ئورنىڭىز: باش بەت ئۇچۇر-ساۋاتلار
ئىھتىيات قىلىڭ! ماركا ئىلتىماسىنىڭ چوقۇم تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ
«تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش» نۇرغۇنلىغان تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلغۇچىلار ماركا ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىدىن كۈتىدىغان ۋەدە، لېكىن كۆپ ھاللاردا بۇ بىرخىل ئالدامچىلىق ۋە توزاقتۇر. چۈنكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ ئۆزىدە بەلگىلىك خەۋپ ـ خەتەر بار، تەكشۈرۈش قاراڭغۇ مۇددىتى، ئادەم تەكشۈرۈش تۈزۈمى، رەت قىلىش مېخانىزمى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش يۈزدە يۈز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ھەر قانچە كەسپىي كوللېكتىپمۇ پەقەت سىزنىڭ ماركا ئىلتىماسىڭىزنىڭ تەستىقلىنىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىڭىزگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدۇ. بۇ مۇلازىمەت ئورگىنىنىڭ كەسپىي سەۋىيىسى ۋە ئىناۋىتىگە باغلىق. ئەگەر بەزى ماركا ۋاكالەتچىلىرى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ چوقۇم تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋەدە بەرسە، چوقۇمكى ئۇلار سىز تاپشۇرىدىغان ماركا رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققى، قايتا تەكشۈرۈش ھەققى قاتارلىقلارنى تېپىشنى ئويلايدۇ، بەلكىم باشقا ھەق ئېلىش توزىقى سىزنى ساقلاپ تۇرۇشى مۇمكىن.
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ تەستىقلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋەدە بېرىش قانۇنغا خىلاپ، ئۇنداق ساختىپەزلەرنى پاش قىلسىڭىز چوقۇم بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كىرەك؟
تاۋار ماركىسىنى ئالدىن سۈرۈشتۈرۈش
تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن، كارخانا تاۋار ماركىسىنى تولۇق سۈرۈشتۈرۈپ، ئوخشاش تۈردىكى تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئالدىنقى ھوقۇق ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى تاۋار ماركىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
مۇنتىزىم ماركا ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنى تاللاش
كارخانىلار مۇنتىزىم سالاھىيەتكە ئىگە، كەسپىي سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى ماركا ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنى تاللاپ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشى كېرەك. ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى،ئامما ئارىسىدىكى نامى قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تاللاشقا بولىدۇ.
تاۋار ماركىسىنىڭ روشەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش
تاۋار ماركىسىنىڭ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇشى، ئاسان پەرق ئەتكىلى بولىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئورتاق نام، تەسۋىرىي سۆزلۈك قاتارلىقلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. روشەن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
بۆلۈپ ئىلتىماس قىلىش، مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ
ئەگەر تاۋار ماركىسى كۆپ ئېلېمېنتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا، ھەر قايسى ئېلېمېنتلارنى ئايرىپ ئىلتىماس قىلىشنى ئويلىشىشقا بولىدۇ. بۇنداق بولغاندا، قىسمەن ئېلېمېنتلارنى رويخەتكە ئالدۇرغىلى بولمىسىمۇ، باشقا ئېلېمېنتلار يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك رويخەتكە ئالدۇرۇلۇشى مۇمكىن.
تاۋار ماركىسىغا بولغان باشقىچە پىكىر، قايتا تەكشۈرۈشكە ئىلتىماس قىلىش
تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، باشقىچە پىكىر بېرىش، قايتا تەكشۈرۈشكە ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق ھالقىلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. كارخانا ۋاكالەتچى ئاپپاراتقا پائال ماسلىشىپ، ئالاقىدار دەلىل - ئىسپات ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنى شىنجاڭ قۇياش ماركا ئىشلىرى شىركىتى تەييارلىغان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شىركىتىمىز ماركا ۋاكالەتچىلىك ھوقۇقى بېرىلگەنلەردىن باشقا ھەرقانداق شەخسنىڭ رۇخسەتسىز ئىشلەتمەسلىكىنى قاتتىق ئەسكەرتىمىز.
ھەمبەھىرلەش