆپ نۇقتىدىن باھالايدۇ، بۇ تاۋار ماركىسىنىڭ روشەنلىكى، باشقىلارنىڭ بۇرۇن رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان - كەتمەيدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ. شۇڭا، رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنى تاپشۇرسىلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ.
ئىككىنچىدىن، ھېچكىم تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ %100 مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلالمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئوبيېكتىپ سەۋەبمۇ، سۇبيېكتىپ سەۋەبمۇ بار. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى پۇلنى قايتۇرمايدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش خىراجىتى ئاساسلىقى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھۆكۈمەت خىراجىتى ۋە ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمەت ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھۆكۈمەت خىراجىتىنى تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئالىدۇ، مەيلى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسۇن ياكى بولمىسۇن قايتۇرۇلمايدۇ. ۋاكالەتچىلىك ئورگىنىنىڭ مۇلازىمەت ھەققى، ئادەتتە بىر قاتار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن ئېلىنىدۇ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش، ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەييارلاش، ئىلتىماس تاپشۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ مۇلازىمەتلەر رويخەتكە ئالدۇرۇش جەريانىدا بارلىققا كەلگەن، شۇڭا پۇلنى قايتۇرۇش ناھايىتى تەس.
دىققەت:بەزى ناچار ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرى «رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىسا تولۇق سومما بويىچە پۇل قايتۇرۇش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىدۇ، بۇنىڭغا تۇزاق يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، تاۋار ماركىسىنى ئەپلەپ-سەپلەپ تەكشۈرۈپلا قارىسىغا ھۆكۈم چىقىرىپ، رەت قىلىنامدۇ يوق ئويلاشمايدۇ،  تۈرلۈك ناملار بىلەن ئارتۇقچە ھەق ئالىدۇ ياكى سىزنىڭ تاۋار ماركىڭىزنى رەت قىلىشنى قايتا تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىقلارنى كۆزلەيدۇ. شۇڭا تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشتا چوقۇم ئىشەنچىلىك، مۇنتىزىم ئاپپاراتلارنى تېپىپ، ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ۋە مۇلازىمىتىگە ياخشى قاراش كېرەك.

ئىشەنچىلىك ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنى قانداق تاپقىلى بولىدۇ؟
(1)ھەر بىر شەھەردىكى باش ئورۇن، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ئورۇن ياكى كونا ئورۇننى تېپىش كېرەك. بۇ تاۋار ماركىسى ماركىسىغا ئوخشاش، بۇ رەت تەرتىپى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بارلىق كىشىلەرنىڭ نامى، بەلگىلىك كەسپى، شۇنداقلا ئۆزى ئەمەل قىلىدىغان مىزانى بار، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئالدىنىپ قالماسلىقىڭىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ؛
 (2) باھانى سېلىشتۇرۇش. نۇرغۇن ئىلتىماس قىلغۇچىلار دەسلەپتىلا باھانى سورايدۇ، ھەتتا ماركا ۋاكالەتچىلىك شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشى ۋە كارخانىنىڭ سالاھىيىتىنىمۇ چۈشەنمەيدۇ، پەقەت تۆۋەن باھانىلا قوغلىشىدۇ، كېيىنكى مەزگىلدە ئاسانلا ئۆزى ئۈچۈن ئورەك كولايدۇ. تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھۆكۈمەت ھەققىدىن باشقا، ئادەتتە ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ باھاسى 600-1000 بولۇپ، ھەممىسى ھۆكۈمەت ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوخشاش ماركا بارمۇ يوق ئىزدەش، تەكشۈرۈش، تۈر تاللاش، ئىلتىماس قىلىش قاتارلىقلارغا سەرپ قىلغان ۋاقىت بىلەن ئاخىرقى نەتىجە ئوڭ تاناسىپ بولمايدۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس، شۇڭا پەقەت بىرخىللا باھاسى بار،شۇنداقلا قويغان باھا بەك تۆۋەن بولسا ئاسانلىقچە ئىشەنمەڭ.
(3) ۋاكالەتچىنىڭ سىزگە خەۋپ - خەتەرنى ئەسكەرتكەن - ئەسكەرتمىگەنلىكىگە قاراپ بېقىڭ. ھەرقانداق تاۋار ماركىسىنىڭ خەۋپ ـ خەتىرى بولىدۇ، ھېچقانداق تاۋار ماركىسى ئىلتىماسىدا ئازراقمۇ خەۋپ ـ خەتەر يوق دېيىشكە بولمايدۇ، لاياقەتلىك ۋاكالەتچى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئادا قىلىشقا تېگىشلىك خەۋپ ـ خەتەرنى ئۇقتۇرۇپ قويۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، ئۈندىدار ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغۇچىغا مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بولغان خەۋپ ـ خەتەرنى ئۇقتۇرىدۇ، مەسىلەن، تاۋار ماركىسىنى رەت قىلىش ھەققىنى قايتۇرماسلىق، تاۋار ماركىسىدا مەۋجۇت بولۇش ئېھتىمالى بولغان كونكرېت خەۋپ ـ خەتەر قاتارلىقلار( بۇ خەۋپ-خەتەر ماركىنىڭ تەستىقلانماسلىقىنى كۆرسىتىدۇ) بۇ ئىنتايىن مۇھىم؛
 (4) تۇنۇشلاردىن مەسلىھەت ئېلىپ كۆرسەتمىسى بويىچە تاللىسىڭىز بولىدۇ. دوستلىرىڭىز ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەر تونۇشتۇرغان ماركا ۋاكالەتچىلىك ئورنى ئادەتتە بىر قەدەر ئىشەنچىلىك بولىدۇ، قانداقلا بولمىسۇن ئۇلار ھەمكارلاشقاندىن كېيىن كەسىپچانلىقى، مۇلازىمىتى ياخشى دەپ ھېس قىلسا ئاندىن سىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ، تونۇشلار بىر - بىرىگە تېخىمۇ كۆپ ئىشەنچ تۇيغۇسى بېرىدۇ؛
 
ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 
ھەمبەھىرلەش