شىنجاڭدا بىركۈندە قانچە دانە ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنىدۇ؟


   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى كارخانا-تىجارەتچىلەر  2024-يىلى 11- ئايغىچە رويخەتكە ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىنىڭ سانى جەمئىي 751مىڭ 628 پارچە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىناۋەتلىك تاۋار ماركىسى 423مىڭ 791 پارچە، دىمەك، رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىلىرىنىڭ % 56  ئىناۋەتلىك بولغان. 2023-يىلى بىريىلدا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ سانى 88613 پارچە بولۇپ، 2024-يىلى 11- ئايغىچە بولغان 11 ئاي ئىچىدە 74مىڭ 927 پارچە ماركا رويخەتكە ئىلتىماس قىلىنغان. يەنى ئېيىغا 6811 پارچە ماركا ئىلتىماس قىلىنغان، كۈنىگە بولسا 227 پارچىدىن توغرا كىلىدۇ.  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى كارخانا-تىجارەتچىلەرنىڭ 2024-يىلىدىكى رويخەتكە ئىلتىماس قىلغان ماركا سانى دۆلىتىمىزدىكى 5 ئازسانلىق مىللەت رايۇنلىرى ئىچىدە گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن قالسىلا 2- ئورۇنغا تىزىلغان.

يوقارقى سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرىۋالالايمىزكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى كارخانا-تىجارەتچىلەر تاۋار ماركىسى ئىلتىماس قىلىشقا بىرقەدەر ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، نوپۇس سانى نىسبىتى بويىچە پەرەز قىلساق، ئۇيغۇر كارخانىچى-تىجارەتچىلەرنىڭ 2024-يىلى رويخەتكە ئىلتىماس قىلغان ماركا سانىنى 30 مىڭ پارچە ئەتراپىدا دىيىشكە بولىدۇ، بەلكىم بۇ سان توغرا بولماسلىقى مۈمكىن. لىكىن، شۇ ئېنىقكى ، ئۇيغۇر كارخانىچى-تىجارەتچىلەر رويخەتكە ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىنىڭ سانى باشقا قېرىنداش مىللەتلەرگە قارىغاندا كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ.
قىسقىسى،كىشىلەرنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ يوقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ،  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى كارخانىچى-تىجارەتچىلەر ماركا ئىلتىماس قىلىشقا ، ئۆزىنىڭ ماركا ھوقۇقىنى قانۇن ئارقىلىق قوغداشقا بارغانسىرى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ كەتتى. نەچچە يۈز يۈەننىڭ كۆزىگە قارىماي ئۆز ماركىسىنى قانۇنلۇق رويخەتكە ئالدۇرۇپ خاتىرجەم سودا-تىجارەت قىلىش يەنىلا ئاقىلانىلىك ۋە يىراقنى كۆرگەنلىكتۇر.


ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىزنىڭ ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.

 
ھەمبەھىرلەش